ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ خىتايلىشىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېزلەشمەكتە
چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئاتالمىش " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان 4 - 5 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش جەھەتتە كىشىنى جىددىي ئەندىشىگە سالىدىغان غايەت زور قەدەملەرنى باستى ۋە قىسقىغىنە 4 - 5 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپى تۈپ يىلتىزىدىن ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىلدى ۋە بۇخىل ۋەيرانچىلىق خېلى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىدا، " مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، يەنە 20 - 30 يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى تامامەن يوقىتىپ قويارمۇ ؟ " دېگەن ئەندىشىنى پەيدا قىلماقتا.
" قوش تىللىق ئوقۇتۇش " دېگەن شوئار قاچان ئوتتۇرىغا چىقتى ؟
شەرقىي تۈركىستاندا، " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " دېگەن ئاتالغۇ 1992 - يىلى پەيدا بولغان ۋە شۇ يىلى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى بەزى مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، " قوش تىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبە سىنىپلىرى " نى تەسىس قىلىپ، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق تەبىئىي پەن دەرسلىرىنى مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي تىلىدا ئۆتۈشنى سىناق تەرىقىسىدە باشلىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە قارىتا " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " نى رەسمىي يوسۇندا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان ۋاقتى 2004 - يىلى بولۇپ، شۇ يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى " قوش تىللىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش ھەققىدە قارار " نى ئېلان قىلغان ئىدى.
2005 - يىلى يەنە ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن، " ئاز سانلىق مىللەت ئۆسمۈرلىرىگە قارىتا مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن خىتايچە ئۆگىتىش ھەققىدە پىكىر " دېگەن نەرسە ئېلان قىلىنىپ، شەھەر ۋە يېزا - قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇر يەسلىلىرى ئۆسمۈرلەرگە قارىتامۇ " قوش تىللىق يەسلى " دېگەن نامدا خىتايچە ئۆگىتىشنى قانات يايدۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. شۇندىن بۇيان " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " خىزمىتى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە - ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەت كۈنتەرتىپى قىلىندى.
ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاتالمىش " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان 2004 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان بۇيىچە 52 مىللىي ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان " قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىنىپى " نىڭ سانى 946، بۇ سىنىپلاردا ئوقۇيدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 35 مىڭ 948 نەپەر ئىدى. ئۇنداقتا ھازىرچۇ ؟ ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بۇ يىل 1 - ئايدا ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان " قوش تىللىق مائارىپ خىزمىتى يىغىنى " دا قىلغان سۆزىدە، يىل بېشىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تەسىس قىلىنغان " قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىنىپى " نىڭ سانىنىڭ 5000 گە يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ 150 مىڭ نەپەردىن ئاشقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
2004 - يىلىدىن 2008 - يىلىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مەكتەپلىرىگە قوشۇۋېتىلگەن مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمى سانى 891 بولۇپ، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت مىللىي ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئوخشىمىغان دەرىجىدە " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " يولغا قويۇلماقتا. ئۇندىن باشقا يەنە ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان " مىنكاۋخەن " لەر يەنى مىللىي ئوقۇغۇچىلار، بۇ مەكتەپلەردىكى ئومۇمىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ 20 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2004 - يىلى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلىنغان " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى " غىمۇ يىلىغا 5000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئەۋەتىلمەكتە.
ئاتالمىش " قوش تىللىق يەسلى " نىڭ خەتىرى
خىتاينىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا ئېلان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا 3 - 6 ياش ئارىلىقىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى 1 مىليون 200 مىڭ نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ 720 مىڭ نەپىرى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىدىن ئىبارەت، ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزىلىرىنىڭ 60 پىرسەنتىدە " قوش تىللىق يەسلى " دەپ ئاتالغان خىتايچە يەسلىلەر قۇرۇلۇپ بولدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەرلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن خىتايچىسىنى چىقىرىپ بولۇشنى مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن ۋە ئالدىمىزدىكى 5 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان پۈتۈن يېزا - كەنتلىرىدە " قوش تىللىق يەسلى " نى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇشنى جىددىي پىلان قىلماقتا.
مىللىي مائارىپچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى
خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4 يىل ئىچىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغى 130 مىليون يۇەن بولۇپ، بۇ جەرياندا 10 مىڭدىن ئارتۇق مىللىي ئوقۇتقۇچى مەجبۇرىي خىتايچە كۇرسلارغا ئەۋەتىلگەن، كۆپلىگەن ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان پىشقەدەم مىللىي ئوقۇتقۇچىلار، " خىتايچىنى بىلمەيدۇ " دېگەن سەۋەب بىلەن مەجبۇرىي دەم ئېلىشقا چىقىرىلغان ياكى باشقا كەسىپلەرگە يۈزلەندۈرۈلگەن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا بولسا خىتاي ئوقۇتقۇچىلار يەرلەشتۈرۈلگەن.
مەسىلەن، " تيانشان تورى " نىڭ 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " نىڭ كۆلىمى تىز سۈرەتتە كېڭىيىپ، يەرلىك مىللەتلەر ئۈچۈن ئېچىلغان " قوش تىللىق باشلانغۇچ مەكتەپ " لەرنىڭ سانى كۆپەيگەچكە، ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقى كۆرۈلگەن. بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىلىدىن 2013 - يىلىغىچە بولغان 6 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش " قوش تىللىق مەكتەپ " لەر ئۈچۈن يېڭىدىن 15 مىڭ 600 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان. ئادەتتە بۇ " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " قا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىلا خىتايلار بولۇپ كەلمەكتە.
مىللىي مائارىپىڭ بولمىسا، مىللىي كىملىكىڭنى ساقلاپ قېلىشىڭ مۇمكىن ئەمەس
دېمەك، يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلار، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنىڭ نەقەدەر زور بىر خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنىڭ نەقەدەر ھەقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. چۈنكى مىللىي مائارىپىنى يوقاتقان مىللەت مىللىي تىل - يېزىقىنى يوقىتىپلا قالماستىن، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنىمۇ يوقىتىدۇ، ئۆرپ - ئادەت يوقالسا مىللەتمۇ يوقايدۇ، مىللەت يوقالغان ئىكەن، ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىمانىمۇ يوقايدۇ.
مىللىي ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر بولسا ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تىل - يېزىقىنى، تارىخىنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، مىللىي ئەدەپ - ئەخلاق ۋە خىسلەتلىرىنى ئۆگىنىدىغان ئەڭ مۇھىم دەۋرىدىن ئىبارەت، سىنىڭ بۇ ھەل قىلغۇچ دەۋرىڭ خىتايچە ئۆگىنىش بىلەن ئۆتسە، ئۇ ھالدا سەن مىللىي مەۋجۇتلۇقۇڭنى قانداق ساقلاپ قالالايسەن ؟
بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى، دۇنيا ۋە ئىنسانىيەت غەزىنىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى
" ياۋروپا بىرلىكى " نى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ بىرلىكنىڭ تەركىبىدە ھازىر 30 غا يېقىن دۆلەت بار، ئەمما بۇ بىرلىكنىڭ ئورتاق بىر تىلى، ئورتاق بىر يېزىقى ياكى ئورتاق بىر مائارىپى يوق، بۇ بىرلىككە تەۋە دۆۋلەتلەرلا ئەمەس، ھەتتا بىرلىك تەركىبىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ " كانتون " دەپ ئاتالغان " ئاپتونوم رايون " لىرىمۇ ئۆزىنىڭ تىل - يېزىقىنى، مىللىي مائارىپىنى ۋە مىللىي ئۆرپ ئادەتلىرىنى قوغداپ كەلمەكتە. مەسىلەن ، سىز شىۋىتسارىيىگە بېرىپ بېقىڭ، بۇ دۆلەت ئىنگىلىزچە، فرانسۇزچە، گېرمانچە ۋە ئىتالىيىچە سۆزلەيدىغان كانتونلارغا، يەنى ئاپتونوم رايونلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، قايسى خىلدا سۆزلەيدىغان ئاپتونوم رايونغا بارسىڭىز، شۇ رايوننىڭ قوللىنىۋاتقان تىلىنى سۆزلىشىڭىز لازىم، دۆلەتنىڭ ئورتاق بىر تىلى ياكى مىللىي مائارىپ سىستېمىسى يوق، قايسى رايونغا بارسىڭىز، شۇ رايوننىڭ تىلىدا سۆزلىشىڭىز، شۇ رايوندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىڭىز لازىم.
مەسىلەن، " ياۋروپا بىرلىكى " نىڭ ئەڭ نوپوزلۇق ئەزاسى فرانسىيىنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ دۆلەتكە دائىر مۇنداق بىر رىۋايەت بار. ئەگەر بىر كىشى فرانسىيىدە سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، ئىنگىلىزچە، " مىنى قۇتقۇزۇڭلار " دەپ ۋارقىرىسا، ئۇ كىشىگە ھېچكىم ياردەم قولىنى سۇنمايدۇ، ئەگەر ياردەم كېرەك بولسا جەزمەن فرانسۇزچە ۋارقىرىشىڭىز لازىم، ئەمەلىيەتتە بولسا ياۋروپا بىرلىكى تەركىبىدىكى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھەممىسىلا ئىنگىلىزچە بىلىدۇ، مەكتەپلەردىمۇ بۇ تىل پەقەتلا قوشۇمچە چەتئەل تىلى دەرسى قاتارىدا ئۆتۈلىدۇ ۋە ياۋروپادا ھېچبىر تىل - يېزىقنىڭ مونوپوللۇقى يوق. ياۋروپا بىرلىكىدىكى پۈتۈن دۆلەتلەر بىر - بىرىنىڭ تىل - يېزىقىغا ۋە مەدەنىيىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىپ كەلمەكتە.
پۈتۈن ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئۆز مىللىتىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئالدى بىلەن مىللىي تىل - يېزىقىنى، تارىخىنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، دىنىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىشنى ئاساسى ئورۇنغا قويۇپ كەلمەكتە. چۈنكى ئەركىن دۇنيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن بىر مىللەتنىڭ تىل - يېزىقى، مىللىي مائارىپى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى بولسا دۇنيا ۋە ئىنسانىيەت غەزىنىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدىن ئىبارەت !
شۇڭا، بۈگۈنكى كۈندە غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشى ۋە بۇ خىل سىياستىنى، " ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىش سىياسىتى " دەپ قارىشى ھەرگىزمۇ ئەجەپلىنەرلىك ھادىسە ئەمەس !
