ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ۋەزىيىتى زىيالىيلارنى ئوز مىللىتىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلاندۇرماقتا (3)
2017.10.09

نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئىنتايىن خەتەرلىك ۋەزىيەت ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە قايغۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئويلاندۇرماقتا. بۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئوپتىكا ئىنژېنېرى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئابدۇغېنى سابىت ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىگە قاراتقان چەكلىمىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن باشقا يەنە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارغا قەدەر قىلىۋاتقان زىيانكەشلىك ۋە تەھدىتلىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ۋەتىنى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىشى قاتارلىق زۇلۇملار ئىلگىرى «سىياسىيلىقتىن خالى» يول تۇتۇپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قايتا ئويلاندۇرماقتا.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلار، «ئۇيغۇر مىللىتى دەۋرىمىزدە مىللىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا، جەسۇر ۋە رېئال پوزىتسىيەگە ئىگە زىيالىيلارغا ئېھتىياجلىق،» دەپ چاقىرىق قىلماقتا. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكىدىكى ئوپتىكا ئىنژېنېرى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، «بۇ يەردىكى مەسىلە زىيالىيلارنىڭ سىياسىيغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىق مەسىلىسى ئەمەس. ئىنسان نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ زۇلۇمغا قارشى چىقىشى ئەڭ ئەقەللىي بىر ئۇقۇم بولغانلىقىدەك، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ئۈچۈنمۇ ئۆز مىللىتى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قارشى چىقىشنىڭ ئۆزى ئىنسانلىق تۇيغۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەقەللىي ئىنكاس،» دېدى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى يەنە ھازىرقى ئەھۋالدا چەتئەللەردىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ زىيالىيلىققا خاس بۇرچىنى ئادا قىلىشى يېتەرلىك ئەمەس، دېدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، زۇلۇمىغا قارشى كۈرەشتە زىيالىيلار چوقۇم باشلامچى بولۇشى كېرەك ئىكەن.
بۈگۈنكى سۆھبەتكە قاتناشقان گوللاندىيەدىكى پائالىيەتچى زىيالىيلاردىن ئابدۇغېنى سابىت ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ دەردىنى ئاڭلىتالمايدىغان بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بېسىملارنى دۇنياغا توغرا ئاڭلىتىش -- چەتئەلدىكى زىيالىيلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ۋە تۇپراققا بولغان ھەققىنى ئادا قىلىشتۇر.»
ئۇنىڭ قارىشىچە، زىيالىيلارنىڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئىختىلاپ تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت بولسىمۇ، ئەمما مىللەتچىلىك ئېڭى شەكىللەنمىگەندە، مىللەتنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەش بولمايدۇ. پىداكارلىق يېتىلمىگەندە بىلىم پەقەتلا شەخسنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان نۇرغۇن رېئال مەسىلىلەر زىيالىيلاردىن كۈچ چىقىرىشنى، رېئال پوزىتسىيە بىلەن پىلانلىق ھالدا خىتاينىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ۋە ئاجىزلىقلىرىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئەللەرگە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئابدۇغېنى ئەپەندى ئاخىرىدا ئۇيغۇر زىيالىيلاردىكى ئويغىنىشتىن ئۈمىدلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «مىللەتكە تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بېرەلەيدىغان زىيالىيلار بولىدىكەن، ئۇ ھالدا مىللىي مەۋجۇتلۇقتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق،» دەپ كۆرسەتتى.