ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بۇ "ئاپتونوم رايون" غا بولغان ئاشكارە نارازىلىق ۋە ئېتىرازلار ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ۋەتەن ئىچىدىكى بەزى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئوچۇق خەت ۋە مۇراجەتنامىلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغانلىقى، "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىلا قېلىپ، قىلچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكى بايان قىلىنماقتا.
يېقىندا، ۋەتەن ئىچىدىكى بىر تور بېتىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قورچاق رەئىس نۇر بەكرىگە ئاتاپ يېزىلغان بىر پارچە شىكايەت مەكتۇبىنىڭ تولۇق تېكىستى ئېلان قىلىنغان ۋە بۇ مەكتۇپتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ئوچۇقچە بايان ۋە ئايان قىلىنغان ئىدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ زور خەۋپ تۆۋەندىكى 3 نۇقتىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بىرىنچىسى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى؛ ئىككىنچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى؛ ئۈچىنچىسى بولسا، "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش" دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش سىياسىتىدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىلا ئەمەس، ھەتتا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەللىك سىياسى كۆزەتكۈچىلەرمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان يۇقىرىقى سىياسىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي مەۋجۇتلۇقىغا زور خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ "ئاپتونومىيە" دېگەن بۇ ئۇقۇمغا تامامەن زىت كېلىدىغان يۇقىرىقى 3 تۈرلۈك سىياسىتىلا، ئاتالمىش " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" نىڭ، تامامەن ئاپتونومىيىسىز بىر رايون ئىكەنلىكىنى ئوچۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، "شىن جاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى"، 1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قۇرۇلغان ئىدى، تاكى 1984 - يىلىغا قەدەر بۇ "ئاپتونوم رايون"نىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچ بىر قانۇن چىقىرىلمىغان، 1984 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خىتاي مەركىزى ھاكىمىيىتى 44 ماددىدىن تەركىپ تاپقان، " جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نى ئېلان قىلغان، بۇ قانۇندا، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، مەمۇرى جەھەتتىكى ھەق - ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك گۈزەل ماددىلار ۋە شېرىن كەلىمىلەر يەر ئالغان ئىدى. خۇددى بايا دەپ ئۆتكىنىمدەك، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خەۋىپلەرنىڭ بىرىنچىسى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى ھەققىدە، "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ 11 - ماددىسىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، "جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنى ئېتىقات ئەركىنلىكىگە ئىگە. ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخس پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقات قىلىشقا ياكى ئېتىقات قىلماسلىققا زورلىماسلىقى، دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقات قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتمەسلىكى لازىم. دۆلەت نورمال دىنى پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇن، نىزام ۋە پرىنسىپلىرىدا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەقەتلا كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەكلەنگەن، كومپارتىيە ئەزاسى بولمىغان ھېچ بىر ئۇيغۇرغا دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى ھەققىدە چەكلىمە قويۇلمىغان ئىدى.
ئەمما بىز رېئاللىققا نەزەر سالىدىغان بولساق، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا مەسچىتلەرنىڭ ئىمام - مۇئەززىنلىرىدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ ئاساسى جەھەتتىن چەكلەنگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، "رادىكال ئىسلامچە" ياكى " تېررورىست" دەپ ئەيىبلىنىپ ئېغىر جازالارغا تارتىلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيمىز.
ھەتتا ۋەزىيەت شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزى ئېلان قىلغان "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ روھىغا تامامەن خىلاپ ھالدا سىياسى، ئىقتىسادى بېسىملار ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى دىنىي ئېتىقادتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ كەلمەكتە.
مەسىلەن، "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى" تەرىپىدىن 2004 - يىلى 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلىك ئەمگەك ئىدارىلىرىغا تارقىتىلغان بىر ئۇقتۇرۇشتا، ھۆكۈمەت قارمىغىدىكى ئىدارە - جەمئىيەتلەرگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنىڭ 3 شەرتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ شەرتلەرنىڭ ئىككىنچىسى بولسا، " دىنغا ئىشەنمەسلىكى كېرەك" دېگەن شەرت ئىدى.
بايا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان يەنە بىر زور خەۋپ، مىللىي مائارىپنىڭ خىتايلاشتۇرۇشى ئىدى. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنىڭ پۈتۈنلەي خانىۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ھەممىگە ئايان بولۇپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ 10 - ۋە 37 - ماددىلىرىدا مۇنداق دېيىلگەن ئىدى : "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم جايلاردىكى ئاپتونوم ئورگانلار ئۆزلىرى مۇستەقىل ھالدا مىللىي مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ شۇ جايلاردىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، ئۇلار، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى ئۆزگەرتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە" دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى، "خىتايچە بىلمىسەڭ ئىستىقبالىڭ ياكى چىقىش يولۇڭ يوق" دېگەننى تەرغىپ قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش بىلەن بىرگە، خىتايچە بىلمەيدىغان يەرلىكلەرگە قارىتا كەمسىتىش، خورلاش، ئىشقا قوبۇل قىلماسلىق، مائاشىنى ئۆستۈرمەسلىك، قاتارلىق ۋاسىتىلارنى قوللىنىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەت - ئالاقە، پوچتا - تېلېگراف قاتارلىق ئىشلىرىدا يەرلىكلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق يەرلىك خەلقنى ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىل - يېزىقىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاپ كەلمەكتە.
خۇددى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش" دېگەن نامدا ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش سىياسىتىمۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ زور خەۋىپلەرنىڭ بىرى ھېسابلانماقتا. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى يۈرگۈزىۋاتقان بۇ سىياسەتمۇ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ ماددىلىرىغا تامامەن خىلاپ ئىدى.
مەسىلەن، " مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ 22 - ۋە 23 - ماددىلىرىدا ئەينەن مۇنداق دېيىلگەن: "مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى ئاپتونومىيىلىك ئورگانلار ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، ھەر ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان دەرىجىلىك كادىر ۋە تۈرلۈك كەسپىي تېخنىك خادىملارنىڭ ئاپتونوم جايلاردىكى تۈرلۈك قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىشى ۋە ئۇلارغا ئېتىبار بېرىشى لازىم؛ ئاپتونوم جايلاردىكى كارخانا ۋە ئىدارە - جەمئىيەتلەر خادىم قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىشى، ھەمدە يېزا ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىن قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك."
بۇ ماددىنىڭ روھى بويىچە بولغاندا بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى نېفىتلىكلەردە، كان رايونلىرىدا، ئىدارە - جەمئىيەتلەردە ئىشلەۋاتقانلار خىتاي كۆچمەنلىرى بولماستىن، بەلكى بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلار بولۇشى لازىم ئىدى، ئەگەر بۇ ماددىنىڭ روھى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار باشقا يۇرتلارغا، ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنمىغان بولاتتى.
"ئاپتونومىيە" دېگەن بۇ سۆزنىڭ تۈپ مەنىسى، " ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش" دېگەنلىكتىن ئىبارەت، بۇخىل ئىدارە قىلىش، سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، قانۇنىي، ۋە باشقا كۆپ جەھەتلەردىكى ئىچكى ھەق - ھوقۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىمۇ بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىلىپ، "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە - ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم ئورگانلارنى تەسىس قىلىپ، ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش، بۇ ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى نامايەن قىلىش" دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ رىيال ۋەزىيىتىگە باققىنىمىزدا، 1955 - يىلى تەسىس قىلىنغان بۇ " ئاپتونوم رايون"نىڭ، پۈتۈنلەي ئاپتونومىيىسىز بىر رايون ئىكەنلىكىنى تولۇق كۆرۈپ يېتەلەيمىز !
