ئەللامە مۇھەممەد ئىقبال ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى

0:00 / 0:00

ئەللامە مۇھەممەد ئىقبال يېقىنقى زامان ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر مۇتەپپەككۇر، تونۇلغان شائىر شۇنداقلا پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەنىۋىي قۇرغۇچىسى.

ئۇ ئۆزىنىڭ مول مەزمۇنلۇق شېئىرلىرى، ئىسلام روھىنى چۈشىنىش ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرى شۇنداقلا ئىسلام پەلسەپىسى ۋە ئىجتىمائىي تېمىدىكى ئەسەرلىرى بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىگە مەنىۋىي يولباشچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتكۈل شەرق ئىسلام دۇنياسىنىڭ قايتا ئويغىنىشىغىمۇ زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.

مۇھەممەد ئىقبال 1877 - يىلى ئەنگىلىيەگە قارام ھىندىستاننىڭ پەنجاب ئۆلكىسى (ھازىرقى پاكىستاننىڭ پەنجاب ئۆلكىسى) گە قاراشلىق سىيالكۇت شەھىرىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا دادىسىنىڭ «قۇرئاننى ياخشى چۈشىنەي دېسەڭ، خۇددى ساڭا نازىل قىلىنىۋاتقان كەيپىياتتا ئوقۇ!» دېگەن سۆزىنىڭ تەسىرى بويىچە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن قۇرئان كەرىمنى ئۆگەنگەن. ئاندىن ئىسلام ئەدەبىياتى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئالىي مائارىپنى تاماملىغاندىن كېيىن پەنجابتىكى شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىنچە ئەنگىلىيەگە بېرىپ كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1905 - يىلى پەلسەپە ۋە ئىقتىساد ئىلمىي بويىچە دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئاندىن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. شۇندىن كېيىن گېرمانىيەگە يۆتكىلىپ ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە پەنلىرى بويىچە ئىككىنچى دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ شۇ يىللاردا ئۆزىنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ھەمدە ئىسلام پەلسەپىسى ساھەسىدىكى ئەسەرلىرى بىلەن غەرب ئەللىرىگىمۇ تونۇلغان.

مۇھەممەد ئىقبال 1908 - يىلى ئىلىم ساھەسىدىكى زور شان - شەرەپلەر بىلەن ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەن. بۇ دەل ئوسمانلى سۇلتانلىقى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ ئىسلام خەلپىلىكى يىقىلىش ئالدىدا تۇرغان، پۈتكۈل شەرق مۇسۇلمان ئەللىرى غەربنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىدا مەنىۋىي چۈشكۈنلۈك ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يىللار ئىدى.

ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زېممىسىگە ئېلىپ مۇستەملىكە ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ۋەتىنىگە قايتقان ئىقبال بىر تەرەپتىن قەلەم كۈرىشى ئېلىپ بېرىپ مۇسۇلمانلارنى ئويغىنىشقا چاقىرسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن مەيدانغا چۈشۈپ ئاكتىپلىق بىلەن سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىدۇ. شۇ يىللاردا ئۇنىڭ «مەڭگۈنامە»، «شەرقنىڭ قوزغىلىشى»، «نەجەم زەبۇرى»، «ئىسلامدا دىنىي تەپەككۇرىنىڭ قايتىدىن شەكىللىنىشى»، «ئۆزلۈكنىڭ سىرى» قاتارلىق بىر يۈرۈش نادىر ئەسەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن يورۇقلۇققا چىقىپ پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغايدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى مەۋجۇت رېئاللىق ھەقىقىي رەۋىشتە ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، مۇسۇلمانلاردىكى شەكىلۋازلىق ۋە ئىسلام روھىدىن يىراقلىشىپ كېتىشتەك بىر قاتار مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ئۇ قۇرئان كەرىمنى تۈپ پىرىنسىپ قىلغان ھالدا مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ھەقىقىي مەنىدىكى ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى قاناتيايدۇرماي تۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋىي ئويغىنىشقا ئېرىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ قىيىن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

مۇھەممەد ئىقبالنىڭ بىر يۈرۈش پىكىر تەلقىنلىرى شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئىسلاھات تەشەببۇسلىرى ئەينى زاماندا نىل دەرياسىدىن تاكى قەشقەر تۇپراقلىرىغىچە بولغان مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئويغىنىشىغا چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە ئۇ 1938 - يىلى، يەنى ھىندىستان يېرىم ئارىلى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىدىن ئازاد بولۇشتىن 9 يىل ئىلگىرى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ئەسەرلىرى ۋە ئىدىيە بايلىقى بىلەن «پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەنىۋىي قۇرغۇچىسى» بولۇپ قالدى.

ئازادجان بۇغرا پاكىستان ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدا ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشقان شۇنداقلا قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن بىلىم ئادەملىرىنىڭ بىرىدۇر. بىز ئازادجان بۇغرا بىلەن مۇھەممەد ئىقبال ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.