ئامېرىكىدا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى جون كۇرتىس (John Curtis) بىلەن دېموكراتىك پارتىيە ئەزاسى ئادام شىف (Adam Schiff) تەرىپىدىن تەييارلانغان.

14-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىش» نامىدا بىر قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ لايىھەدە خىتاي ۋە ئىران قاتارلىق دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ خەتىرى بايان قىلىنىپ، بۇ باستۇرۇشنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئامېرىكىدا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش جىنايىتىگە چېتىلغانلارنى ئاز دېگەندە 10 يىللىق قاماق ۋە 100 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇش تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى جون كۇرتىس (John Curtis) بىلەن دېموكراتىك پارتىيە ئەزاسى ئادام شىف (Adam Schiff) تەرىپىدىن تەييارلانغان. بۇ قانۇن ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇش باياناتىدا «ئەركىنلىك سارىيى» (Freedom House) نىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەققىدىكى دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىنىپ، دۇنيادا 2014-يىلدىن 2025-يىلىغىچە سادىر بولغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش دېلولىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.

خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر، بۇ لايىھەنىڭ نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»غا قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.