ئىلشات ھەسەن: «ھېچكىم ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ۋە قەلبىنى بويسۇندۇرالمايدۇ!»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.01.09
balilarni-xitaylashturush-niye-nahiyesi-1.jpg ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى X تە ھەمبەھىرلىگەن، يېڭى يىل ھارپىسىدا «دوۋيىن» دا تارقىتىلغان ۋىدېيودا خوتەن ۋىلايىتى نىيە ناھىيىسى رۇكىيا يېزىسىنىڭ مەركەز يەسلىسىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيگەن ھالەتتە خىتايچە ئۇسسۇل ئويناپ، دۇمباق چېلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2023-يىلى 31-دېكابىر، نىيە ناھىيىسى.
X/Ilshat H. Kokbore

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى نىشان قىلغان مېڭە يۇيۇش ۋە تېز سۈرئەتتە خىتايلاشتۇرۇش تەشۋىقاتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يېڭى يىل ھارپىسىدا خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان «دوۋيىن» دا، خوتەن ۋىلايىتى نىيە ناھىيەسى روقىيا يېزىسىنىڭ مەركەز يەسلىسىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ 2024-يىللىق يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىدىن بىر قىسقا كۆرۈنۈش كۆرسىتىلگەن. 12 سېكۇنتلۇق بۇ قىسقا ۋىدىيودا، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيگەن ھالەتتە خىتايچە ئۇسسۇل ئويناپ، دۇمباق چېلىۋاتقانلىقى؛ شۇنداقلا ھەممىسىنىڭ خىتايچە يېڭى يىل تەبرىك سۆزى سۆزلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

بۇ قىسقا ۋىدىيونى «X» تە ھەمبەھىرلىگەن ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنۇ بايانلارنى يازغان. «شى II (يەنى قىزىل 2-ئەۋلاد) نىڭ خىتاي ئىمپېرىيەسى ئۇيغۇرلارغا زوراۋانلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنى خىتاي مەدەنىيىتىنى ‹تەشۋىق قىلىش› نىڭ قۇلى بولۇشقا مەجبۇرلىدى. بۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى ‹تەشۋىق قىلىش›تىن باشقا ئامالى يوق. ئۇلار كىچىكىدىن تارتىپلا خورلۇق، مىللىي كەمسىتىش ۋە زۇلۇمنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىماقتا. ھالبۇكى، ھېچكىم ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى ۋە قەلبىنى بويسۇندۇرالمايدۇ. بىز ئۆز مەدەنىيىتىمىز، ئەنئەنىمىز ۋە ئېتىقادىمىزنى جانلاندۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاننى قايتا قۇرۇپ چىقىمىز!»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ۋىدېيونى كۆرگەندىن كېيىنكى ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، سەھنىنىڭ كەينىدىكى چوڭ ئېكراندا كۆرۈنۈپ تۇرغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتى. 2021-يىلى 28-ئىيۇن، بېيجىڭ.
خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، سەھنىنىڭ كەينىدىكى چوڭ ئېكراندا كۆرۈنۈپ تۇرغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتى. 2021-يىلى 28-ئىيۇن، بېيجىڭ.
AP

ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر فولكلورى كەسپى بويىچە ئوقۇتقۇچى بولغان، نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مېھرىئاي مەمتېلى خانىممۇ بۇ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا نۇقتىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان «نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، بېغىنى بوغۇپ تاشلاش» تەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش گىردابىغا يۈزلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە مەۋجۇدىيىتى ئۈچۈن ئاخىرىغىچە تىركىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىگە قارىتا مېڭە يۇيۇش خاراكتېرلىك قىزىل تەلىم-تەربىيە تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە.

گېرمانىيەدىكى مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى پەنلىرىنىڭ دوكتورى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە داخىل بولدى. ئۇ بۇ ۋىدىيودىكى كۆرۈنۈشلەردە ئۇيغۇر بالىلىرىغا پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى كىيگۈزۈلگەنلىكى، ئۇلارنى خىتايچە ئۇسسۇل ئويناتقانلىقى، شۇنداقلا خىتاي تىلىدا يېڭى يىل تەبرىك سۆزلىرىنى سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى تونۇشىغا، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ روھىي ۋە پسىخىك دۇنياسىغا كۆرسىتىدىغان پاسسىپ تەسىرى ھەققىدىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىلشات ھەسەن ئەپەندى «X» تە بۇ ۋىدېيونى ھەمبەھىرلىگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۇ ۋەزىيىتىگە قارىتا ئۆز ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىنكاس قايتۇرغانلار بولغان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىق سىياسىتىنى ئاقلاپ، ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغۇچىلارمۇ بولغان. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى «X» تىكى ۋىدىيوغا، شۇنداقلا باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە ھەر خىل سۇپىلاردا ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلار ھەققىدە توختىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك يىغىن-پائالىيەتلىرى، نامايىشلىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئاۋام پۇقرالار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر ھەم ئۈنۈم كۆرسەتتى. ھالبۇكى، خىتاي بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چېگرا ھالقىغان تەتۈر تەشۋىقات ھەرىكىتىنىمۇ كۈچەيتىشكە كىرىشكەن، ھەتتا چەت ئەللەردە بىر قىسىم كىشىلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى خىتايغا تەرەپدارلىق قىلىشقا، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئالدىنى توسۇشقا سالغانلىقىمۇ ئاشكارا بولغان ئىدى. ئۆتكەن يىلى 16-نويابىر كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ سان-فىرانسىسكودىكى موسكونو مەركىزىدە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقاندا، ئۇنىڭغا قارشى نامايىشچىلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ياللىۋالغان خىتاي تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش دەل شۇنىڭ مىسالىدۇر. ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ 2023-يىلى دېكابىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىرېلاندىيەدىكى بىر ھەپتىلىك ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمۇ شۇ جايدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تۈرلۈك توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان ئىدى. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ ئۆتكەن يىلى 8-دېكابىر كۈنى ھىندونېزىيەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى داۋامىدا، بىر قىسىم خىتايپەرەس ھىندونېزىيەلىكلەر مۇداخىلە پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ ھىندونېزىيە تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتابىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ھەم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ خىل توسالغۇلۇقلىرىغا قارىماي، ئۆز پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.