ۋەتەن ئىچىدىمۇ ۋاڭ لېچۈەنگە نارازى بولۇۋاتقانلار پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈ زبېرىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى بەزى خىتاي كۆچمەنلىرى نامايىش قىلىپ، مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ۋاڭ لېچۈەننىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى.
چۈنكى، خىتايلارنىڭ نەزىرىدە ۋاڭ لېچۈەن بولسا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ خىيانەتچى ۋە پارىخور ئەمەلدار بولۇپ، بۇ رايوندىكى ئاساسلىق كان مەنبەلىرى ۋە سودا - سانائەت ئورگانلىرى ۋاڭ لېچۈەننىڭ جەددى - جەمەتى، ئۇنىڭ يۇرتى شەندۇڭدىكى كونا ھەقەم - سايىلىرى ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتتە ۋاڭ لېچۈەن بىلەن ئېغىز - بۇرۇن يالىشىپ يۈرگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ماناپوللۇقىدا ئىدى، بۇ ھەقتە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كۆپلىگەن خەۋەر - ماقالىلەر ئېلان قىلىندى، ھەتتا ھازىرمۇ ۋاڭ لېچۈەننىڭ خىيانەتچىلىكى ۋە پارىخورلۇقى ھەققىدە خىتايچە ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە ناھايىتى كۆپ يۇمۇرلار ئېقىپ يۈرمەكتە.
ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ۋاڭ لېچۈەن بولسا خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ۋە خىتاي تەرىپىدىن چىقىرىلغان "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغان، مەركەزنىڭ قانۇن - پەرمانلىرىنى ئۆزىنىڭ خاھىشى ۋە مەنپەئەتىگە ماسلاشتۇرۇپ خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئىجرا قىلغان، ھېچبىر قانۇننى تونۇمايدىغان، قانۇن تارماقلىرىغا قانۇنغا خىلاپ بۇيرۇق چۈشۈرۈشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان پارىخور، خىيانەتچى بىر شەخىس ئىدى.
دېمەك، بۇنداق بىرىنى خىتاي سىياسى - قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەش بولسا خۇددى ئوغرىنى قازناقچى قىلىپ قويغاندەك ناھايىتى كۈلكىلىك بىر ھادىسە ئىدى.
چۈنكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى - قانۇن كومىتېتى بولسا، پۈتۈن خىتايدىكى قانۇن ئورگانلىرىغا رەھبەرلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدىغان، تۈرلۈك قانۇن تەكلىپلىرىنى ھازىرلايدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغان ئىنتايىن موھىم ئورگان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ مەمۇرى جەھەتتىكى دەرىجىسى مۇئاۋىن دۆلەت باشلىقى دەرىجىلىكتۇر. قىسقىسى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋاڭ لېچۈەننى مۇكاپاتلاندۇرغان ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈپ دۆلەتنىڭ ئەڭ موھىم ئورگىنىغا مەنسەپدار قىلغان.
بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ ۋاڭ لېچۈەننىڭ رەھبەرلىكىدىكى پۈتكۈل قانۇن ساھەسىنىڭ جېنىغا ۋاي!
بۇ ھادىسە، خىتايدا قانۇننىڭ ھېچبىر قىممىتىنىڭ يوقلۇقىنى، دۆلەتنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى قانۇننى ئاياق ئاستى قىلىۋاتقانلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئوچۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ۋە غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەڭ كۆپ تەكىتلەپ كەلگىنىمۇ خىتاينىڭ ھەقىقىي بىر قانۇن دۆلىتىگە ئايلىنىشىدىن ئىبارەت ئىدى.
خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرىمۇ، خىتايدا قانۇننىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرى ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىشى ئىدى.
شۇڭا، مەيلى ياۋروپا بىرلىكى بولسۇن ياكى بۇ بىرلىككە ئەزا دۆلەتلەر بولسۇن، خىتاينى ھەقىقىي بىر قانۇن دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە خىتاي بىلەن قانۇن - تۈزۈم سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
مەسىلەن، گېرمانىيە بولسا، خىتاي بىلەن قانۇن - تۈزۈم ۋە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئەڭ بۇرۇن يولغا قويغان دۆلەت بولۇپ، خىتاينىڭ ھەقىقىي بىر قانۇن دۆلىتىگە ئايلىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، 2000 - يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي بىلەن قانۇن - تۈزۈم ۋە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە.
ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم ئىككى تەرەپ ئەدىلىيە تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان قانۇن - تۈزۈم ۋە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى بولسا، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇن، ئەدىلىيە سىستېمىسى، ئادۋوكاتلىق، قولغا ئېلىش، سوتلاش، شاھىتلىق، ھۆكۈم چىقىرىش، جازا قانۇنى قاتارلىق جەھەتلەردە دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى.
گەرچە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قانۇن - تۈزۈم سۆھبىتى يولغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، خىتايدا سوتچىلارنىڭ، ئادۋوكاتلار ۋە قانۇن خادىملىرىنىڭ سانى كۆپەيگەن، نۇرغۇنلىغان يېڭى قانۇنلار تۈزۈپ چىقىلغان ۋە ئەسلىدىكى قانۇنلارغا كۆپلىگەن يېڭى تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قانۇن ساھەسىگە قارىتىپ كەلگەن ماناپوللۇقىدا ۋە كۈچلۈك دەخىل - تەرۈزىدا ھېچبىر يۇمشاش كۆرۈلگىنى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھازىر گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا، 10 يىلدىن بۇيان گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىپ كەلگەن قانۇن - تۈزۈم ۋە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ، ھېچبىر ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشمىگەنلىكى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يەنىلا ئۆزىنىڭ بىلگەن سەنىمىگە دەسسەپ، پۈتكۈل قانۇن ساھەسىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى ۋە ئىدېئولوگىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتقانلىقى، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ، بىرەر مەھبۇس ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغاندا، قانۇندا كۆرسىتىلگەن ماددىلار بۇيىچە ئەمەس، بەلكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بۇيرۇقى ۋە ئارزۇ - تەلەپلىرى بۇيىچە ھۆكۈم چىقىرىپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنمەكتە.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، پۈتۈن سىياسىي ھاياتىنى قانۇننى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاڭ لېچۈەننىڭ جازاغا تارتىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە خىتاينىڭ قانۇن ساھەسىنى باشقۇرىدىغان مەنسەپدار قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكى، ياۋروپا بىرلىكى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينى قانۇن دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلغان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بوشقا كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ پەندى - نەسىھەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ بىر قۇلىقىدىن كىرىپ، يەنە بىر قۇلىقىدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.