شى جىنپىڭنىڭ ئافرىقا سەپىرىدىن قايتىشىدا تۇيۇقسىزلا ئۈرۈمچىگە كېلىشىدىكى سەۋەب زادى نېمە؟

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2023.08.28
Xi-jinping-urumchi-urumqi شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتى يىغىنىدا سۆز قىلىۋاتىدۇ، 2023-يىلى 26-ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى
cctv

26-ئاۋغۇست شى جىنپىڭ «كېسەك دۆلەتلىرى» رەھبەرلىرىنىڭ 15-قېتىملىق ئۇچرىشىشىدىن قايتىپ تۇيۇقسىزلا ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولغان. ئۇ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر قاتار مەخسۇس «يوليورۇق» لارنى بەرگەنلىكى مەلۇم. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى چەت ئەل سەپىرىدىن كېيىن ئالدى بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ، ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى زۆرۈر ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ بېيجىڭغا بېرىشتىن ئاۋۋال ئوپۇل-توپۇللا ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىشىدە زادى قانداق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن؟

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 27-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن قارايدىغان بولساق، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق «شىنجاڭ زىيارىتى» نىڭ سەۋەبسىز بولمىغانلىقىنى بايقايمىز. شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە بىڭتۈەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغان. ئاندىن خىتاينىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش نىشانى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمىتى» گە بولغان تەلىپىنىڭ ئىنتايىن ئېنىقلىقىنى، يەنى بۇ تەلەپنىڭ يەنىلا مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، قۇدرەت تېپىشى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرى بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى باش تېما قىلغان ھالدا تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار «يوليورۇق» لارنى بەرگەن.

بىرىنچىدىن، ئاتالمىش خەۋپ-خەتەرنى باش مەنبەسىدىن تۈگىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى تىنچ شارائىتتىمۇ داۋاملاشتۇرۇش؛

ئىككىنچىدىن، ھەرقانداق قانۇن-نىزامنى چىقىرىشتا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرگە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» ئېڭىنى قوبۇل قىلدۇرۇشنى ئاساسىي نىشان قىلىش. ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كىملىكىنى قوبۇل قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئۇنىڭدىن باشقا خىتايلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلىشىش رايونلىرىنى پۈتكۈل رايوندا تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىش؛

ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈرۈشنى تېزلىتىش؛

تۆتىنچىدىن، ئاتالمىش «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» ئىستراتېگىيەسى بويىچە خىتاي كادىرلارنى داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، نازارەتنى كۈچەيتىش. شۇنداقلا «فېڭچياۋ مىتودى» بويىچە ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك كونتروللۇققا ئېلىش؛

بەشىنچىدىن، خەلقئارا ساياھەتچىلىكنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش ھەمدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايىسى» تەشۋىقاتى ئارقىلىق، خەلقئارادىكى سەلبىي پىكىرلەرگە زەربە بېرىش، ۋەھاكازالار.

يۇقىرىقى نۇقتىلاردىن قارايدىغان بولساق، بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ كونكرېت ئېلىپ بېرىلىش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز تەس ئەمەس. دېمەك، شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق «يوليورۇق» ىدىمۇ ئوخشاشلار ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ يەردە شى جىنپىڭ تەكىتلەۋاتقان دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئاساسى دەل ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرۇش ۋە يوقىتىش مەسىلىسىدۇر. ئاتالمىش مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، مائارىپ ۋە ئىسلام دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ۋە خىتاي كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرۈش، ئاتالمىش «فېڭچياۋ مىتودى» بويىچە ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىش، خەتەرنى باش مەنبەدىن تۈگىتىش قاتارلىقلارنى بولسا، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش ۋە ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇشنى تېز سۈرئەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش مېخانىزمى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايىسى» ئارقىلىق خەلقئارادىكى سەلبىي پىكىرلەرگە رەددىيە بېرىش تەشۋىقاتى مۇنداق ئىككى ئامىلنى كۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىن. بىرى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىتىنى داۋاملىق تۈردە خەلقئارادىن يوشۇرۇپ قېلىش؛ يەنە بىرى، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى قايتا تۈزەپ، دۇنياغا خوجا بولۇش چۈشىنى روياپقا چىقىرىشتىن ئىبارەت.

ئۇنداقتا، شى جىنپىڭنىڭ «كېسەك دۆلەتلىرى» ئۇچرىشىدىن قايتىپلا ئۇدۇل ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تېز سۈرئەتتە داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ قارىماققا، «كېسەك دۆلەتلىرى» يىغىنىدىن ئىبارەت ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىدىغان بىر يىغىن بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى باغلاش ئەقىلگە ئۇيغۇن بىر ئىش ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر يىغىندا ئېلان قىلغان ئون تۆت مىليارد دوللار ياردەم پۇلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە قارايدىغان بولساقلا، بۇ ئىشنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز تەس ئەمەس.

 «كېسەك دۆلەتلىرى» ئۇچرىشىشىدا، شى جىنپىڭ ئويلىمىغان يەردىن خىتاينىڭ ئاللىبۇرۇن 4 مىليارد دوللارلىق «يەر شارى تەرەققىياتى ۋە قوش جەنۇب ھەمكارلىق فوندى» تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى تاڭ قالدۇرغان ئىدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇ يەنە پات ئارىدا خىتاينىڭ مەزكۇر فوند ئۈچۈن يەنە 10 مىليارد دوللارلىق مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان شى جىنپىڭنىڭ ئافرىقا سەپىرى ۋە ئۈرۈمچى سەپىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت دەل بۇ فوندنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن زىچ باغلانغان دېيىشكە بولىدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «قوش جەنۇب ھەمكارلىقى» بولسا، جەنۇبىي يېرىم شار ۋە شىمالىي يېرىم شارنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان تەرەققىي قىلىۋاتقان ياكى تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەمكارلىق سىستېمىسى 1974-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن مەزكۇر رايونلاردىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان. جەنۇبىي يېرىم شار ئاساسلىقى جەنۇبىي ئاسىيا، ھىندونېزىيە، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئافرىقا، ئوكىيانىيەنىڭ كۆپ قىسمى، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي قۇتۇپتىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە مەزكۇر رايونلاردىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەزا بولغان. يەنى خىتاي 2023-يىلى ئىيۇنغىچە دۇنيادىكى 152دىن ئارتۇق دۆلەتلەر بىلەن ئاتالمىش «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈپ بولغان. شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «قوش جەنۇب ھەمكارلىقى» ئىچىدىكى دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، شى جىنپىڭنىڭ مەردلىك بىلەن 14 مىليارد دوللارنى يەر شارىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاتىۋېتىشى دۆتلۈكتىن ياكى بولمىسا ئابرۇيپەرەسلىكىنى قاندۇرۇۋېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىكى مۇتلەق كۆپ نامرات دۆلەتلەرنى قەرز پۇل بىلەن خىتايغا باغلاش ئارقىلىق، غەرب دېموكراتىيەسىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىپ، دۇنياغا خوجا بولۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ تىككەن دو دېيىشكە بولىدۇ.

ئاتالمىش «قوش جەنۇب ھەمكارلىقى» ئىچىدىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تۇزىقىغا چۈشۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن يوقىتىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى مەزكۇر دۆلەتلەر ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما رېئاللىق شۇكى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانى يولغا قويۇلغاندا، ئۇيغۇر ئېلى مەزكۇر پىلاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەركىزى قىلىپ بېكىتىلگەن. مەزكۇر پىلان بولسا خىتاي ئىچىدە خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى تۆمۈريول، تاشيول ۋە ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇشنى؛ خىتاي سىرتىدا بولسا خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنى ئاتالمىش «بىر بەلباغ بىر يول» كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە تاشقى جەھەتتىن باغلاشنى نىشان قىلغان. شۇنداق بولغاندا، خىتاي دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئىقتىساد، سىياسەت ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەش مەقسىتىگە يېتىدۇ. يەنى بۇ ئارقىلىق غەربنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەندۈرگەن دېموكراتىك دۇنيا تۈزۈلمىسىنى ۋەيران قىلىپ، ئورنىغا ئاتالمىش خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭىچە سوتسىيالىزم نامىدىكى مۇستەبىت دۇنيا كۈنتەرتىپىنى تۇرغۇزۇشنى ئاتالمىش «خىتاي چۈشى» نىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى دەپ قارايدۇ.

دېمەك، يۇقىرىقى مەقسەتلەرگە يېتىشتە خىتايغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئىككىلا ئامىل بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەۋپى؛ يەنە بىرى، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنى ۋەيران قىلىش خەۋپىدۇر.

بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇرلارنى تېز سۈرئەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن يوقىتىش ۋە بۇ جىنايەتنىڭ ئاشكارىلانماسلىقى خىتاي ئۈچۈن جىددىي زۆرۈرىيەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى «غەربنىڭ ئويۇنى» ، «غەربنىڭ ئويدۇرمىسى» قىلىۋېتىش، دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا ئەگىشىشىگە يول ئېچىپ، ئاتالمىش «خىتاي چۈشى» نى روياپقا چىقىرىدۇ.

دەرۋەقە، شى جىنپىڭنىڭ ئافرىقا سەپىرىدىن كېيىنلا ئۇدۇل ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تېز سۈرئەتتە داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە جىددىي كۆرسەتمە بېرىشىدىكى تۈپ سەۋەب دەل يۇقىرىقى ئىككى خەتەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

گەرچە خىتاي ئاتالمىش «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنى شۇنچە ئۇستىلىق بىلەن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم» دىن ئىبارەت يېڭى دۇنيا كۈنتەرتىپىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىغا تەھدىت ئىكەنلىكى خەلقئارادا ئاللىبۇرۇن ئورتاق قاراشقا ئايلاندى. ئەجەبا، يەر شارىدىكى ئىنسانلار خىتاي تەرىپىدىن «دۈشمەن» دەپ قارالغىنىدا، خۇددى ئۇيغۇرلاردەكلا ھەر ۋاقىت يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغان، دىنىي ئېتىقادى، تىل-يېزىقى، مىللىي مائارىپى، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ھۆرمەت قىلىنمايدىغان دۇنيا كۈنتەرتىپىنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇت دۇنيا كۈنتەرتىپىنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنى خالامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! شۇنىسى ئېنىقكى، پەقەت خىتاينىڭ ئەسلىي ماھىيىتى تولۇقى بىلەن ئېچىلغاندىلا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاتالمىش «غەربنىڭ ئويۇنى» بولماستىن، بەلكى خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسىلا، ئاندىن شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي ئارزۇسى» تەبىئىي ھالدا كۆپۈككە ئايلىنىدۇ!

***

 [بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.