خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ۋە باش جاۋابكارى كىم؟

خېلى زاماندىن بېرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، بولۇپمۇ ساددا، ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىچىدە، " مەركەزنىڭ سىياسىتى ئوبدان، ئەسلى ئىشنى بۇزۇۋاتقانلار تۆۋەندىكىلەر، يۇقىرىدىن شەپكىسىنى ئېلىپ كەل دېسە، تۆۋەندىكىلەر بېشىنى ئېلىپ كېلىدۇ " دەيدىغان بىر خاتا قاراش ھۆكۈم سۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

بۇ خىل يۈزەكى قاراش تۈپەيلىدىن ھازىرمۇ ئۆز يۇرتىدا ھۆكۈمەت ۋە قانۇن تارماقلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىغا ۋە زۇلمىغا ئۇچرىغان خېلى كۆپ ئۇيغۇرلار ماددى جەھەتتىكى زور بەدەلگە قارىماستىن، ئالايىتەن بېيجىڭغا بېرىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ھۆكۈمەتلەر ئۈستىدىن ئەرىز - شىكايەت سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

ئەپسۇسكى بۇ بىچارىلەر مەركىزى ھۆكۈمەتكە دەرتلىرىنى ئاڭلىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بېيجىڭ ساقچىلىرىدىن تاياق - توقماق يەپ، تىل - ھاقارەت ئىشتىپ، ھەتتا تۈرمىلەرگە قامىلىپ، ئەرىزگە بارغىنىغا مىڭ بىر پۇشايمانلارنى قىلىپ قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا.

ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ ئەرىز سۇنۇشى، خۇددى قاراقچىنى قاراقچىنىڭ باشلىقىغا داتلاپ بەرگەندەك كومېدىيىلىك بىر ھادىسە ئىدى. چۈنكى بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان رايونىدا جەريان قىلىۋاتقان زۇلۇم، بېسىم ۋە ئادالەتسىزلىك سىياسىتىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ۋە قوماندانى بولسا دەل خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى بولۇپ، ۋاڭ لېچۇەن ۋە نۇر بەكرى دېگەندەكلەر بولسا بېيجىڭدىكى بۇ " باش قازى " نىڭ ئەمىر ‏قۇللىرى ۋە " دوغا - يايى " لىرى ئىدى.

مەسىلەن، قورچاق رەئىس نۇر بەكرىنىڭ 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان " ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنى " دا بەرگەن ھېلىقى " مەشھۇر " دوكلاتىدىن بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. نۇر بەكرى دوكلاتىدا، " مەركەز، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدى ئامانلىقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى مەملىكەتنىڭ مۇقىملىق ئومومىيىتىگە قويۇپ مۇھاكىمە قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر ۋە زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.

1996 - يىلى مەركەز شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلدى ھەم 7 - نومۇرلۇق ھۆججەتنى تارقىتىپ، " شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ئاساسى خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دېگەن ئىلمىي ھۆكۈمنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ئورۇنلاشتۇردى " دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

نۇر بەكرى تىلغا ئالغان بۇ " 7 - نومۇرلۇق ھۆججەت " بولسا، 1996 - يىلى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى تەرىپىدىن مەخسۇس شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا تۈزۈپ چىقىلغان ۋە 10 ماددىدىن تەركىپ تاپقان بىر ئىستراتېگىيىلىك ھەرىكەت پىلانى بولۇپ، بۇ ھۆججەت، دىپلوماتىيە جەھەتتە ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىش، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىن، مىللىي مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە قاراتقان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە دىنىي ۋە مىللىي تۇيغۇلارنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي فونكىسىيونىنى مىللىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشقا قارىتىش، بىڭتۈەننى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ مىللىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، شەرقىي تۈركىستاندا ھەر زامان يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان مىللىي ۋەقەلەرنى ئۆز ۋاقتىدا باستۇرۇش ئۈچۈن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن ژاندارما قىسىملىرىنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق ناھايىتى كەڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە بۇ ھەقتە كونكرېتنى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

ئۇندىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى، " شىنجاڭغا ئاساسىي خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلەردىن كېلىدۇ " دېگەن تەلەپپۇزنى قوللىنىپ كەلگەن بولسا، " 7 - نومۇرلۇق " ھۆججىتىدە تۇنجى قېتىم، " شىنجاڭغا ئاساسىي خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلەردىن ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەردىن كېلىدۇ " دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ساھەنى ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانى قىلىپ تاللىغان ئىدى.

ئەينى چاغدا بۇ ھۆججەت ئېلان قىلىنغاندا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، ھەتتا چەتئەللەردىكى بەزى خىتاي دېموكراتچىلىرىمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالە ۋە ئەسەرلىرىدە، ئەگەر 7 - نومۇرلۇق ھۆججەت ئەمەلىلەشتۈرۈلگەن تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللى زىددىيەت، ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقىنى، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ زور تەھدىتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ئەمما خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى قارشىلىق ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قىلچە قۇلاق سالمىدى ۋە شەرقىي تۈركىستان قورچاق ھۆكۈمىتىدىن " 7 - نومۇرلۇق ھۆججەت " نىڭ روھىنى ئەينەن ۋە جىددىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، شۇنداقلا بۇ ھۆججەتنى چىقىرىپ بىر قانچە ئاي ئۆتمەيلا ئاتالمىش " شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى " دېگەن نەرسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا باشلاتقان بۇ رەھىمسىز سىياسىتى ئۈچۈن دىپلوماتىيە جەھەتتىن ئاساس يارىتىشقا تىرىشتى.

قورچاق رەئىس نۇر بەكرى، بۇ قېتىم بەرگەن دوكلاتىدا، " 7 - نومۇرلۇق ھۆججەت " نى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنى، " 1996 - يىلى مەركەز 7 - نومۇرلۇق ھۆججەتنى تارقاتقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش توغرىسىدىكى بىر قاتار زور تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۈشمەنگە قارشى كەسكىن كۈرەش ۋەزىيىتىگە قارىتا " تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش، باش كۆتۈرۈشى بىلەن زەربە بېرىش، دۈشمەنگە ئالدىن قول سېلىش "فاڭجىن" ئىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللي بۆلگۈنچىلىك تايانچلىرى، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ باشلامچىلىرى ۋە زوراۋان، تېررورچىلارغا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قاتتىق زەربە بېرىپ، دۈشمەننىڭ نوخۇلىسىنى ئېلىپ، دۈشمەننىڭ كۈچىيىۋېلىشىغا قەتئىي يول قويماي، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە بىر قاتار غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى " دەپ بايان قىلغان ئىدى.

96 - يىلى " 7 - نومۇرلۇق ھۆججەت " چىقىرىلىپلا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىقياسى بۇيىچە " جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش " دېگەن نامدا زور سىياسى ھەرىكەت قوزغىلىپ، ھەرىكەتتە مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرى كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلار زەربە بېرىش نىشانى قىلىندى. يەنە شۇ يىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، " مەملىكەت بۇيىچە بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، شىنجاڭدا ئاساسى نىشان مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە ۋە قانۇنسىز دىنىي ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش بولۇشى لازىم " دېگەن چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شۇ يىلى باشلىتىلغان،" جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش " ھەرىكىتى بىلەن " قاتتىق زەربە بېرىش " ھەرىكىتى جەريانىدا مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى، يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆلۈم جازالىرىغا ۋە تۈرلۈك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىندى. بۇ ھەرىكەتلەرگە ئۇلاپلا، " ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى "، " 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى "، " شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى " دېگەندەك بىر تالاي سىياسى ھەرىكەتلەرنى قوزغاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى پەيدىن - پەي ئاشۇرۇپ كەلدى.

2000 - يىلى ئاتالمىش " چوڭ غەربى شىمالنى ئېچىش پىلانى " يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرىقى ناملاردىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ سىستېمىلاشتۇرۇلدى. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بولسا پەقەتلا بۇندىن 10 يىل بۇرۇن تۈزۈپ چىقىلىپ يولغا قويۇلغان ۋە " 7 - نومۇرلۇق ھۆججەت " دەپ ئاتالغان ئىستراتېگىيىلىك ھەرىكەت پىلانىنىڭ داۋاملىق ئىجراسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.

ئارىدىن 10 يىل ئۆتۈپ، بۈگۈنكى كۈندە قورچاق رەئىس نۇر بەكرىنىڭ " 7 - نومۇرلۇق ھۆججەت " نى " ئەڭگۈشتەر " ۋە " قىبلىنامە " قاتارىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىمۇ، بۇ ھۆججەتنىڭ نەقەدەر موھىملىقىنى ۋە ھازىرمۇ ھەم ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

قىسقىسى، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا جەريان قىلىۋاتقان زۇلۇم، بېسىم ۋە قانلىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ ئىجادچىسى ۋە باش جاۋابكارى دەل خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت. شۇڭا، خۇددى بەزى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنىڭ بايان قىلغىنىدەك، ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرى ئۈچۈن خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسىدە جاۋابكارلىققا تارتىشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى سوتلاش ۋە جازالاش كېرەك !