«ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى كۆيلەيدىغان «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» ئويناشتا مۇسابىقىلەشتى
2015.01.17
خىتاي دائىرىلىرى، بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» نى يىغىپ ئۇلارنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى كۆيلەيدىغان «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» نى ئويناش مۇسابىقىسىگە سالغان. بۇ ھەقتە پىكر يۈرگۈزگەن ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنى روھىي زۇلۇمنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دېيىشتى.
بىزگە بۇ ھەقتە كەلگەن سىن كۆرۈنۈشلەرگە قارىغاندا، ساقالسىز، ساقاللىق، ئەمما ياشلىرى ئېنىق بولمىغان12 نەپەر ئۇيغۇر ئەر دىندار سەھنىگە چىقىپ، «كىچىك ئالما ناخشىسى» غا بەل ۋە يانپاشلىرىنى تولغاپ، ھەرەڭ - سەرەڭ ھەرىكەتلەر بىلەن ئۇسۇل ئوينىغان.
بۇ ناخشىنىڭ مۇزىكىسى ۋە ئۇسۇلنىڭ قەدەملىرى ئۇيغۇرچە ناخشا - ئۇسۇلدىن تولىمۇ يىراق بولغاچقا، بۇ بىر توپ كىشىلەر سەھنىدە گۈلدۈر - غالاپ قىلىپ، تولىمۇ كالانپاي ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
سىن ھۆججىتى پەقەت مۇسابىقىنىڭ 3 يېرىم مىنۇتلۇق قىسمىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، باشقا گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بېرىلمىگەن.
بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن كانادادىكى ئۇيغۇر يازغۇچى غۇلام ئوسمان ئەپەندى مۇنداق دېدى: بۇ كىشىلىك غۇرۇرنى دەپسەندە قىلىشنىڭ يەنە بىر شەكلى، بۇ داۋام قىلسا كىشى كۆنۈپ قالىدۇ ۋە بۇ خىلدىكى غىدىقلاش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى كىشىلەرنى كەلگۈسىدە دىنىي ۋە مىللىي قەدىريەتلەر تېخىمۇ چوڭقۇر ھۇجۇمغا ئۇچرىسا بۇنىڭغا غەزەپلەنمەيدىغان قىلىش.
ئۇ يەنە بۇنى دىنىي نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: دىندا «ھارام» دەپ چەكلەنگەن، بىر نەرسىنى شۇ دىننىڭ يېتەكچىلىرى يولمىش دىنىي زاتلارغا قىلدۇرۇش، مەنىۋىي ۋە روھىي جەھەتتىكى زۇلۇمنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پەقەت ئۇچتۇرپانغىلا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
رادىئومىز ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىدە يوپۇرغا ناھىيىسىدە داۋاملىشىۋاتقان «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» مۇسابىقە ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى.