ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئوقۇغۇچىلىرى ئاچلىق ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.11.06

مەلۇم بولۇشىچە، خوتەندىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئوقۇغۇچىلىرى دائىرىلەرنىڭ باش كىيىمىنى چەكلەش قارارىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئاچلىق ئېلان قىلغان. ئاچلىق ئېلان قىلغۇچىلارغا چارە كۆرۈلگەن.

ئەھۋال مەلۇم قىلغۇچى 4-نويابىر بۇ ھەقتە «ئۇيغۇربىز» تورىغا ئۇچۇر يوللىغان.

«ئۇيغۇربىز» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەكتەپ دائىرىلىرى باش كىيىمى كىيىپ دەرسكە قاتناشقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى جازالىغان.

دائىرىلەر يەنە «مەكتەپ ئىچىدە ياغلىق ئارتىشقا بولمايدۇ» ناملىق بىر بەلگىلىمە چىقارغان.

باش كىيىمى كىيگەن ئوقۇغۇچىلار توۋىنامە يېزىشقا ۋە توۋىنامىسىنى پۈتۈن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىدا ئوقۇشقا مەجبۇرلانغان. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى تەكشۈرۈۋېتىپ يىغلاپ كەتكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ بىناسى ئالدىغا جىم ئولتۇرۇۋېلىپ، ئاچلىق ئېلان قىلغان. ئاشخانىلار تاماقلىرىنى تۆكۈشكە مەجبۇر بولغان. ئاچلىق ئېلان قىلغۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىرىگە چارە كۆرگەن.

ھالبۇكى، ئاچلىق ئېلان قىلىشنىڭ قاچان يۈز بەرگەنلىكى، قانچىلىك داۋام قىلغانلىقى ۋە ھەرىكەت يېتەكچىلىرىگە قانداق چارە كۆرۈلگەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.