خىتاينىڭ بۇ ئولىمپىكتىكى مەغلۇبىيىتى

2008 - بېيجىڭ ئولىمپىكى خۇددى ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئوخشاشلا غايەت زور تەشۋىقاتلار بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا بۇ قېتىملىق ئولىمپىك ۋە خىتاي ھەققىدە نۇرغۇن مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا.

غەرىپ مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى، خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغىنى ئارقىلىق پەقەت 51 ئالتۇن مېدالدىن باشقا ھېچنېمىگە ئېرىشمىگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكنى كوزۇر قىلىپ تۇرۇپ يەتمەكچى بولغان سىياسىي مەقسەتلىرىگە يېتەلمىگەنلىكى ئەمىليەتتە خىتاينىڭ ساختا قىياپىتىنىڭ يەنىمۇ ئاشكارلىنىپ قالغانلىقى باھالانماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئوبزورچىمىز پەرھات مۇھەممىدىنىڭ " خىتاينىڭ بۇ ئولىمپىكتىكى مەغلۇبىيىتى" ھەققىدە تەييارلىغان ئوبزورىنى ئاڭلايسىلەر.
2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org