قىرغىزىستاندا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر جىددىي كېڭىيىپ، جەنۇبتىكى ئوش ۋىلايىتى ۋە جالالئاباد رايونلىرىدا، دۆلەتنىڭ ئىگىسى قىرغىزلار بىلەن ئەلمىساقتىن تارتىپ مۇشۇ رايوندا ئولتۇراقلىشىپ كېلىۋاتقان ئۆزبېك پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بۇ توقۇنۇشنى مىللىي، ئېتنىك توقۇنۇش دېيىشكە بولامدۇ؟ مەدەنىيىتى بىر، تىلى بىر، دىلى بىر، دىنىي ئېتىقادى بىر قېرىنداش مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا نېمىشقا بۇ دەرىجىدە توقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ؟ نېمىشقا 2مىڭغا يېقىن ئادەم قۇربان بولغىدەك ئېغىر پاجىئە كېلىپ چىقىدۇ؟
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قېرىنداش مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلىق رىشتىسى ئىپتىدائى ھالەتتە قېلىپ، سىياسى جەھەتتە ئىتتىپاقلىشىش، زامان، ماكان ئىچىدە زۆرۈرىيەت باسقۇچىغا كىرمىگەنلىكتىن، زىددىيەت پەيدا قىلغۇچىلار ئوڭايلا ئىككى قېرىنداش مىللەتنىڭ ئىپتىدائى شەخسىيەتچىلىكىدىن پايدىلىنىپ، زىددىيەت پەيدا قىلىپ، يۇقىرىقىدەك پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ياۋرۇپا ھەمكارلىق، بىخەتەرلىك تەشكىلاتى قازاقىستان يىغىنىدا، قىرغىزىستانغا ساقچى قىسىملىرى ئەۋەتمەكچى بولدى. چۈنكى، قىرغىزىستان ساقچىلىرىنىڭ تەرەپبازلىقنى ئاساس قىلىپ، قىرغىز پۇقرالىرىنىڭ ئۆزبېك پۇقرالىرىغا زوراۋانلىق قىلىشىغا سۇكۇت قىلغانلىقى، خەلقئارا ساقچى قىسىملىرى ئەۋەتىشكە ئاساس بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى يەشكىلاتلىرى ۋە ئاكتىپلىرى بۇ قارارنى قوللايمىز دېيىشتى.
نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ ئارمىيىسى، ناتو قىسىملىرى ئاساسى جەھەتتىن ئافغانىستاندا تىنچلىق ساقلاۋاتىدۇ.1999 - يىللاردا ناتو قىسىملىرى كوسوۋادا، بوسنىيىدە تىنچلىق ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇ ئالامەتلەر ياۋرۇپادا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن، ئاسىيادىمۇ تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ناتو ئۈچۈن ئېيتقاندا دۇنياۋى مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتتى.
تىنچسىز رايونلارغا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى قانداق شارائىتتا ئەۋەتىلىدۇ؟
قىزغىزىستان، ئافغانىستانلارنى بىر تىنچسىز رايون دەپ قارايلى. بۇ دۆلەتلەرگە قوشنا بولۇپ تۇرغان، خىتايغا مۇستەملىكە بولۇپ تۇرغان ئۇيغۇرىستانچۇ؟ ئۆتكەن يىلى مۇستەملىكە ئۇيغۈرىستاندا تىنچ يول بىلەن نامايىش قىلغان 10مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر، خىتاي ھەربىي،ساقچىلىرىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولدى، ھۆكۈمەت قولغا ئالدى ھەم باستۇردى، خىتاي كۆچمەنلىرى كوچىغا چىقىپ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈردى. خىتاي ساقچىلار سۇكۇت قىلدى، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خىتاينىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدە خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ - چاناپ ئۆلتۈردى. ۋاڭ ياڭنىڭ ساقچىلىرى سۇكۇت قىلدى... ئۈرۈمچىدە شەھەر باشلىقى لى جى برونىۋىكنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىگە چاقىرىق قىلىپ... يوقىتايلى، دېدى، خىتاي ساقچىلار سۇكۇت قىلدى. خىتاي ساقچىلار، خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ زوراۋانلىق قىلدى...
خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشىگە خىتاي ساقچىلار سۇكۈت قىلدىلا ئەمەس، ھەتتا خەلقئارا جەمئىيەتمۇ سۇكۇت قىلدى. خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيە ئىپادىلەيدىغان بىر دۆلەت ئوتتۇرىغا چىقمىدى.
بۇ ۋەقەلەرگە باھا بەرگەن دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كارىل گېرىشمەن ئەپەندى " ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى"گە يازغان ماقالىسىدە: " خىتاي ساقچىلىرى زوراۋانلىق بىلەن باستۇردى، لېكىن، دۇنيا ماھىيەت جەھەتتە بۇ ئىشقا كۆز يۇمدى" دەپ كۆرسەتتى. دۇنيانىڭ دېموكراتىيىسى، ئەركىنلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققى يوقمىدى؟ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدە ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنى، ھەتتا ياۋرۇپا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئۇيغۇرلار ھەسسە قوشمىغانمىدى؟
خەلقئارا جەمئىيەت قىرغىزىستانغا ساقچى ئەۋەتىشنى قارار قىلغان شۇنداق كۈنلەردە، نېمىشقا ئۆتكەن يىلى قىرغىزىستان ۋەقەسىدىن بىر نەچچە ھەسسە ئېغىر ۋەقە بولغان مۇستەملىكە ئۇيغۈرىستانغا تەكشۈرۈشكە خەلقئارا ساقچى قىسىملىرى ئەۋەتىلمىدى؟
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.