ياپون مىلىتارىزمنى كىم تەسلىم قىلدى؟

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.09.10
yapongha-qarshi-ghelbe-parat-2.jpg

ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 3-سېنتەبىر، بېيجىڭ. AFP

yapongha-qarshi-ghelbe-parat-3.jpg

ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 3-سېنتەبىر، بېيجىڭ. AFP

yapongha-qarshi-ghelbe-parat-4.jpg

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك پاراتتا ھەربىي كۈچلىرىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. 2015-يىلى 3-سېنتەبىر، بېيجىڭ. AFP

yapongha-qarshi-ghelbe-parat-5.jpg

ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 3-سېنتەبىر، بېيجىڭ. AFP

yapongha-qarshi-ghelbe-parat-6.jpg

ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 3-سېنتەبىر، بېيجىڭ. AFP

3-سېنتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ياپونغا قارشى ۋە فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغۇچى دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى نامايان قىلىدىغان مۇراسىم ۋە ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلدى. ھەربىي پاراتتا خىتاينىڭ ھەربىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقى نامايان قىلىنغانلىقى، ھەتتا بىر قىسىم ئەڭ ئىلغار قوراللىرى ۋە تېخنىكىلىرىنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكى ھەققىدە كۆپلەپ يېزىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ نەق مەيداندىن تارقىتىلغان كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدا سۆزلىگەن غالىبىيەتنىڭ 70 يىللىقىغا ئائىت نۇتقىدا، جۇڭگو خەلقىنىڭ بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى ۋاقتى ئەڭ بالدۇر، داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تىز پۈكمەستىن، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ياپون مىلىتارىست تاجاۋۇزچىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5 مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوغدىدى، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ئىشلىرىنى قوغدىدى، ئۇرۇش تارىخىدا ئاجايىپ مەنزىرە ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جاسارىتىنى نامايان قىلدى».

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سۆزىدە يەنە ئېنىق قىلىپ، «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگو خەلقىنىڭ تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزلىرىغا قارشى تۇنجى قېتىملىق تولۇق غەلىبىسىدۇر» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

ئۇ نۇتقىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنى قوللىغان ۋە ياردەم كۆرسەتكەن دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كونكرېت ھېچقايسى دۆلەتنىڭ نامىنى ئاتمىغان ھەم ئەينى ۋاقىتتىكى فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقچى دۆلەتلەر - ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوينىغان رولى ھەققىدە ئەسكەرتمەي، «جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشىنى قوللىغان ۋە ياردەم بەرگەن چەتئەل ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارالىق دوستلارغا سەمى رەھمەت ئېيتىمەن»،«جۇڭگو خەلقى ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە قوللىشىغا ئېرىشتى، جۇڭگو خەلقى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ» دېگەن جۈملىلەرنى ئىشلەتكەن.

خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ئىچىدىكى مەتبۇئاتلاردا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا، جۈملىدىن فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە قوشقان تۆھپىلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ھەم باشقىلار كۆپلەپ تەشۋىقات قىلىنىپ كېلىنمەكتە.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، تەيۋەن قاتارلىق چەتئەللەردىكى خىتاي تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردا بولسا، خىتاينىڭ ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ئۇرۇشىدا پەقەت ئۆز كۈچىگە تايىنىپلا غەلىبە قىلىندىمۇ؟ تاشقى ياردەملەرنىڭ رولى قانداق بولدى؟ ئەينى ۋاقىتتىكى جاڭ جېشى باشچىلىقىدىكى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسى بۇ ئۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدىمۇ ياكى خىتاي كوممۇنىستلىرىمۇ؟ دېگەندەك بىر قاتار سوئاللار قايتىدىن مۇھىم تېما ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىنماقتا.

«مىڭپاۋ» گېزىتىنىڭ مەخسۇس ئوبزورىدا ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيەنى مەغلۇپ قىلغۇچى كومپارتىيەمۇ ئەمەس، گومىنداڭمۇ ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى ئامېرىكا مەغلۇپ قىلدى، بەلكى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى 8 كۈنىدە جەنۇبقا ھۇجۇم قىلىپ، كىرىپ مانجۇرىيە، شىمالى كورېيە، ساخالىن ئاراللىرىنى ئىگىلەپ، ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشىنى تېزلىتىش رولىنى ئوينىدى، دەپ يېزىلغان.

تۈركىيەنىڭ ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، تارىخىي رېئاللىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئەينى ۋاقىتتا ھەقىقەتەن خىتاي خەلقى ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ زور بەدەل تۆلىدى. بۇ ئۇرۇشقا مەيلى كومپارتىيە، مەيلى گومىنداڭ ھەممىسى قاتناشتى. ئەلۋەتتە، گومىنداڭ ئارمىيىسى ئاساسلىق جەڭ قىلغۇچى ئىدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگۈچى ئەمەس، ياپونىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلغۇچى ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدۇر.

20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، يىراق شەرق مەسىلىلىرى ۋە ئۇيغۇرلار تارىخى مەسىلىلىرى بويىچە رۇسچە ۋە باشقا تىللاردىكى كۆپ خىل تارىخىي ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ، مەخسۇس كىتاب ۋە ماقالىلەرنى يازغان، قازاقىستاندا ياشايدىغان سابىق سوۋېت ئارمىيىسى پولكوۋنىكى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىمۇ ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيە مەغلۇپ قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ كۈچ ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشقا قوشۇلىدۇ.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ياپونىيە ئارمىيەسىنى تارمار قىلمىسا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە غايەت زور ياردەم بەرمىگەن بولسا، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى مانجۇرىيەگە كىرىپ كانتون ئارمىيەسىنى يوقاتمىسا، ياپونىيە ئۇنچە ئاسان تەسلىم بولمايتتى. ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقچى كۈچلەر 1945-يىلى 5-ئايدا گىتلېر گېرمانىيەسىنى تەسلىم قىلىپ، فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈش بىلەن ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشى ئۈچۈن تولۇق ئاساس ياراتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى مىليون كىشىلىك قوشۇنلىرىنى شەرققە يۆتكىدى، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان رايونىدا ياپونىيە ئارمىيەسىنى تارمار قىلىپ، ياپونىيەگە بىۋاسىتە ھاۋا ھۇجۇملىرىنى قانات يايدۇردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى 1937-1941-يىللىرى ئارىسىدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە زور مىقداردا ھەربىي قورال ياراق، ئوق دورا ۋە ھەربىي مەسلىھەتچىسى ھەم ئۇچقۇچىلارنى ئەۋەتىپ ياردەم كۆرسەتتى،. بولۇپمۇ، 1945-يىلى، 8-ئايدا قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرى گېنېرال ۋاسىليېۋسكينىڭ قوماندانلىقىدا مانجۇرىيەگە كىرىپ، كانتون ئارمىيىسىنى يوقاتتى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە. بۇ قېتىمقى ھەربىي پارات ۋە ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا كىم يېتەكچىلىك قىلغانلىقى مەسىلىسى ھەققىدە مۇنازىرىلەر داۋاملاشماقتا. گومىنداڭ ئىزچىل ھالدا ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا جاڭ جېشى قوماندانلىق قىلغانلىقى، ھەتتا 8-ئارمىيە ۋە يېڭى 4-ئارمىيە دېگەن قوشۇنلارمۇ ئەمەلىيەتتە جاڭ جېشىنىڭ ئومۇمىي قوماندانلىقى ئاستىدا بولغان ئىدى دەپ قارايدۇ.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا سابىق گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ليەن جەنمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئېيتقان «گومىنداڭ ئارمىيىسى جاڭ جېشىنىڭ رەھبەرلىكىدە يۈزمۇ يۈز ئۇرۇش سېپىدىكى بىر قىسىم چوڭ جەڭلەرنى قىلىپ ياپون ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلدى، كومپارتىيە قوشۇنلىرى ماۋ زېدۇڭ باشچىلىقىدا دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى جەڭ مەيدانىدا ياپونىيە ۋە قورچاق قوشۇنلارنى كۈچلۈك كونترول قىلدى ۋە زەربە بەردى» دېگەن سۆزلىرى نارازىلىق قوزغىغان.

تەيۋەن ھەربىي تەرەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، «8 يىللىق ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەيلى يۈزمۇ- يۈز ئۇرۇش سېپى ۋە ئارقا سەپ بولسۇن ھەممىسىگە جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى باش بولۇپ، جاڭ جېشى ۋېييۈەنجاڭ رەھبەرلىك قىلغان»، دەپ بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.