«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىشتا ئەڭ كۆپ تەكىتلەپ كېلىۋاتقان سىياسىي شوئارى.
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى «خەلق قۇرۇلتىيى»، «سىياسىي كېڭەش» قاتارلىق ئورگانلارنىڭ خىزمەت يىغىنلىرىدا، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نىڭ بۇ ئورگانلارنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى سۈپىتىدە تەكىتلىنىشى تېخىمۇ دىققەت قوزغىدى.
27-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش» نىڭ 12-نۆۋەتلىك 22-قېتىملىق دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاساسىي خىزمەت نىشانى قىلىپ بەلگىلەنگەن. يىغىندا يەنە سىياسىي كېڭەشنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىدىكى ھەرقايسى قاتلاملىرىدا پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش،» دېگەنلەر تەكىتلەنگەن.
ئۇنداقتا خىتايدىكى «سىياسىي كېڭەش» قانداق ئورگان؟ ئۇ قۇرۇلغاندىن بۇيان خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىدە قانداق رول ئويناپ كەلدى؟ ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا مىللەتلەرنى ئىدارە قىلىشىدا قانداق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان؟ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «سىياسىي كېڭەش» قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئاساسلىق خىزمەت نىشانى قىلىپ بەلگىلىنىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
تۈركىيەدىكى خىتاي سىياسىتى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئېرىتىپ خىتايلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى. ھالبۇكى «سىياسىي كېڭەش»، «خەلق قۇرۇلتىيى» دېگەنلەر بولسا، ئۇنىڭ بۇ سىياسىي ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىدا قوللىنىپ كېلىۋاتقان ياردەمچى ئورگانلىرى ئىكەن.
ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇڭگان پائالىيەتچىسى سۇلايمان گۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى سىياسىي كېڭەش غەرب دۆلەتلىرىدىكى «پارلامېنت» تىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان سىياسىي ئورگان ئىكەن.
سۇلايمان گۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ سىياسىي كېڭىشى بىلەن غەربتىكى پارلامېنت ئوخشىمايدۇ. ئۇ خەلقنىڭ رايىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسى تەسىس قىلغان بىرلىكسەپ خىزمىتىنى قىلىدىغان سىياسىي ئورگان. ئۇنىڭ ئاساسىي خىزمىتى خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئىجتىمائىي جامائەت كۈچىنى كونترول قىلىش».
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىدارە قىلىش سىياسىتىدە، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمىتى ھەققىدە يەنە مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتاي شىنجاڭ دەپ ئاتىۋالغان مۇستەملىكە رايونىدا سىياسىي كېڭەشنىڭ يەنە بىر ۋەزىپىسى، كومپارتىيە ئۇنىڭغا تاپشۇرغان سىياسىي تەشۋىقات خىزمىتىنى قىلىش. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىچكى جەھەتتە ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تەشۋىق قىلىش›، تاشقى جەھەتتە ‹شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش› ئارقىلىق، كومپارتىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا، ئىچكى جەھەتتە مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، تاشقى جەھەتتە خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە چاپانچىلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ كەلمەكتە.»
نيۇ-يوركتىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ما جۈ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1949-يىلدىن ئىلگىرىكى «سىياسىي كېڭەش» بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەتنى پۈتۈنلەي قولغا ئالغاندىن كېيىنكى سىياسىي كېڭەش خاراكتېر جەھەتتىن پەرق قىلىدىكەن.
ما جۈ مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى سىياسىي كېڭەش، 1949-يىلى يەنى خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانۇنى بەلگىلىمىلەرنى تۈزىدىغان ئاساسىي ئورگان ئىدى. ئەينى چاغدا بۇ ئۇنىڭ دېموكراتىك بىر ئورگان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەتنى پۈتۈنلەي قولغا ئالغاندىن كېيىن، يەنى 50-يىللارنىڭ دەسلىپىدە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ئەڭ ئالىي ئورگانغا ئايلاندى. بۇ ئەمەلىيەتتە دېموكراتىيە دېگەن ئوقۇمنىڭ چۆرۈۋېتىلىشى بولدى. ھالبۇكى ئاتالمىش خەلق ۋەكىللىرىنى خەلق سايلىمايدىغان بەلكى كومپارتىيە سايلايدىغان بولدى. شۇندىن ئېتىبارەن سىياسىي كېڭەشمۇ كومپارتىيەنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر توپلانغان نامى بار ئەمىلى يوق ئورۇنغا ئايلاندى».
ماجۈ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋەزىپىسى دەپ بەلگىلەنگەن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ھەققىدە مۇنداق دېدى:
«ھازىر باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئېڭى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى يوقىتىش سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى قىلىنىپتۇ. ئۇلار دەۋاتقان ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى› دېگىنى خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ياكى توپلۇقلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى، تارىخىنى يوقىتىش. بۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر خىتاي دۆلىتى چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق باشقا مىللەتلەرنىڭ زېمىنىنى، بايلىقلىرىنى ھەتتا بارلىقىنى ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىگە يېتىش. بۇ يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق پىلانىنى ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىنمۇ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا، مەدەنىيەت جەھەتتە يوقىتىشنى تېزلەشتۈرۈش. مانا بۇ شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان يولغا قويغان سىياسىتىنىڭ داۋامى».
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلاردىن خىتاي ۋەزىيىتى مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ نۆۋەتتە شى جىنپىڭ تەكىتلەۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «سىياسىي كېڭەش» دەپ ئاتالغان بۇ ئورگاننىڭ خىزمىتى ۋە رولى ھەققىدە ھالدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئاۋۋال «سىياسىي كېڭەش» نىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنى ئىدارە قىلىشتا ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتا ئوينىغان رولى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، «سىياسىي كېڭەش» خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىدە، كومپارتىيە بىلەن باشقا پارتىيەسىز تەرەپلەر ۋە باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئورتاقلىقى ھاسىل قىلىدىغان تەرەپسىز «دەرنەك» يەنى تەشكىلات دەپ تەرىپلەيدىكەن. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇ پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن. ئۇنىڭ ۋەزىپىسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولۇش ئىكەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە شى جىنپىڭ تەكىتلەۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىجرا ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ، ئۈرۈمچىدىكى «سىياسىي كېڭەش يىغىنى» دا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭىنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى قىلىنىشىدىكى ئاخىرقى مەقسەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى، بۇ ئورگاننىڭ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى، سىياسىي ھوقۇقلىرى تەلەپلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ قانۇن دەرىجىسىگە ئاپىرىدىغان ئورگان ئەمەسلىكى، جۈملىدىن دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى پارلامېنتلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.