بەختىيار بۆرە: تايلاندتا كەچۈرۈمگە ئېرىشكەن ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا

تايلاند ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 22-ئۆكتەبىردىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر ھازىر كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە بولۇپ، ئۇلار 21-ئۆكتەبىر كۈنى تۈرمىدىن يۆتكەلگەن.

تايلاند پادىشاھىنىڭ ئەپۇ قارارىغا ئېرىشىپ، 21-ئۆكتەبىر كۈنى تۈرمىدىن كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە يۆتكەلگەن ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن، ئۆزلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قوغداش ئۈچۈن خەلقئارادىن ياردەم سورىغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تايلاندتىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتقان ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بەختىيار بۆرە بۈگۈن رادىيومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا، پادىشاھ كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەن ئىككى كىشىنىڭ ئادۋوكاتى تەمىنلىگەن يازما ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ بەردى.

مەزكۇر ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 2020-يىلى تايلاندتىكى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان بەش ئۇيغۇرنىڭ ئىككىسى يەتتە يىللىق، قالغان ئۈچى توققۇز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئادۋوكاتنىڭ 22-ئىيۇل تارىخلىق يازما ئۇچۇرىدا، تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ بەش ئۇيغۇرغا قويۇپ بېرىلىش ۋاقىتلىرىنى ئۇقتۇرغانلىقى، ئىككى كىشىنىڭ 2026-يىلى 25-سېنتەبىردە، قالغان ئۈچ كىشىنىڭ 2028-يىلى 12-ئىيۇلدا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. لېكىن تۈرمە خادىملىرى ئادۋوكاتقا شۇ ۋاقىتتا قويۇپ بېرىلىش تارىخىنىڭ تېخى رەسمىي بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئېيتقان.

يازما ئۇچۇردا يەنە، بەش ئۇيغۇرنىڭ ئۆزلىرىنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە خەت يوللاشنى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلىشىنى، ب د ت ۋە قېيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرىدىن ياردەم سوراشنى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

بەختىيار بۆرە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ پادىشاھ ئەپۇ قارارىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى قىسمىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئادۋوكات ئىيۇل ئېيىدىلا ئىككى كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن بولسىمۇ، شۇ چاغدا پادىشاھ ئەپۇ قارارى تىلغا ئېلىنمىغان.

تايلاند ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 22-ئۆكتەبىردىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر ھازىر كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە بولۇپ، ئۇلار 21-ئۆكتەبىر كۈنى تۈرمىدىن يۆتكەلگەن.

29-ئۆكتەبىر كۈنى تايلاندنىڭ «Khaosod English» ئاخبارات تورى ئىچكى ھۆكۈمەت ھۆججىتىگە تايىنىپ، خىتاينىڭ بانكوكتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بەش ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ مەسىلىدە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارار بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بولسا 2025-يىلىدىلا پادىشاھ ئەپۇ قارارىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

بەختىيار بۆرەمۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن ئوخشاش ئەندىشىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى تېز ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

ئۆتكەندە بانكوك پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىلدى دەپ قارىلىپ، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ئىككى ئۇيغۇر بىلەن قاتقاندا، تايلاندتا جەمئىي يەتتە ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا تۇرماقتا.