شۇڭقار بولدۇڭ، شۇڭقاردەك ياشاپ
2020.11.23
مەخمۇتكا، سېنى ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئاڭلىدىم، ئىشەنگۈم كەلمىدى. سەن ئۆلۈپ كەتمىدىڭ، پەقەتلا ئارىمىزدىن ئاللاھقا كەتتىڭ. ناخشاڭ بىلەن ئۇيغۇرغا، ئەركەكلىك جاسارىتىڭ بىلەن ئاللاھقا ياراپ كەتتىڭ. سەن ئىچىڭگە سىغماس ناخشاڭنى ئېيتالمايدىغان يەردىن ئۆچتۈڭ، تەبەسسۇم ئۆچكەن توپراقتىن كۆچتۈڭ. ئىچىڭدىن چىقىرىپ كۈلەلمىگەن زاماندىن، جاھان ئۇيغۇرغا تار بولغان، جانلار رەقىپلەرگە خار بولغان بۇ كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇڭ، ئۆلۈم كۆزلەرگە گۈل كۆرۈنۈپ كەتكەن بۇ كۈنلەردە بىزلەردىن ئۇزاپ كەتتىڭ.
سەن 30 يىل مۇققەدەم «رىۋايەت» نى ئوقۇغاندا، مەن كۆك بۆرىگە ئەگىشىپ كۆك ئاسماندەك ھۆرلۈكنى قۇچاقلاشقا تەشنا بىر ياش ئىدىم. ئەجدادىمنىڭ ھۆرلۈك ئۈچۈن ياشىغان تارىخىنى سېنىڭ رىۋايەتسىمان ناخشاڭدىن ئۆگەندىم. سەن ماڭا ئوخشاش تۈمەنلىگەن ياشلارغا ئەجدادىمىزنىڭ ھەر زامان قامالغا، قاماققا، قىيناققا، قاراڭغۇلۇققا كۆنمىگەن بۆرىسىمان ئەركىن تارىخىنى ئەسلەتتىڭ. سەن بىزگە ئەجدادىمىزغا لايىق ھۆر ياشاشنى، ھۆرلۈك ئۈچۈن ياشاشنى، ھەر قاچان كۆكتەك بىپايانلىققا، كۆكتەك سۈزۈكلۈككە، كۆكتەك يۈكسەكلىككە تەلپۈنۈشنى سىڭدۈردۈڭ. سەن كۆك بۆرىنىڭ زۇلمەتكە، كۆندۈرۈشكە، بويسۇندۇرۇشقا مەڭگۈ ئىسيان قىلىدىغان بىر نۇر، كەلگۈسىگە تۇتاشقان بىر يول ئىكەنلىكىنى كۈيلىدىڭ.
سەن ۋەتەننى ئانىغا ئوخشىتىپ، «ۋەتىنىم ئانامسەن كۈيلەيمەن سېنى، ئوغلۇم دەپ جەڭلەرگە ئۈندەيسەن مېنى» دەپ كۈيلىگەنلىرىڭدە كىشىلەر نارازى بولغان. ناخشاڭنى «ئۇيغۇرۇم ئانامسەن» دەپ ئۆزگەرتىپ ئوقۇشقان ئىدى. سەن ۋەتەن ھەققىدە ناخشا ئېيتقاندا، كىشىلەر خاتا چۈشەنگەن ئىدى، چۈنكى ئۇلارغا تېڭىلغان، يادىلتىلغان ۋەتەن ئۈرۈمچىدە ئەمەس، بېيجىڭدا ئىدى. ئۇلارنىڭ ۋەتەن ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرى تەڭرىتاغقا تاندۇرۇلغان، تىيەنئەنمېنىگە باغلاقلىق ئىدى. مەسۇم مىللىتىمىز ۋەتىنىم ئانام دېيىلگەندە تارىمنىڭ باغرىنى ئەمەس، سېرىق دەريانىڭ ھاۋزىسىنى ئەسلەشكە مەجبۇر ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇرنىڭ ھەر قېتىم ۋەتەن دېيىلگەندە چىشلىرى كىرىشەتتى. چۈنكى ئۇلار ۋەتەن دېگەندە تىيەنئەنمېندىن باشلانغان يالغاننى ئەمەس، شەھىدانە خوتەننىڭ راسىتچىللىقىنى، ئەزىزانە قەشقەرنىڭ قەيسەرلىكىنى، غازىيانە ئاقسۇنىڭ باتۇرلۇقىنى كۆرەلمەي ئارماندا ئىدى.
سېنىڭ بىزگە كىملىكىمىزنى ئۆگەتكەن «رىۋايەت» دېگەن ناخشاڭ بىزنى بىر قىلغان، ھۆرلۈككە جۆر قىلغان، بىر يۈرەكتىن تارالغان قان، بىر ئەجداتتىن يارالغان جان قىلغان ئىدى. سەن ناخشاڭ بىلەن بىزنى ئۇيغۇر قىلغان تارىخنىڭ، تومۇرلاردا ئاققان ئوغۇزخان، قاراخان ۋە بۇغراخانلاردىن قالغان تەۋەرۈك قاننىڭ رىۋايەت ئەمەسلىكىنى سىڭدۈردۈڭ. سەن بىزگە ناخشاڭدا كۆيلەنگەن ۋەتەننىڭ تارىخقا كۆمۈلگەن جەسەت ئەمەس، ھەر زامان تۇغۇلىدىغان، تەييار بولغانغا نېسىپ بولىدىغان پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتىڭ. تەڭرىتاغ، ئالتاي، قاراقورۇم، كۆكئارت ئاتىلىپ تەڭرىدىن بىزگە ئىنايەت قىلىنغان بۇ توپراقلارنىڭ، تارىم، ئىلى، ئىرتىش، تۈمەن، ئۆگەن، قاش، يۇرۇڭقاش ئاتىلىپ بىزگە مىراس قالغان بۇ تەۋەرۈكلەرنىڭ خان بوۋىلار، خانىش مومىلاردىن مىراس قالغان بۇ ماكان، بۇ مۈلۈك ۋە بۇ ئامانەتلەرنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەسلىتىپ تۇردۇڭ كۈيلىرىڭدە.
«ئەركەك» دەپ چېلىپ ئۆتتۈڭ، ئوقۇپ ئۆتتۈڭ، يېشىڭ ئەستەغپۇرۇللاغا يەتكەندە خىتاينىڭ ئەڭ داڭلىق مۇزىكا ئىنىستىتوتىنى قازىنىپ يېڭىپ ئۆتتۈڭ. ئەركەكلىكنى كۈيلەپ، ئەركەكتەك ئېگىلمەي تىك ياشاپ ئۆتتۈڭ. ئۇيغۇرنىڭ ئەركەكلىكى جىنىستا ئەمەس، جاسارەتتە، شەكىلدە ئەمەس شىجائەتتە دېگەننى ناخشاڭ بىلەن جاكارلاپ ئۆتتۈڭ.
ئەركەكتەك ياشىدىڭ ئۆزۈڭمۇ. ئەڭ ئېغىر كۈنلەردىمۇ ئەركەكتەك ياشاشتا زەبەردەست تۇردۇڭ. شۇ زۇلۇم زىندانلىرىدا بېلىڭنى ئەگمىدىڭ، تىلىڭنى قايرىپ كالدىرلىمىدىڭ خىتايچە خۇشامەتكە. ئۇيغۇرچە چىققان تىلىڭنى زورلىمىدىڭ زۇلۇمنىڭ زۇۋانىغا، ئوقۇمىدىڭ خىتاينىڭ تىلىدا. ماسلاشماي پاك كەتتىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا.
ماختىمىدىڭ ياۋنى، ياتلارنى. مەدھىيەلىمىدىڭ باشقىلار كەبى، ياۋۇزلۇقنىڭ سۇلتانى تىرىك فاشىست شى جىنپېڭنى. ماختىمىدىڭ ھۆكۈمەتنىلا، ئەمەس ھىچ بىر ھۆكۈمراننى. جاللاتلارنىڭ زورىدا، نەپ ئېلىشنىڭ كويىدا مىدىرلاپ تاشلىمىدى بارماقلىرىڭ تەۋەرۈك تارلاردا. باشقىلاردەك زامان كەڭرىسە ھاجىم، تارىيىپ كەتكەندە زالىمغا لازىم، ھاكىمىيەتكە مۇلازىم بولۇپ ياشاشنى راۋا كۆرمىدىڭ. دەيدىغانلار بار، ھەقىقەت ئېگىلىدۇ سۇنمايدۇ دەپ، ئەمما ساڭا ياراشقان ھەقىقەت ھېچ ئېگىلمىدى، ھېچ بىر مەنپەئەت سۇندۇرمىدى قەددىڭنى. باھانە تاپىدىغانلار تالاي، مىللەت ئۈچۈن ئېگىلدىم، سىلەر ئۈچۈن سۇندۇم دەيدىغان. كېرەك ئەمەس سۇنغانلار بىزگە، ئېگىلىپ ياشاش قۇلغا يارىشار. ئۇيغۇر ئەسىر بولۇر قۇل بولماس، خاراپ بولۇر خار بولماس. بۇ مىللەت ئەركىن مىللەت، ئەركىنلىكنىڭ مىللىتى، ھېچ قاچان تىز چۆككەنلەرنى قەھرىمان دېمەس. بۇ مىللەت تىز چۆكۈپ ياشىغاندىن تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ئەلا دەيدىغان ئەركەكلىكنىڭ مىللىتى، بۇ مىللەت توشقاندەك يۈز يىل ياشىغىچە يولۋاستەك بىر ياشاپ بۈگۈنگە ئۇلاشقان مىللەت.
ئۇيغۇرغا كەلگەن بۇ مىسلىسىز مۇسىبەتنىمۇ كۆردۈڭ، كۆز ئالدىڭدا ئابلكىم كەلكۈننىڭ تۇتۇلغانلىقىغا شاھىت بولدۇڭ، رەشىدە داۋۇتنى تۈرمىگە ئۇزاتتىڭ، قەشقەردە بىللە چاي ئىچكەن ئەختەم ئۆمەرنى زىندانغا يوقلاپ بارالماي ئېزىلدىڭ بەلكىم. مەخمۇتكا، ئايىغى چىقماس مۇسىبەتكە سۈكۈتتە سىقىلدىڭ! چىدىمىدىڭ بەلكى، كېسەل بولۇپ كەتتىڭ، جان ئالغۇر يۈرەك كېلىسىلى بولۇپ ئارىمىزدىن كەتتىڭ.
سەن كەتتىڭ مەخمۇتكا، غەلبىمىزنى كۆرەلمەي كەتتىڭ، كۆك بۆرىنىڭ يايلىدەك ئۈرۈمچىدە يەلپۈنىدىغان كۆك بايراقنى سۆيەلمەي كەتتىڭ. مىڭ ئۈچ يۈز يىل بۇرۇن جاھان سورىغان بوۋىلار بىزگە مەڭگۈلۈك ئۆگۈتلەرنى قالدۇرغان، يىمىرىلمەس تاشلارغا پۈتكەن مەڭگۈ تاشلاردا ئۆلدى دېمەي، شۇڭقار بولدى دېگەن ئىكەن. ئەجدادىمىز ئۇيغۇرنىڭ تىرىكىنىلا ئەمەس ئۆلۈكىنىمۇ چىگراسىز كۆكلەردە پەرۋاز قىلىدىغان ھۆر شۇڭقارغا ئوخشاتقان ئىكەن. خىتاي شاھلىرىغا ئۇيغۇر دېگەن سۆزنى شۇڭقاردەك ھۆر پەرۋاز قىلىدىغان دېگەن مەنىدىكى خىتايچە خەتلەر بىلەن يازدۇرغان ئىكەن. مەخمۇتكا، سەنمۇ شۇڭقار ئىدىڭ، شۇڭقار بولدۇڭ بۇغراخانلار ھوزۇرىغا، ئاماننىساخاننىڭ ئۆلمەس كۆيلەر ئالىمىگە، مەھمۇد قەشقەرىدەك ئۆلۈمسىز روھلار دۇنياسىغا. شۇڭقاردەك ياشاپ، شۇڭقار بولۇپ ئۇچۇپ كەتتىڭ.
سەن ھۆر ئەجداتلارنىڭ روھلار ساماسىغا پەرۋاز قىلدىڭ، بىزگە ئۆلۈم دېگەن سۆزنى ئەسلىتىپ، ئۆلمەس ۋەتەننى يىغلىتىپ، تىرىكلەرگە قانداق ياشاشنى ئەسكەرتىپ قويۇپ كەتتىڭ.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.