شەرقىي تۈركىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىلىشنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

بۇ يىل بولسا، شەرقىي تۈركىستاندا نېفىت ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنىڭ 100 - يىلى بولۇپ، تۇنجى نېفىت قۇدۇقى 1909 - يىلى مايتاغدا ئېچىلىپ رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
2009.04.27
Tarim-nefitligi-305 ئۇيغۇر دىيارى تارىم ۋادىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈستىدىكى نېفىتلىك.
AFP Photo

" خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى " نىڭ 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1909 - يىلىدىن ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان ئومۇمىي نېفىت مىقدارى 402 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇ جاي خىتاي بويىچە ئەڭ زور نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايلانغان.

نۆۋەتتە قىلغىلى ئىشى ۋە تېرىغىلى يىرى يوق نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر قىز - يىگىتى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي خوجايىنلارنىڭ قولىدا خۇددى ئوتتۇرا ئەسىردىكى قۇللاردەك، ئىنتايىن ناچار مۇھىت ئاستىدا ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.
بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ 100 يىللىق " شانلىق تارىخ " ھەققىدە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.

ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ بۇ ئاتالمىش " شانلىق " تارىخى بولسا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زۇلمەتلىك بىر تارىخ ئىدى. چۈنكى 100 يىلدىن بۇيان بۇ تۇپراقتىن سۆمۈرۈپ چىقىرىلغان 402 مىليون توننا نېفىت بولسا ماھىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قېنى ئىدى.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، بىر دۆلەت ياكى رايوننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى، شۇ دۆلەت ياكى رايوندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئەڭ زور غەزىنىسى ۋە ماددى بايلىقىدىن ئىبارەت.
تەبىئىي بايلىقى، بولۇپمۇ نېفىت، گاز قاتارلىق ئېنىرگىيە مەنبەلىرى مول بولغان ئەللەرنىڭ خەلقلىرى بۈگۈن بەخت - سائادەت ۋە باياشاتلىق ئىچىدە پاراۋان ياشاپ كەلمەكتە. بۇ ئەللەرنىڭ دۇنيادىكى ئىقتىسادى تەسىرىلا ئەمەس، ھەتتا سىياسى نوپوزىمۇ ئۆزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا.

چۈنكى نېفىت، گاز، كۆمۈر قاتارلىق ئېنىرگىيە بايلىقلىرى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ۋە سانائىتىنىڭ جان تومۇرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيانىڭ سىياسى يۆلۈنۈشىنى بەلگىلەيدىغان موھىم ماددى ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى.

ئەمما بۈگۈن دۇنيادا، ئۆز دۆلىتىنىڭ ۋە ئۆز تۇپرىقىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى ئۆز خەلقىغە بەخت - سائادەت ئەمەس، بەلكى بەختسىزلىك ۋە بالايى - ئاپەت ئېلىپ كىلىۋاتقان، دەۋىرنىڭ چاقى ئالدىغا ئەمەس، بەلكى كەينىگە قاراپ چۆرگىلەۋاتقان بىرلا جاي بار، ئۇ بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستان رايونىدىن ئىبارەت !

چۈنكى بۇ رايوندا تەبىئىي بايلىقلارنىڭ، بولۇپمۇ نېفىت، گاز، كۆمۈر قاتارلىق ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ زاپاس ۋە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاشقانسىرى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ رايونغا ئېقىپ كىرىش سۈرئىتى شۇنچە تىزلىشىپ بارماقتا.

نېفىت ۋە گاز قۇدۇقلىرىنىڭ سانى كۆپەيگەنسىرى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق، نامراتلىق شۇنچە ئېشىپ بارماقتا، دۇنيادا نېفىت - گازنىڭ باھاسى ئاشقانسىرى، خىتاي سانائىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىغا بولغان ئېھتىياجى ۋە بېقىندىلىقى كۈچەيگەنسىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، مەمۇرى ئورنى شۇنچە تۆۋەنلەپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يەرلىكلەرگە قاراتقان ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىش قەدىمى شۇنچە تىزلىشىپ بارماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى بولسا، كوممۇنىستىك پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان 1949 - يىلىدىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت - گاز ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ راسا " بەرىكەت " تاپقانلىقىنى، بۇ رايوننىڭ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە خىتاي خەلقىنىڭ گۈللەپ - ياشنىشىغا قوشۇۋاتقان تۆھپىسىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېشىپ بىرىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق - تەرغىپ قىلىپ كەلمەكتە.

مەسىلەن، 1909 - يىلىدىن، 1949 - يىلىغىچە بولغان 40 يىل ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ئومۇمىي مىقدارى ئاران 20 مىڭ توننىدىن كۆپرەك بولغان بولسا، خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ 3 يىلدىن كېيىنلا، يەنى، 1952 - يىلىغا كەلگەندە يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 50 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، ئالدىنقى 40 يىلدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئومۇمىي نېفىت مىقدارىدىنمۇ بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ كەتكەن.

2008 - يىلىغا كەلگەندا بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 27 مىليون توننىدىن كۆپرەككە، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بولسا 23 مىليارد 600 مىليون كۇپمېتىرغا يېتىپ، نېفىت - گاز ئىشلەپچىقىرىشى جەھەتتە خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ سايىسىدا، خىتاي ھازىر دۇنيادىكى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش چوڭ دۆلىتى بولۇپ، دۇنيا بويىچە 11 - ئورۇندا تۇرىدۇ.

خىتاي پىلانى بولسا، 2015 - يىلىغا بارغاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 35 مىليون توننىغا، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 160 مىليارد كۇپمېتىرغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن نەپ ئېلىش ھوقوقىدىن تامامەن مەھرۇم قالدۇرۇپ، پۈتۈنلەي مۇستەملىكىچىلىك تۈسىنى ئالغان ئاچكۆزلەرچە سۆمۈرۈش ۋە تالان - تاراج قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كىلىۋاتقانلىقى بولسا، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.
 
ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىپ كىتىۋاتقان نېفىت، گاز، كۆمۈر قاتارلىق ئېنىرگىيە بايلىقلىرىدىن يەرلىك خەلققە قانچىلىك پاي ئايرىغانلىقىغا دائىر ھېچبىر سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىپ باققىنى يوق، چەتئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە يەرلىككە ئايرىغان پايدىسىنىڭ 5 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

بۈگۈن خىتاينىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى، پۈتۈن خىتاينىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئارانلا 4 - 5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئەمما، ئەنە شۇ 4 - 5 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەبىئىي بايلىقلار بولسا، بىر مىلياردتىن ئارتۇق خىتاينىڭ ھايات مەنبىيىگە ئايلىنىپ قالدى.

مەسىلەن، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى 138 خىل بولۇپ، پۈتۈن خىتاي بويىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى تۈرىنىڭ 80.7 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى نېفىت زاپاس مىقدارى، پۈتۈن خىتاي بويىچە بايقالغان نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ 30 پىرسەنتىنى، تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى 34 پىرسەنتنى، كۆمۈر زاپاس مىقدارى بولسا پۈتۈن خىتاي بويىچە بايقالغان كۆمۈر زاپاس مىقدارىنىڭ 40 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان " مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى " نىڭ 62 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن، " دۆلەت، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم جايلاردا بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ۋە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، ئالدى بىلەن مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم جايلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئېتىبار بېرىشى، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئىقتىسادىغا پايدىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىشى، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم " دېگەن پرىنسىپىغا ئازىراق بولسىمۇ ئەمەل قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالمىغان ۋە ئۆز تۇپرىقىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن نەپرەت قىلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتمىگەن بولاتتى.

ھازىر قارايدىغان بولساق، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، " ئەڭ نامرات ۋىلايەتلەر " دەپ ئاتالغانلىرىنىڭ ھەممىسى، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنوبىي رايونلاردىكى ۋىلايەتلەردىن ئىبارەت، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى، پۈتۈن خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسىدىنمۇ بىر ھەسسە تۆۋەن تۇرماقتا. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ پۈتۈن خىتايدىكى مىللەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە قىلغىلى ئىشى ۋە تېرىغىلى يىرى يوق نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر قىز - يىگىتى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي خوجايىنلارنىڭ قولىدا خۇددى ئوتتۇرا ئەسىردىكى قۇللاردەك، ئىنتايىن ناچار مۇھىت ئاستىدا ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.

مانا بۇلار، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاتالمىش "شانلىق 100 يىلى" نىڭ نەتىجىسى!


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.