خوتەن «شۆيۈەنى» نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە خىتاينىڭ خوتەندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتىش ئۇرۇنۇشى

ئامىستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.11.15
xoten-xueyuan-hoten-instituti-1024 «خوتەن شۆيۈەنى» قۇرۇلۇش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 8-نويابىر، خوتەن
ts.cn

بۇ يىل 8-نويابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورگان تور بېتى «خوتەن شۆيۈەنى قۇرۇلدى» ناملىق بىر خەۋەرنى «شىنجاڭ گېزىتى» دىن كۆچۈرۈپ تارقاتقان. خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ يىل مايدا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپى (1938-يىلى قۇرۇلغان) ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى (1984-يىلى قۇرۇلغان) نى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق قۇرۇپ چىقىلغان.

يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان بۇ ئىككى مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان خىتاينىڭ تۈرلۈك زىيانكەشلىكلىرىگە دائىر بىر قىسىم مەلۇماتلار تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلانغانىدى. مىسالغا ئالساق، 2013-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياغلىق قاتارلىق باش كىيىمى كىيىپ مەكتەپكە كىرىشى چەكلەنگەنلىكىگە قارشى كوللېكتىپ ئاچلىق ئېلان قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئەينى چاغدا ئاچلىق ئېلان قىلىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالاشقا ئۇچرىغانلىقى «ئۇيغۇر بىز» تور بېتى ئارقىلىق خەلقئاراغا ئاشكارىلىغانىدى.

2019-يىلى بولسا خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ 50 كە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇر ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان. بۇ ئۇچۇردا مەزكۇر مەكتەپنىڭ 500 گە يېقىن ئىشچى-خىزمەتچىسىنىڭ بارلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى مۇتلەق كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى، تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار سانى بولسا، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ 15 پىرسەنتىگە يېتىدىغانلىقى دېيىلگەنىدى.

دەرۋەقە، ئۆتكەن يىللاردا مەزكۇر مەكتەپتىكى مەيلى ئوقۇتقۇچىلار بولسۇن ياكى ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، ئۇيغۇر كىملىكى سەۋەبلىك تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغانلىقى ئاشكارا. ئۇ ھالدا بۈگۈن بۇ ئىككى مەكتەپنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاتالمىش «خوتەن شۆيۈەنى» قىلىپ ئۆزگەرتىشنىڭ كەينىدە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان يەنە قانداق شۇملۇقلار بولۇشى مۇمكىن؟

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «نۇر گېزىتى» نىڭ 2016-يىلى ئاپرېلدىكى بىر سانىدا، «بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار نېمىشقا خوتەندە قېلىپ قېلىشنى تاللايدۇ؟» ناملىق ماقالە بېرىلگەن. مەزكۇر ماقالىدا خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپىگە خىتاينىڭ سىچۈەن، يۈننەن، جياڭشى، خېنەن، گەنسۇ… قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2005-يىلىلا باشلىنىپ بولغانلىقى ۋە مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلى كەسپى تەسىس قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى كەسپىدە تەربىيەلىنىشنى تاللىشىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدە قېلىپ قېلىشنى تاللىغانلىق بولىدىغانلىقى، 2016-يىلىغىچە خوتەن پېداگوگىكىسىدا ئوقۇغان 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ خوتەندە قېلىپ قالغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزا-كەنتلەردىكى يەسلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەكتەپلەردە «قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى» بولۇپ خىزمەت قىلىدىغانلىقى، يەرلىكنىڭ «قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىغا بولغان ئېھتىياجى سەۋەبلىك، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئەۋزەل سىياسەتلەرمۇ ئالاھىدە ياخشى بولىدىغانلىقى» ۋەھاكازالار بايان قىلىنغان.

ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايدا، خىتاي تىلىنى «دۆلەت تىلى» سۈپىتىدە يەرلىك خەلققە زورلاپ تېڭىشنىڭ ئۆزىلا مەنتىقىسىزلىكتۇر. ئاپتونومىيە تەسىس قىلىشتىكى مەقسەت، ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئارقىلىق مەزكۇر خەلقنىڭ ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى، مائارىپىنى قوغداش ۋە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشىنى نىشان قىلىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ئاپتونومىيە تەسىس قىلىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى بولمايدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇردىن باشقا مىللەت ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولغان خوتەن قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي تىلىنى يەسلىگە، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئومۇملاشتۇرۇشتىكى مەقسەت زادى نېمە؟ ھالبۇكى، خىتاي تىلىنى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىش زۆرۈر دەپ قارالغاندىمۇ، يەرلىكتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي تىلى كەسپىدە تەربىيەلەشكە كۈچىسىلا بولاتتىغۇ؟! ئەمما خىتاي ئاھالىلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى كەسپىدە تەربىيەلەپ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاپ قېلىشى ئۈچۈن ئەۋزەل سىياسەتلەرنى تەمىنلەشنىڭ كەينىدە زادى قانداق بىر مەقسەت بارلىقى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ ئەلۋەتتە! دېمەك، بۇ قېتىم ئىككى مەكتەپنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاتالمىش «خوتەن شۆيۈەنى» قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنىڭ كەينىدە خىتايلارنىڭ خوتەندىكى نوپۇسىنى كۆپەيتىشنى نىشان قىلغان بىر ھۆكۈمەت ھەرىكىتى يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارا!

يۇقىرىقى خەۋەردىمۇ، «خوتەن شۆيۈەنى» نىڭ شىنجاڭغا ياردەم قىلىۋاتقان بېيجىڭ، تيەنجىن، ئەنخۇي قاتارلىق 30 نەچچە ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپتىن ئوقۇتقۇچى ۋە باشقۇرغۇچى خادىملارنى تەكلىپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا «خوتەن شۆيۈەنى» نى خىتاينىڭ «9 چوڭ كەسىپ توپى بەرپا قىلىش پىلانى» بويىچە «ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە مەكتەپ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى نىشانلىق ئورۇنلاشتۇرىدىغان، سانائەت، مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا بىر گەۋدىلەشكەن سىناق بازىسى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ دېگەنلىك، ئاتالمىش «خوتەن شۆيۈەنى» بۇنىڭدىن كېيىن «ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئادەم تەربىيەلەيدۇ» دېگەنلىكتۇر. يەنى، مەزكۇر مەكتەپتە تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار ئېھتىياجغا ئاساسەن پىلانلىق تەربىيەلەپ چىقىلىدىغان بولۇپ، خىزمەت تېپىش قىيىنچىلىقىدىن پۈتۈنلەي مۇستەسنادۇر. دېمەك، ئۇلار پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدە قېلىپ قالسىلا، ئەۋزەل شارائىت، ياخشى خىزمەتكە ئېرىشەلەيدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭدىن كېيىن يالغۇز خوتەن ۋىلايىتىگىلا ئورۇنلاشتۇرۇلماستىن، بەلكى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق ئۇيغۇر نوپۇسى ئاساسلىق نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ 9 چوڭ كەسىپ توپى قۇرۇلۇشى دەل ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى ئاساس قىلىدىغان بۇ رايونلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئاللىبۇرۇن قارار قىلىنىپ بولغان.

دەرۋەقە خىتاي گەرچە شۇنچە ئىنچىكىلىك بىلەن پىلان تۈزۈپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنگە قەدەر خوتەندىكى خىتايلارنىڭ سانى يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن ئەمەس. شۇنداق ئىكەنلىكىنى خىتاينىڭ 1964-يىلى ۋە 2020-يىلىدىكى نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدا خوتەندىكى خىتايلارنىڭ كۆپىيىش سانى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. يەنى 1964-يىلىدىكى ئىستاتىستىكىدا خوتەندىكى خىتاي نوپۇسى 24 مىڭ 849 بولۇپ، 2020-يىلى بۇ سان 72 مىڭغا يەتكەن. يەنى بۇ سان، خىتاي نوپۇسىنىڭ شىمالىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپىيىش نىسبىتىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ تۆۋەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن بىز خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسى مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان رايونلارغا كۆچمەن بولۇش مەسىلىسىدە يەنىلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. بۇ خىل ئېھتىياتچانلىق تەبىئىي ھالدا خىتايلارنىڭ بۇ رايونلاردا تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خىتاي ئىستاتىستىكىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى يەنىلا گۇمانلىق بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى زور مىقداردا يۆتكەپ كېلىش ئېھتىياجى نۇقتىسىدىن، بۇ خىل سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشۇرۇپ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ خىل ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي نوپۇسىنى ئاشۇرۇپ كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇنداق قىلغاندا، مەزكۇر رايونلارغا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆچۈپ كېلىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. گەرچە خىتاي ھەر خىل يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، كۆچمەن يۆتكەش سۈرئىتىنى تېزلەتمەكچى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدىغانلىقى يۇقىرىقى رېئاللىقلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. يەنى، ئىنسانلار ياشاش ئېھتىياجى ئۈچۈن ياقا-يۇرتلارغا كۆچۈشنى خالىسىمۇ، ئەمما بۇ خىلدىكى «ئېھتىياج ئۈچۈن كۆچمەن بولۇش»، ياقا-يۇرتلارغا مەڭگۈلۈك ماكانلىشىپ قېلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. 1950-1960-يىللاردا مىليونلىغان خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىگە ئاتالمىش «چېگرا رايونلارغا ياردەم بېرىش» نامىدا توپلىشىپ كېلىپ يەرلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما 1980يىللاردىكى «ئىسلاھات» تا، يەنىلا ئۆز يۇرتلىرىغا تۈركۈملەپ كېتىپ قېلىشلىرى، مۇشۇنداق مىساللارنىڭ بىرىدۇر.

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.