دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار يەكەن قەتلىئامىنىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

28-ئىيۇل كۈنى 2014-يىلى يەكەندە يۈز بەرگەن ئېلىشقۇ قەتلىئامىنىڭ 12 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى خاتىرىلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەينى چاغدىكى قەتلىئامدا ئاز دېگەندە ئىككى مىڭ كىشى ئۆلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ بۇ جنايىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باياناتىدا، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى مەھەللىلەرگە كىرىپ-چىقىشنىڭ پۈتۈنلەي توسۇۋېتىلگەنلىكى، ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ يەكەنگە مۇستەقىل ئاخبارات ۋە تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ قەدەم بېسىپ باقمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گوللاندىيەدىكى پائالىيەتچى ئاسىيە ئۇيغۇر ۋە ئابدۇرېھىم غېنىلار مەزكۇر قەتلىئامنى خاتىرىلەپ «زىمىستان» تورىدا ماقاله ئېلان قىلدى. ئۇلار ماقالىلىرىدە، ئاشۇ كۈنى بىر تۈركۈم ئاياللارنىڭ ئىبادەت قىلىۋاتقان يېرىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىپ ساقچىخانىغا بارغان ئامما بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقى، خىتاي تەرەپنىڭ ھەربىي كۈچ قوللىنىشى بىلەن ۋەقەنىڭ قەتلىئامغا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

رادىيومىز ئەينى چاغدا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا مەلۇم بولۇشىچە، ئېلىشقۇ قەتلىئامى كۆپ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلەنلا ئەمەس، يەنە قەتلىئامدا خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قوللانغانلىقى، قەتلىئام جەريانىدا ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ ئاتالمىش «ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلار» بىلەن بىللە ئوققا تۇتۇلغانلىقى ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، قەتلىئامدىن كېيىن ئېلىشقۇ ۋە ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ قورقۇپ ئۆيىدىن سىرتقا چىقالماي، 15 كۈندىن كېيىن مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئاھالىلەرنى ئۆيدىن تاشقىرىغا چىقىشقا جۇرئەتلەندۈرگەنلىكى قاتارلىق تەرەپلىرى بىلەن ئۆزگىچىلىككە ئىگىدۇر.

مەمتىمىن ئەلا ۋە سالىھ خۇدايار يېتەكچىلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ئېلىشقۇ قەتلىئامىنى ۋاشىنگتوندا نامايىش ئۆتكۈزۈپ خاتىرىلىدى. ئۇلار باياناتىدا ئېلىشقۇ قەتلىئامىدا خىتاينىڭ مۇستەملىكىچى تەبىئىتىنىڭ يەنە بىر رەت ۋەھشىيلەرچە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، بۇ خىل قەتلىئاملاردىن ساقلىنىشنىڭ بىردىنبىر يولى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈزۈل-كېسىل مۇستەقىللىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي مەھەللىسىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرىشىت ئابدۇلھەمىد، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، تەشكىلات رەئىسى مۇساجان ئەر قاتارلىقلار قىلغان سۆزىدە، ئېلىشقۇ قەتلىئامى جەريانىدا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىدىن چۆچۈمىگەن، زوراۋانلىققا تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرغان ۋە دۈشمىنىگە بەلگىلىك دەرىجىدە زەربە بېرەلگەن پىدائىيلارنىڭ قەھرىمانلىق روھىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.