ئامېرىكانىڭ خىتاينى جازالاش تەدبىرلىرى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى (نەزەر 14-سان)

سام بروۋنبەك: خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ياشىشىغا يول قويۇشى كېرەك» (نەزەر 14-سان) مەزكۇر پروگراممىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تەقدىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك جىددىي ۋە ئۆتكۈر تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتاينىڭ 28 يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلىرى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاشتا مۇھىم رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويدى.

بۇ جازا تەدبىرلىرىنىڭ تەسىرىنى توغرىسىدىكى بۇ مۇھىم سۆھبەتكە دىققىتىڭىزنى بېرىڭ.