خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان بېتى بولغان تەڭرىتاغ تورى تۈنۈگۈن فىرانسىيەنىڭ ئاياللارنىڭ ئورىنىۋېلىشىنى چەكلەش قانۇنى ۋە ئىجرائاتلىرى ھەققىدە بىر تونۇشتۇرۇش ماقالىسى ئېلان قىلغان. ماقالىنى ئوقۇغان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر ماقالىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمىلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئېلان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە خىتايدىكى ئورىنىۋېلىشنى چەكلەش بىلەن فىرانسىيەدىكى ئورىنىۋېلىشنى چەكلەش ئارىسىدىكى ماھىيەتلىك پەرقلەر ئۈستىدە پىكىر بايان قىلدى.
بىز بۇ تېمىدا ئالدى بىلەن تەڭرىتاغ تورىدىكى مەزكۇر سېلىشتۇرما ھەققىدە تۈركىيەدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى ئەختەم ئەپەندىنىڭ پىكرىنى سورىدۇق. سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن ئەختەم ئەپەندى، فىرانسىيەنىڭ دېموكراتىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي فىرانسىيەنىڭ ئورىنىۋېلىشىنى چەكلەش قانۇنىنى ئۆگىنىشتىن ئاۋۋال فىرانسىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ۋە ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش ئەنئەنىسىنى ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىشغالىيەتچى بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قانۇن چىقىرىش ھەققى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سىياسىي كۆزەتكۈچى ئەختەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، فىرانسىيەنىڭ ئورىنىۋېلىشنى چەكلىشى، بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ جەمئىيەتكە كەڭ ئارىلىشىشى، فىرانسىيەدىكى مەۋجۇت ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىنى مەقسەت قىلغان، خىتاينىڭ چەكلىشى بولسا، ئۇيغۇرلارنى مىللىي ۋە دىنىي كىملىكتىن ئۇزاقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
كۆزەتكۈچى ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، فىرانسىيەدىكى ئورىنىۋېلىش مەسىلىسى، فىرانسىيە ئاخباراتىدا تالاش-تارتىش قىلىنغان، كەڭ مۇلاھىزە قىلىنغان، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ توغرا-خاتاسى ئايرىلغان ۋە ئاخىرىدا فىرانسىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ئىجرا قىلىنغان؛ ئەمما ئۇيغۇر رايونىدىكىسى ئۇنداق ئەمەس، بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇرلارغا پىكىر قىلىش، مۇنازىرىلىشىش، چۈشەندۈرۈش ھەققىمۇ بېرىلمىگەن، پەقەت خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قارارى بىلەن ئىجرا قىلىنغان ۋە قورچاق بىر مەجلىسنىڭ ساختا تەستىقى بىلەن ئىجرا قىلىنغان.
كۆزەتكۈچى ئەختەم ئەپەندىنىڭ ئېلخەت ئارقىلىق بەرگەن جاۋابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ئورنىۋېلىشى قانداقتۇر ئەركىنلىكتىن قېچىش ئەمەس، بەلكى زورلىنىۋاتقان خىتاي مەدەنىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، چەكلىنىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى قوغداش ۋە ھەتتا خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرىگە قارشى مەيدان ۋە پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان.
كۆزەتكۈچى ئىلشات ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئوخشاش نۇقتىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئورىنىشنى چەكلىشى بىلەن فىرانسىيەنىڭ چەكلىمىسى ھەققىدىكى ماھىيەتلىك پەرقلەر ھەققىدىكى مەلۇماتنى ئاڭلايسىلەر.
بۇ ماقالىنى ئىلتەبىر تەھرىرلىدى.
0:00 / 0:00