ئامېرىكا ‏- خىتاي مۇناسىۋىتى يېڭى بىر مەيدان سوغۇق ئۇرۇشىغا ئايلىنامدۇ؟

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ «نەزەر» پروگراممىسى (8-سان) مەزكۇر پروگراممىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تەقدىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك جىددىي ۋە ئۆتكۈر تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

«نەزەر» پروگراممىسى 8-سان

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ‹سوغۇق ئۇرۇشى› دەۋرىگە قەدەم قويدى دەپ بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلارمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا سۆھبىتىنىڭ كۆزلىگەن نەتىجىگە يەتمەسلىكى، ۋە ئىككى تەرەپ ھەربىي مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى كەسكىنلەشكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى خۇددى ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشاتماقتا.