ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېيتىس: "خىتاي، كۆلەڭگە بەلگىلىك ئايروپىلانغا ئوخشايدىغان ئايروپىلاننى ياساپ چىقىش جەھەتتە ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى مۆلچەرلىگەندىنمۇ تىز بولدى، مەن ئۆتكەن ھەپتە دۆلەت مۇداپىئەسى خام چوتىنى سۇنغاندا، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان ئىقتىدارىغا قارشى، ئامېرىكىنىڭمۇ ھەربىي ئىشلار ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە مەبلەغ سېلىشنى كۆزدە تۇتقان ئىدىم" دەپ كۆرسەتتى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېيتىس ئەپەندى، شەنبە كۈنى ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن يۇقىرىقىدەك بايانات ئېلان قىلدى. سېلىشتۇرغاندا، خىتاي ياساپ چىققان، كۆلەڭگە بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلانغا ئوخشايدىغان ئايروپىلان، دەل مۇداپىئە مىنىستىرى گېيتىس ئەپەندى، خىتايغا زىيارەتكە بېرىشتىن بۇرۇن، سىچۈەن، چۇڭچىڭدا ئايرودرومدا كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ قايسى دەرىجىدە كۆز-كۆز قىلىش ھېسابلىنىدۇ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيىسىنى كىشىلەر نازۇك باسقۇچقا كىرىپ قالدى دېيىشىۋاتقاندا، خىتاينىڭ بۇ قىلىقى مۆتىدىللىقتىن بېشارەت بېرەمدۇ ياكى قوپاللىق، مەدەنىيەتسىزلىكتىن بېشارەت بېرەمدۇ؟
مىنىستىر گېيتىس ئەپەندى:" ئۇلارنىڭ (خىتاينىڭ) ھەقىقەتەن يوشۇرۇن كۈچى بار ئىكەن. بىز ئۇلارغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؛ بىز ئۆزىمىزنىڭ ھەربىي ئىشلار تۈرلىرىمىز بويىچە ئۇلارغا مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك"دەپ كۆرسەتتى.
مۇخبىرلارغا قارىتىپ گېيتىس ئەپەندى: "ئۈچ كۈنلۈك سۆھبەتتە زور دەرىجىدە جاكارلاش بولىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلماڭلار، كومېدىيىلىك بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشى، كومېدىيىلىك بۆسۈشنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، پەقەت سۆھبەتنى ئايرىم ئىشلاردىن، بەزى ئىشلاردىن باشلىساقلا، ئاكتىپ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولىمىز" دەپ كۆرسەتتى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېيتىس ئەپەندى ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، تەھدىتكە قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ تەھدىت شىمالىي كورىيىدىن كېلىدۇ، يەنە بەلكى خىتايدىنمۇ كېلىشى مۇمكىن.
تارىخقا نەزەر تاشلىساق، سابىق سوۋېتلەردىن تېگىشلىك دەشنەم يەپ، 1970-يىللاردا "يېڭى چار پادىشاھنى يوقىتايلى" دەپ، شوئار توۋلاپ، جاي-جايلاردا لەخمە كولاپ لېكىن ئارقىدىنلا، ماۋ زېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي رەھبەرلىرى يەر ئاستى ئۆيگە كىرىۋېلىپ، ئاخىرى ئامېرىكىنى ئىزدەپ تېپىشقان ئىدى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندا، ئامېرىكا، خىتاي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا "ئامېرىكا، خىتاي شاڭخەي ئاخباراتى"، "جۇڭخۇا خەلق رېسپۇبلىكىسى بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى توغرىسىدا بىرلەشمە ئاخبارات"، "ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن جۇڭخۇا خەلق رېسپۇبلىكىسىنىڭ بىرلەشمە ئاخباراتى" قاتارلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنلىرىغا ئالاقىدار ئاخباراتلار ئىمزالىنىپ ئارىدىن 30 يىل ئۆتتى. بۇ 30 يىل مابەينىدە ئامېرىكا، خىتاي يۇقىرىقى ئۈچ پارچە ئاخباراتنىڭ رامكىسى ئىچىدە باردى-كەلدى قىلىپ تۇردى. بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇن دۆلەت ئىقتىسادى گۇمران بولۇش گىرۋىكىگە كېلىپ قالغان خىتاي، ئامېرىكىنىڭ سودا- تىجارەت ساھەسىدە شەپقەت ياغدۇرۇشىغا تايىنىپ بۈگۈن ئەمدى، گېيتىس ئەپەندى خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان ھالقىلىق پەيتتە ياكى نازۇك بىر پەيتتە، كۆلەڭگە بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلانغا ئوخشايدىغان كۈرەشچى ئايروپىلاننى ياساپ چىقىپ، چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئايرودرومدا كۆرگەزمە قىلدى. مېنىڭچە بولغاندا، خىتايلار گېيتىس ئەپەندىنى سوغۇق قارشى ئالدى.
كۈرەشچى ئايروپىلانغۇ ياسىلىپتۇ، خىتايدا بۇ ئايروپىلاننى كىم ھەيدەيدىغاندۇ؟
1-ئاينىڭ 10-كۈنى "بوشۈن" تور بىتى، رېيتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: "گېيتىس ئەپەندى بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتى مەسىلىسىنى سۆھبەت تېمىسى قىلغاندىن باشقا، تەيۋەن مەسىلىسى، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تېررىتورىيىسى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى دەۋر قىلغان ھالدا ھەربىي ئىشلار بويىچە ئالماشتۇرۇشنىمۇ سۆھبەتلىشىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى "مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ سۆھبىتى نەتىجە ياراتتى، ئەمما ئالىملار سوغۇق سۇ سەپتى" ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە، مەيئامىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جىن دېفاڭ خانىم، ئىككى دۆلەت ھەربىي ئىشلاردا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە قىزغىن دوستلۇق كەيپىيات ياراتتى دەپ قارىمايمەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يوشۇرۇن جىددىيلىكنى تۈگىتىۋەتتى دەپمۇ قارىمايمەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىككى دۆلەت ئورتاقلىققا ئېرىشەلەيدۇ، ھەمكارلىشالايدۇ دېسە، ئۇنداقتا بۇ گەپ باشقا بىر ۋەزىيەتكە قارىتىپ ئېيتىلغان بولىدۇ. لېكىن، نۆۋەتتە بىزنىڭ ئارىمىزدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېتەرلىك ئورتاقلىق يوق دېدى دەپ كۆرسەتتى.