كۆچۈپ كىرىش ۋە ماسلىشىش
2011.03.04
ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، چەتتىن كېلىدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ مەركەزلىك شىنجاڭغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا يولۇچىلار ئېقىمى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، 40مىڭ كىشىدىن 43مىڭ كىشىگە كۆپىيىپ، رېكورت ياراتتى دېيىلدى.
شۇنداق، خىتاي كۆچمەنلىرى «شىنجاڭ» دېگەن بۇ زېمىنغا كۆچۈپ كىرىۋاتىدۇ. بىر كۈندە 40مىڭ نەپەر كۆچمەن خىتاي كۆچۈپ كىرگەن بولسا، 10 كۈندە 400مىڭ كۆچمەن خىتاي كۆچۈپ كىرگەن بولىدۇ. بىر ئايدا 1مىليون200مىڭ كۆچمەن خىتاي كۆچۈپ كىرگەن بولىدۇ. بۇ كۆچمەن خىتايلار قەيەرگە ئورۇنلىشىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرى كۆچۈپ كىرگەن خىتاي كۆچمەنلىرى تاغلارنى تالقان، چۆللەرنى بوستان قىلىدۇ، دېيىلەتتى. ئەمەلىيەتتە بوستانلىقلارنى ئۇيغۇردىن تارتىپ ئېلىپ، يېشىل تاغلارنى ئۇيغۇر، قازاقتىن تارتىپ ئېلىپ، ئاللىقاچان ئۇيغۇرىستان دېگەن بۇ زېمىننىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى.
فېئوداللىق يەر ئىگىدارچىلىقى تۈزۈمى-يەر ئىگىسى بىلەن ئىجارىكەش دېھقان، ياللانما دېھقان ئوتتۇرىسىدىكى ئېكسپىلاتاتسىيە، زۇلۇم-سىتەم مۇناسىۋەتلىرى. مۇستەملىكە يەر ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى يەنى يەر مەسىلىسى يەرنى ئىگىلىۋېلىش تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، دېھقانلارنىڭ مەسىلىسى، ھاياتلىق، ياشاش مەسىلىسى بولۇپ قالدى. يەردىن ئايرىلغان ئىنسان نېمىگە تايىنىپ جان باقىدۇ دېمەيدىكىنا جەمئىيەت!
بىر ئايدا 1مىليون 200مىڭ خىتاي كۆچمەن...يېشىل يايلاق، تاغلارنى تارتىپ ئېلىش، بوغدا كۆلىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تارتىپ ئېلىپ ساياھەت رايونىغا ئايلاندۇرۇش، قاناس كۆلىنى تارتىپ ئېلىپ ساياھەت مەيدانىغا، كۈنەس-نارات يايلىقىنى تارتىپ ئېلىپ، ھەربىي بازا قۇرۇش، كۆچمەن خىتايلارنى چارۋىچىلىقىغا كۆندۈرىدىغان سىناق مەيدانىغا ئايلاندۇرۇش، بوز يەر ئېچىپ تارىم توغراقلىرىنى قومۇرۇپ تاشلاپ، ئېكولوگىيىنى نابۇت قىلىش، تارتىنماسلىق، ئەيمەنمەسلىك، پۈتۈن دۇنيادىن قورقماسلىق ؛خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى چاغلىمايلا قالدىغۇ؟
بىر ئايدا 1مىليون 200مىڭ نەپەر خىتاي كۆچمەن «شىنجاڭ» غا كۆچۈپ كىرىدۇ. قاراڭلار! ئۇيغۇرنىڭ پۈتۈن ناھىيىلىرىدە، ھەتتا قەشقەردەك قەدىمىي شەھەردە ئۆيلەر چېقىلىۋاتىدۇ. ئاقسۇ شەھىرى چېقىلىپ ئۇيغۇرلار شەھەر سىرتىغا چىقىرىۋېتىلدى. يېڭى تۇرالغۇ ئۆيلەر سېلىنىۋاتىدۇ، كىملەر كىرىپ ئولتۇرىدىكىنا بۇ ئۆيلەردە؟ ئۆي سېلىۋاتقان پۇل ناھىيىلەرنىڭ مالىيىسىدىن كېلىۋاتىدۇ، بۇ مالىيىنى كىم تولۇقلايدۇ، كىم قېپىندۇرىدۇ، ئۇيغۇرلار دېسەڭلارچۇ؟!
«بۇ يىل بۈگۈر ناھىيىسىدە كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆي سېلىندى. ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي 1000يۈرۈش، كۆلىمى 50مىڭ كۋادرات مېتىر، سېلىنغان مەبلەغ 60مىليون، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي 320 يۈرۈشلۈك» 2-ئاينىڭ 23-كۈنى تەڭرىتاغ تور بىتى شۇنداق خەۋەر ئېلان قىلدى. بۇ ئۆيلەردە كىم ئولتۇرىدۇ، دەڭلا؟! يۇقىرىقى كۆچمەنلەر ئولتۇرمامدۇ. ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا ھەر كۈنى خىتاي كۆچمەنلىرى كىرىپ تۇرىدۇ، بۈگۈر ناھىيىسى ۋە چەرچەن ناھىيىسى قاتارلىق ناھىيىلەر ھەر كۈنى ئۆي سېلىپ تۇرىدۇ. بۇ بىر ماسلىشىش. سىياسىي كېڭەشنىڭ يىللىق يىغىنىدا، خەلقنىڭ تۇرمۇشى توغرىسىدا ھەدەپ سۆزلىگەن جيا چىڭلىن ئەپەندى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى شۇ شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇش-ئۆي سېلىپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن يەر-زېمىننى تارتىپ ئېلىش. مۇشۇمىدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش دېگەن؟ ھالقىما تەرەققىيات دېگەننىڭ مەزمۇنى شۇنداق بولامدىغاندۇ؟
شىمالىي ئافرىقىدىكى كىچىك دۆلەت لىۋىيىگە كۆچۈپ كىرگەن خىتاي كۆچمەنلىرى 36مىڭ نەپەر ئىكەن. يۇقىرى تېخنىكا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەبلەغ، يۇقىرى سەۋىيىلىك كۆچمەنلەر، ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىدە قۇرۇلغان شىركەت... لىۋىيە خەلقى قولىغا قورال ئېلىپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈۋېدى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كۆچمەنلەرگە ھەربىي ئايروپىلان، پاراخوت ئەۋەتىپ قايتۇرۇپ كەلدى. خىتاي كۆچمەنلىرىنى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندىن قاچان قايتۇرۇپ كېتىدۇ؟
ھەر نەرسىنىڭ بىر كۈنى بار دوستۇم، ھەر نەرسىنىڭ بىر پەيتى كېلىدۇ ۋەتەندىشىم!