ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە ياتلىق بولۇش ھادىسىسى ۋە بۇنىڭ كەينىدىكى سىرلار
2025.01.09
ئاز دېگەندىمۇ يېقىنقى ئون يىلدىن بېرى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە ياتلىق بولۇش ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار يوقلۇقتىن «بارلىققا كېلىش، كۆپىيىش ۋە نورماللىشىش» قىچە بولغان باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتتى. تېخى 2010-يىلىدىكى خىتاينىڭ 6-قېتىملىق دۆلەتلىك نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتىنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ تۆۋەن نىسبەتتە تۇرىدىغانلىقى خىتاي ئىچىدە زور تەنقىد ۋە مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغانىدى. ھالبۇكى، قىسقىغىنە ئون نەچچە يىل ئىچىدە بۇ ئەھۋالدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بېرىپلا قالماي، بەلكى ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشى «نورماللاشقان» دەك تۇيغۇ بېرىدىغان ھالەتكە يەتتى. ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىنغۇچى، خىتايلار بولسا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغۇچى مىللەت سۈپىتىدە، ئۆز ئارا تويلىشىش ئەمەس، ھەتتا ئىناق ئۆتۈشىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر ئىش ئىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى «تويلىشىش» نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ماھىيىتىگە خىلاپ ھالدا «كۆپىيىشى»، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشقا باشلىدى. يەنى بۇ خىل ھادىسىنىڭ كۆپىيىشى يالغۇز تاشقى دۇنيانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا بولغان قارىشىدا سوئال پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ نۆۋەتتە كۈچلۈك دىققەت ۋە مۇنازىرىلەرنى قوزغىماقتا. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە ياتلىق بولۇش ھادىسىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەر زادى نېمە؟
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىش مەسىلىسىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە كۆپىيىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان «نىكاھ ئەركىنلىكى» بىلەن ئازراقمۇ مۇناسىۋىتى يوق! بۇنداق كېسىپ ئېيتىش بەلكى نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇمانغا سېلىشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي تەشۋىقات سۇپىلىرىدىن تارقىلىۋاتقان خىتاي بىلەن تويلاشقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ «چىرايىدىكى خۇشاللىق ۋە توي مەرىكىلەردىكى گۈزەل مەنزىرىلەر ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقاتلار» بۇ ھادىسىنىڭ كەينىدە زورلاش مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا شۈبھە پەيدا قىلىشى تەبىئىي. ئۇ ھالدا، بىز ئالدى بىلەن ئەنە شۇ «ھەقىقەت» تەك كۆرسىتىلگەن تەشۋىقاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرەيلى.
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئورگان تورىدا 2022-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئىسلاھاتتىن كېيىن خىتايدىكى مىللەتلەر ئارا تويلىشىشتىكى ئون چوڭ ئۆزگىرىش» ناملىق دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ 1982-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتى بېرىلگەن (گىرافىكتا كۆرسىتىلگىنىدەك). بۇ نىسبەت بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتى 1982-دىن 2015-يىلىغىچە بولغان 23 يىل ئىچىدە خىتاي بويىچە ئەڭ تۆۋەن نىسبەتنى ساقلاپ كەلگەن. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىشىنىڭ بۈگۈنكىدەك «نورماللاشقان» ھالىتى پەقەت كېيىكى 10 يىلدا پەيدا بولغان دېيىشكە بولىدۇ. بىز ئاۋۋالقى 23 يىل ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىش نىسبىتى بىلەن ھازىرقى ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىش نىسبىتىنىڭ تۇيۇقسىز كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ نورمال بىر ھادىسە بولمىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز.
دەرۋەقە، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تويلىشىشنىڭ بۈگۈنكىدەك تۇيۇقسىز كۆپىيىشىنى نورمال ھادىسىدەك تەشۋىق قىلىشنىڭ ئۆزىلا ئەڭ چوڭ نورمالسىزلىق! ئۇنداقتا، بۇنداق بىر نورمالسىزلىق قانداق شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى ياكى چىقىرىلدى؟
ئۇيغۇرلارنىڭ زادى قاچاندىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيىش تەس بولسىمۇ، لېكىن 2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغانلىقىدا كۆپ تالاش-تارتىش يوق. ھەتتا شۇنداق بولغانلىقىنى خىتاي ئۆزى 2019-يىلى ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش كۈرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى ئاقتاشلىق كىتابى» دا ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان. ئەگەردە 2009-يىلىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارىساق، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق پىلانىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئۇنىڭدىمۇ بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھالبۇكى، 2009-يىلىدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن تارتىپ تاكى «بارىن ئىنقىلابى» غىچە بولغان 20 يىلدەك ۋاقىت، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مىللىي زىددىيەت ئەڭ يۇقىرى چەككە چىققان ۋاقىت دېيىشكە بولىدۇ. بۇمۇ دەل ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى تويلىشىش نىسبىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكنى ساقلاپ قالالىشىدىكى مۇھىم سەۋەبتۇر.
دەرۋەقە، 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن خىتاينىڭ ھاكىمىيەت دۈشمىنى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى ئاشكارا. بۇنداق بىر ئەھۋالدا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر ئېسىمىزدە بولسا، 2010-يىلى خىتايدا ئېچىلغان «مەركەزنىڭ تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» خىتاي تەرىپىدىن شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەسى تۈزۈپ چىقىلغان يىغىن دېيىلگەن. 2014-يىلى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» ھەققىدىكى ئاشكارىلانغان مەخپىي يوليورۇقىدا، بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. يەنى، ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇش، ئەۋلادىنى ئۈزۈش، بېغىنى كېسىش، مەنبەسىنى كېسىۋېتىش (断根、断代、断联、 断源) نىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى ئېنىق دېيىلگەن.
قارايدىغان بولساق، 2014-يىلى خىتاي بىلەن توي قىلغانلارنى 10 مىڭ يۈەن خىتاي پۇلى بىلەن مۇكاپاتلاش تەدبىرى چەرچەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلىشىشىغا خىتاينىڭ بىۋاسىتە قول تىقىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. 2014-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە 200 مىڭ خىتاي كادىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان يىل بولۇپ، ئۇيغۇرلار مىللەت بويىچە «ئۈچ خىل كۈچ گۇماندارى» دەپ قارالغان. بۇ ۋەجىدىن ئاتالمىش «ئۇيغۇر خەلقىگە يېزىلغان ئوچۇق خەت» لەر تەشۋىق قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» تىن چەك-چېگراسىنى پۈتۈنلەي ئايرىپ، مەيدانىنى ئاشكارا جاكارلىشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇيغۇر دىنىي زاتلار «ئالما ئۇسسۇلى» غا چۈشۈرۈلگەن، ئۇيغۇر كەنت كادىرلىرى چوشقا گۆشىنى «ئۆز ئىختىيارلىقى» بىلەن يېگەن، چوشقا باققان، ئۆز كىملىكىنى خىتاي كىملىكىگە ئۆزگەرتكەن، مۇسۇلمان كىملىكىدىن ۋاز كەچكەنلىكىدەك تۈرلۈك «يېڭىلىق» لار ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىققان. ھەتتا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلەر كوللېكتىپ ھالدا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىكىدەك «ئۈچ خىل كۈچنى كۈرەشكە تارتىش، گۇناھىغا تۆۋە قىلدۇرۇش» قا، ئۆز ئارا نازارەتچىلىك قىلىش ۋە گۇمانلىق كىشىلەرنى ھۆكۈمەتكە چېقىشتۇرۇشقا قويۇلغان. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تويلاشقاندا نىكاھ ئوقۇش، ئۆلۈم-يېتىمدە ئىبادەت قىلىش قاتارلىق ئۆرپ-ئادەتلىرىمۇ رادىكاللىق دەپ چەكلەنگەن. «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى مەلۇماتلىرىدا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندىمۇ، بۇ ۋاقىتلاردا خىتايلار بىلەن تويلىشىشنى رەت قىلىشمۇ ئوخشاشلا رادىكاللىق دەپ بېكىتىلگەن.
يىغىنچاقلىغاندا، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە توي قىلىش ھادىسىسىنىڭ كۆپىيىشى دەل شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇش، ئەۋلادىنى ئۈزۈش، بېغىنى كېسىش، مەنبەسىنى قۇرۇتۇش (断根、断代、断联、 断源) تەك ۋەھشىيانە ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆرسەتمىسى بىلەن ئەۋجىگە چىققانلىقى ئېنىق. يەنى بۇ ھادىسىنىڭ كەينىدە خۇددى «قارىساڭ كۆزۈڭنى ئويىمەن، يىغلىساڭ تىلىڭنى كېسىمەن!» دېگەندەك رەزىل تەقىبلەشلەرنىڭ بارلىقىنى تەخمىن قىلىش تەس ئەمەس.
دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى خۇددى جورجى ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق رومانىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكى خىتاينىڭ نازارىتى ئاستىدا بولغان، ئۆزلۈكىنى ئىپادىلەش، پىكىر بايان قىلىشلار پۈتۈنلەي چەكلەنگەن، تۈرلۈك نازارەتلەر ھەممە يەرنى قاپلىغان، كىشىلەر ئارىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئىمكانى يوقىتىلغان… قىسقىسى، ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي ئەرلىرىگە تويلىشىشتا ياق دېيىشلا ئەمەس، بەلكى ئازابلىنىشقىمۇ يول قويۇلمايدىغان بىر ۋەزىيەتتە دەپ پەرەز قىلىشقا تامامەن بولىدۇ. لېكىن مۇشۇنداق تەقىبلەشلەر ئاستىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتىنىڭ يەنىلا خىتاي ئارزۇ قىلغاندەك كۆپ ئەمەسلىكى كىشىنى ئۈمىدلەندۈرىدۇ. يەنى خىتاي مەنبەلىك ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتى 2020-يىلى خىتاينىڭ 7-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشىدە يەنىلا 0.62 پىرسەنتلىك تۆۋەن نىسبەتنى ساقلاپ قالغان. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ «دوۋيىن»، «تىك-توك» قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە توختىماي تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە ئۆزلىرى خالاپ تېگىشى ۋە بۇنداق تويلىشىش نىسبىتىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي رېئاللىقى بىلەن مۇئەييەن پەرقى بارلىقىنى؛ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشى «نورماللاشقان» دەك كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىدىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قىسقىسى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي ئەرلىرىگە ياتلىق قىلىشنى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنىڭ بىر ئۇسۇلى قىلىش، مەدەنىي دۇنيادا قوبۇل قىلىنمايدىغان قەبىھلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلۈكىنى ساقلاش ۋە كىملىكىنى قوغداش ئېڭىنى خىتاينىڭ ئىرادىسىگە قارشى ھالدا تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، خالاس!
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]