خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى قوپال پوزىتسىيەسى ۋە ھەتتا ئۇنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى قاتارلىقلار ئارقىلىق دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى بىردىنلا دىققەت قوزغاپ، خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانماقتا. خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھەققىدە ئوخشىمىغان مۇلاھىزىلەرنى پەيدا قىلماقتا. بەزى كۆزەتكۈچىلەر بولسا شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى بارچە ھوقۇقنى قولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى خىتاينىڭ «قۇدرەتلىك ئادىمى» قىلىپ تىكلىمەكچى بولۇشىنى قانداقتۇر خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇدرىتى ئېشىپ بېرىۋاتقاننىڭ ئالامىتى، دەپ قارىۋېلىشنىڭ خاتالىقىنى ئەسكەرتمەكتە.
ئامېرىكىلىق ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى جورج فىرىيدمەن بۇ ھەقتە بۈگۈن «كەلگۈسى گىئو-سىياسەت» ناملىق تور بېتىدە ئېلان قىلغان «خىتاي رەئىسى كۆرۈنگىنىدەك كۈچلۈك بولماسلىقى مۇمكىن» ماۋزۇلۇق مۇلاھىزىسىدە يۇقىرىدىكى نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق دەپ باشلىغان: «نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكتىن بىر دىكتاتورغا ئايلىنىشىنى خىتاينىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ ئارتىشىنىڭ ئالامىتى دەپ قارىۋالماقتا. ئەمما مەن ئۇنداق دەپ قارىمايمەن. . . دىكتاتور تۈزۈم ساغلام بىر سىستېما ئۈستىگە قۇرۇلمايدۇ، بولۇپمۇ خىتايدا ئۇنداق ئەمەس. تارىختىن بېرى خىتاي ھەر قېتىم باش كۆتۈرگەندە مۇقىملىقىنى يوقاتقان. مۇقىملىقىنى يوقاتقاندا ئۇ بىر دىكتاتورنى تىكلەپ چىققان. مەيلى ئۇ بىر ئىمپېراتور بولسۇن ياكى بىر پارتىيە سېكرېتارى بولسۇن، ئۇ ئاخىرى بېرىپ بىر دىكتاتور ئىدى. مانا مۇشۇ ئارقا كۆرۈنۈشكە ئاساسەن مەن شۇنداق بىر نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن: ئۇ بولسىمۇ شى جىنپىڭنىڭ قۇدرىتى پەقەتلا بىر كۆرۈنۈش، خالاس!»
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش» نامى ئاستىدا ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى، جۈملىدىن خىتايدىكى مۆتىدىل لېبىرالىستلار بىلەن ئىنتېرناتسىئونالىزمچى ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى تەرغىب قىلغۇچىلارنى تازىلىغان. كۆرۈنگەننىڭ ئەكسىچە، خىتايدا نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلارنىڭ سانى يەنىلا ئىنتايىن كۆپ بولۇش بىلەن بىرگە ئىقتىسادىي زەردارلارنىڭمۇ كۆپى شى جىنپىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىماقتىكەن. خىتايدىكى پروفېسسورلار، دىپلوماتلار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، بولۇپمۇ دېڭىز قىرغىقىدىكىلەر شى جىنپىڭ دۆلەتنى باشلاپ مېڭىۋاتقان يۆنىلىشتىن قاتتىق قايغۇرماقتىكەن. مانا بۇ ئۈچ گۇرۇپپىنى قوشۇلغاندا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە تەھدىت پەيدا قىلالىغانلىقى ئۈچۈن شى جىنپىڭ بۇ ئۈچ گۇرۇپپىنىڭ ئۆزىگە قارشى بىرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتىكەن.
ئامېرىكىدىكى «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدا ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭغا قارشى نارازىلىق ئىنتايىن كۈچلۈك بولسىمۇ، ھېچكىمنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ئۆكتە قوپالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ تاللاش خاراكتېرىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى پارتىيە ئىچىدە زور نارازىلىق قوزغىغان، ئاۋام خەلقىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۇ چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىن بىر نەپكە ئېرىشمىگەن. ئەمما ھازىرقى تۈزۈم ئاستىدا خەلق ئىچىدە بولسۇن، پارتىيە ئىچىدە بولسۇن، ھەتتا پارتىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى شى جىنپىڭدىن نارازى بولۇۋاتقان بىر گۇرۇپپىنىڭمۇ ئۇنىڭغا قارشى تەشكىللىك ھالدا بىر قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئىنتايىن قېيىن بولماقتىكەن. خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قارىماققا ئۇ خۇددى شۇنداق كۈچلۈكتەك، دۈشمىنى يوقتەك تەسىر بەرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ دۈشمىنى ئىنتايىن كۆپ. ھەر قېتىم يىغىن ئېچىلىشتىن ئاۋۋال ۋەزىيەت شۇنداق جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. چۈنكى ئەمەلىيەت ئۇنىڭغا ئايان. شۇنىڭغا شى جىنپىڭدا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى يوق. ئۇ پەقەت ھازىر خىتايدىكى سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە سىياسىي تاكتىكىسىغا تايىنىپلا بۇ نارازىلىق ئاۋازلىرىنىڭ چىقىشىغا يول قويمايۋاتىدۇ.»
جورج فىرىيدمەن ئۆزىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىكتە چىققان نارازىلىق نامايىشلىرىنى دەل جايىدا بەدىلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ بېسىقتۇرۇۋېتىشى ۋە شۇنداقلا خىتاي دىپلوماتلارغا ۋە يەرلىكتىكى ئەمەلدارلارغا قەرەللىك ھالدا ھەيۋە كۆرسىتىپ تۇرۇشىدىكى سەۋەبمۇ مانا بۇ ئۆزىدىن نارازى بولغان يۇقىرىدىكى بۇ ئۈچ گۇرۇپپىنىڭ بىرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا چىقىۋاتقان سودا ئىختىلاپىمۇ شى جىنپىڭنىڭ ئىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ خىتاي ئۈچۈن زور بىر تەھدىت ئىكەن. چۈنكى ئىقتىسادتىكى بۇ ئىختىلاپ خىتايدا مۇقىمسىزلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىكەن.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ خىتايدا ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ھاكىممۇتلەقلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاي ئىچىدە بەك قارشىلىق چىققاندەك قىلمىغان بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكا قاتارلىق ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئازراق بولسىمۇ بىر ئۈمىد بىلەن قارايدىغان دۆلەتلەرنىڭمۇ كۆز قارىشى ئۆزگەرگەن. يەنى بۇ دۆلەتلەر ھاكىممۇتلەق بىر خىتاي دۆلىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ پەقەتلا خىتاي خەلقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن بىر خەۋپ يارىتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. خۇ پىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتايغا بولغان كۆز قاراشلار پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. بۇ جەھەتتىن قارىغاندىمۇ، خىتايدا شى جىنپىڭنى خاتا قىلدى، دەپ نارازى بولۇۋاتقانلار كۆپ.»
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئىختىلاپىنىڭمۇ ھازىر شى جىنپىڭ ئۈچۈن يەنە بىر باش ئاغرىقى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ئامېرىكا بىلەن داۋاملىق ئېلىشىۋېرەي دېسە، بۇ ئۆزىگە زىيان. ئەمما ئېلىشماي دېسە، بۇ دۆلەت ئىچىدە ئۆزىنى ‹كۈچلۈك ئادەم› دەپ ياراتقان ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ھازىر شى جىنپىڭ قانداق قىلىشىنى بىلمەي تەڭقىسلىقتا قالدى.»
جورج فېردمەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئىختىلاپىدا دىپلوماتىك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كەينىگە چېكىنىشى ۋە ئامېرىكىغا يول قويۇشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى ھەرىكەتلىرىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭغا ئۆزى ۋە دۆلىتى ئۇچراۋاتقان تەھدىت بەش قولدەك ئايان بولغاچقا ئۇ بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ، ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنى قاتتىق توسماپتىكەن. ئەمما ئاپتور بۇنىڭدا شى جىنپىڭنىڭ قانچىلىك نەتىجە قازىنىدىغانلىقىغا قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «. . . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، شى جىنپىڭ پەقەتلا بىر ئادەم. ئۆزىگە يېتەرلىك دۈشمەن يىغىۋالغان ۋە نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن چىقىرىۋەتكەن بىر كىشى. ئاقىۋەتتە، ھەرقانچە كۈچلۈك بىر دېكتاتورنىڭمۇ ئورنى تەۋرەيدۇ، ئەلۋەتتە،» دەپ يازغان.
0:00 / 0:00