مەمەت توختى: خىتاي چەت ئەللەرگە سوزغان ”ئۇزۇن قولى“نى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلدى

كانادادىكى تونۇلغان سىياسىي ئاكتىپ ۋە ئانالىزچى، ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھېمايە قىلىش تەشكىلاتى (URAP) نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ”بىيۇرو“ تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» نىڭ ”ئۇزۇن قولى“ ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى ھەققىدە توختالدى.

بۇ يىل1-ئيۇلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان بۇ قانۇننىڭ 63-ماددىسىدا، خىتاي جۇمھۇرىيىتى سىرتىدىكى شەخىس، ئورگان ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش» ياكى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش» قىلمىشلىرىغا قارىتا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

مەمەت توختىنىڭ ماقالىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ماددا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ھېمايە قىلغۇچىلارنىلا ئەمەس، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىت قىلغان كانادا پارلامېنت ئەزالىرى، ژۇرنالىستلار، ئاكادېمىكلار ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرىدىغان شىركەتلەرنىمۇ جىنايەتچى قىلىپ بېكىتىشىگە يول ئاچتى. ماقالىدە يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قانۇننى يولغا قويۇشى پەقەت كانادادىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىلا ئەمەس، سۆز ئەركىنلىكى، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئاخباراتچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرىنىمۇ جىمىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

مەمەت توختىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرىشىچە، ئىلگىرى خىتاي ئىجرا قىلىپ كەلگەن چەتئەللەردە ساقچى پونكىتى قۇرۇش، مۇھاجىرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىش ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا بېسىم ئىشلىتىش، ھەتتا ئۇلارنى جازالاش قاتارلىق قىلمىشلاردىن پەرقلىق ھالدا، بۇ يېڭى قانۇن خىتاينىڭ چەتئەلدىكى باستۇرۇش ۋە ئارىلىشىش ھەرىكەتلىرىنى قانۇن ئارقىلىق نىقاپلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن.

مەمەت توختى ئوتتاۋانىڭ خىتاينىڭ بۇ قانۇنىغا قارىتا يىتەرلىك تەييارلىقتا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، كانادا ھۆكۈمىتىگە خىتاينىڭ بىرلىك سەپ ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىسى بار ئورۇنلارنى جىددىي تەكشۈرۈش؛ خىتاينىڭ كانادا زېمىنىدىكى قانۇنسىز قىلىمشلىرى ئاشكارىلانغاندا، ئۇنى تەنقىت قىلىپلا قويماي، ئالاقىدار دىپلوماتلارنى قوغلاش؛ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يېڭى قانۇننىڭ كانادا پۇقرالىرى ۋە زېمىنىدا ھېچقانداق قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئوچۇق جاكارلاش؛ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاينىڭ بۇنداق تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىگە قارشى بىرلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىق تەكلىپلەرنى سۇندى.