داڭلىق تەتقىقاتچى ئادريان زېنز رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق چەكلەش تىزىملىكىىنى كېڭەيتىشكە قارىتا، ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشىنىڭمۇ بۇ ئەمەلىيەتنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يېڭى ئېلان قىلىنغان بۇ تەدبىر 3-ئاۋغۇستتىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 43 شىركەت ئاساسلىقى يېڭى ئېنېرگىيە، باتارېيە ماتېرىياللىرى، ئېلېكترونلۇق زاپچاسلار، مېتال پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-ئىستېمال قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا شىنجاڭ لوپنۇر لىتىي سانائىتى (新疆罗布泊锂业)، خۇنەن ئەيخۇا گۇرۇھى (湖南艾华集团) ۋە چاچا يېمەكلىكلىرى (洽洽食品) قاتارلىق داڭلىق كارخانىلار بار.
ئادريان زېنز لىتىي ۋە پاكىز ئېنېرگىيە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئاساسىي چەكلەش ئوبيېكتىغا ئايلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ بۇ خىل تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە ئائىت يېڭى ئىسپاتلار ۋە دوكلاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان مۇھىملىق دەرىجىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ كۆرسەتتى.
بۇ قېتىمقى كېڭەيتىش بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق چەكلەش ئوبيېكتلىرى تىزىملىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ سانى 187 گە يېتىپ، ئىلگىرىكىدىن تەخمىنەن % 30 كۆپەيدى. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ پەرەز قىلىنىدۇ ۋە ئامېرىكىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ.
ئادريان زېنز بۇ تەدبىرنىڭ خەلقئارالىق شىركەتلەرگە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قارار خەلقئارالىق شىركەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەمىنلىگۈچىلىرىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ جىددىي قاراش لازىملىقىنى ھەمدە ۋاقىتلىق توختاپ قېلىشلارغا قارىماي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تەشكىللىگەن مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا ئائىلىلىرى ھەم ئامېرىكىلىق ئىشچىلارغا ئېلىپ كەلگەن ناچار تەسىرلىرىگە ئىزچىل ۋە يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.»
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئادىل رىقابەتنى قوغداش ھەم ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى بىلمەستىن سېتىۋېلىش خەۋپىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت.
1-ئاۋغۇست، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈپ، شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئامېرىكانىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ «ئېنىق پاكىت ئاساسى يوق» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە ئۆز شىركەتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
