ئىقتىساد ئۆلكىسى دەپ سانالغان جېجياڭ ئۆلكىسىدە ئوتتۇرا - كىچىك تىپلىق كارخانىلارنىڭ تاقىلىش نىسبىتى %20 گە يەتتى. بىر ئاي ئىچىدە جېجياڭلىق ئىككى نەپەر سودىگەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى جېجياڭ يۈنگۋاڭ سۇ پومپىسى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى جۇ جىگۇئاڭ زەھەر يەپ ئۆلۈۋالدى. 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى دورا زاۋۇتى ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ دىرېكتورى؛ خۋاشىيا بانكىسى بۇ شىركەتنىڭ ھېسابات نومۇرىدىن 5 مىليون يۈەن پۇلنى يۆتكەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. مۇشۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 12 نەپەر جېجياڭلىق كارخانىچى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.
جۇڭگونىڭ خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلىرى "4 دانە پىچاق"،" بىر تال ئاغامچا" نىڭ ئالدىدا گۇمران بولۇشقا باشلىدى. "4 دانە پىچاق" دېگىنىمىز 1 - خام ئەشيا ماتېرىياللىرى باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى 2 - خەلق پۇل كۇرسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى 3 - ئەمگەك كۈچى دەسمايىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى 4 - تاشقى سودىنىڭ قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىشى.
"بىر تال ئاغامچا " دېگىنىمىز - ئىناۋەتلىك قەرز بېرىشنىڭ چىڭىپ كېتىشى ئىدى. ھۆكۈمەت بۈگۈن يۇقىرىقىدەك "4 دانە پىچاق"، "بىر تال ئاغامچا" ئارقىلىق خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ۋە جۇڭگو خەلقىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت نۆۋەتتە ئىناۋەتلىك قەرز بېرىشنى قىسىش ئارقىلىق يۇقىرىقىدەك بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىۋاتىدۇ.
2008 - يىلى كىرىش بىلەنلا ھۆكۈمەت " ئوتتۇرا مەزگىللىك ھۆججەت ئاساسلىرى" كەسپىنى يەنى بانكىلارنىڭ كارخانىلاردىن مەبلەغ شىلېۋېلىشغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدىغان پۇل - مۇئامىلە ۋاستىسىنى ئىشقا سالدى. " ئوتتۇرا مەزگىللىك ھۆججەت ئاساسلىرى" نىڭ مەنىسى - باھالىق بېلەت ياكى كاپالەتلىك ئامانەت پۇل دېگەنلىك بولۇپ، قەرز بېرىلگەن پۇلنى كاپالەتلىك ئامانەت پۇلغا ئايلاندۇرغاندا، ھەر قانداق كارخانىنىڭ مەبلىغى بانكىنىڭ يۇتۇۋېلىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قەرز بېرىلگەن پۇل كاپالەتلىك ئامانەت پۇلغا ئايلاندۇرۇلغاندا، ئەركىن ئېلىپ سېتىشقا بولىدۇ، باھا ئۆرلەپ تۇرىدۇ ياكى چۈشۈپ تۇرىدۇ. بانكا پاي - چەكنى باشقۇرۇپ تۇرغاندەك، كارخانىلار مەبلىغىنى ياكى باھا ئۆزگىرىشىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ ياكى نەقلەشتۈرۈشنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ياكى سېتىپ ئېلىش كۈچىگە بېسىم پەيدا قىلىدۇ.
مەيلى قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى بار ياكى قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق كارخانىلار بولسۇن ئوخشاشلا گۇمران بولۇشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بۇ ۋاستە جۇڭگو ئىقتىسادىغا نىسبەتەن قارا نىيەتلىكتە ئۇچىغا چىققان ۋاستىدۇر. بۇ ۋاستىلارنى نېمە ئۈچۈن قوللاندى؟ بۇ دېگەنلىك، خىتاي ھۆكۈمىتى بانكا ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئومۇمى بايلىقىنى تىزگىنلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئومۇمى مۈلكىنى پارتىيىنىڭ مۈلكىگە ئايلاندۇرماقچى دېگەنلىكتۇر.
ئاغزىدىن قان تېمىپ تۇرغان بانكا ئالدىدا، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلنى چىڭىتىش سىياسىتى ئارقا تەرەپتىن قوغلاپ كېلىپ،خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى پارتىيىنىڭ مۈلكىگە ئايلاندۇرۇش ئاپىتى يېتىپ كەلدى، جۇڭگودا كارخانىلارغا پارتىيىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈشتىن باشقا يول قالمىدى.
پۇقرالارنىڭ تىرىكچىلىك يولىنى بوغۇپ قويۇش جۇڭگودا پاي - چەك ئاپىتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى. نۆۋەتتە جۇڭگودا ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن پاي - چەك ئاپىتى باشلاندى. بۇ ئاپەت جۇڭگوچە پاي - چەك ئاپىتى دەپ ئاتالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگوچە پاي - چەك ئاپىتى دېيىلدىكى، بۇ خىل پاي - چەك ئاپىتى بارلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بېشىغا كەلگىنى يوق. بەلكى پەقەتلا جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بېشىغىلا كەلگەن ئاپەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق ئاتالدى. جۇڭگودا پاي - چەك ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئىقتىسادىي سەۋەبلەر ياكى بازار سەۋەبلىرى كەلتۈرۈپ چىقارمىدى، بەلكى بايلىقنى تەقسىم قىلىش ئۇسۇلى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
