شەرقىي تۈركىستاننى قورشاپ تۇرغان قوراللىق قوشۇن - بىڭتۈەن ( 1 )

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىككى " دۆلەت بايرىمى " بار، بىرى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1 - ئۆكتەبىر. يەنە بىرى بولسا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىل خاندانلىقى ھېسابلانغان بىڭتۈەن قۇرۇلغان 7 - ئۆكتەبىر.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
2008.10.20

ئادەتتە بىڭتۈەنلىك خىتايلار، بىڭتۈەن قۇرۇلغان 7 - ئۆكتەبىرنى، دۆلەت بايرىمى قۇرۇلغان 1 - ئۆكتەبىردىنمۇ بەكرەك داغدۇغا ۋە ھەشەم بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. بىڭتۈەننىڭ " پايتەختى " ھېسابلانغان شىخەنزە شەھىرىدىلا ئەمەس، پۈتۈن دېۋىزىيىلەرنىڭ مەركەزلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بىڭتۈەننىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ جېننىڭ ھەيكىلى تىكلەنگەن بولۇپ، ھەر يىلى 7 - ئۆكتەبىر كۈنى بىڭتۈەنلىك خىتايلار ۋاڭ جېننىڭ ھەيكىلى ئەتراپىغا توپلىنىپ، ئۆزلىرىگە بىپايان زېمىن، ئالاھىدە ھوقوق ۋە ئىمتىياز، پۈتمەس - تۈگىمەس بايلىق ۋە مال - دۇنيا قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ " ئەۋلىيا " سىغا تاۋاپ - تازىم قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ كەلگەن.

شەرقىي تۈركىستاندىكى بىڭتۈەنلىك خىتايلارنىڭ ئىچىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھازىرقى رەھبەرلىرىنىڭ ئىسىم - زاتىنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس، ئەمما بىڭتۈەننىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ جېننى بىلمەيدىغان بىڭتۈەنلىك يوق دىيەرلىك. يەنە كېلىپ ۋاڭ جېن تۇغۇلغان 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنىمۇ بىڭتۈەنلىك خىتايلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بىر كۈن بولۇپ، بۇ كۈندە بىڭتۈەنلىك خىتايلار شام - چىراقلىرىنى يېقىشىپ، بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ۋاڭ جېننىڭ رەسىمى ۋە ھەيكىلى ئالدىدا تىز چۆكۈپ، خۇددى ئەۋلىيا - ئەنبىيالارغا تاۋاپ قىلغاندەك سەجدە قىلىشىدۇ.

بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ۋاڭ جېن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقى داغدۇغا بىلەن خاتىرلەندى. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋاڭ جېن ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىممۇ ئىشلەپ تارقاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن، ۋاڭ جېننىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، " يولداش ۋاڭ جېننى خاتىرىلەش ئارقىلىق، ئۇنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدىن ئۆگىنىشىمىز لازىم " دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

دېمەك ۋاڭ جېن، پەقەت بىڭتۈەنلىك خىتايلار ئۈچۈنلا ئەمەس، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك بىر زات ئىدى، چۈنكى ۋاڭ جېن، پەقەت بىڭتۈەننىڭ قۇرغۇچىسىلا ئەمەس، " مىللىي بۆلگۈنچىلىك " كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭمۇ بايراقدارى ۋە باشلامچىسى ئىدى. ئۇنداقتا ۋاڭ جېن كىم ؟ ئۇيغۇر خەلقى ئۇنىڭغا قانداق باھا بەرگەن ؟ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋاڭ جېننىڭ، " قانخور جاللات "، " شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان باش تاجاۋۇزچى " دېگەندەك ناملىرى بار. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ۋاڭ جېن، ئەسلىدە گېنىرال پېڭ دېخۇەي قۇماندانلىقىدىكى خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى 1 - دالا ئۇرۇشى ئارمىيىسى 1 - بىڭتۈەنىنىڭ، يەنى، 1 - كورپۇس ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ئىدى. 1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەن خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسى بولسا دەل ۋاڭ جېن قوماندانلىقىدىكى 1 - بىڭتۈەن قىسىملىرى ئىدى. يەنە كېلىپ ۋاڭ جېن، " خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئىنقىلابى كومىتېتى " نىڭ تۇنجى سېكرىتارى، يەنى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنجى باش ۋەكىلى ئىدى.

ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىچكى قىسىمدا، " شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى " دەپ ئاتالغان، چەتئەللەرگە بولسا، " جۇڭگو - شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ھەسسىدارلىق گۇرۇھى " دەپ تونۇشتۇرۇلۇۋاتقان بىڭتۈەن بولسا، 1954 - يىلى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ۋاڭ جېننىڭ تەشەببۇسى ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان بىر ھەربىي ۋە مەمۇرى ئورگان ئىدى. 54 - يىلى بىڭتۈەن قۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ نوپۇسى، 49 - يىلى 10 - ئايدا خىتاي كوممۇنىستلىرىغا تەسلىم بولغان 100 مىڭ كىشىلىك گو مىنداڭ ئەسكىرىدىن ۋە ئۇلارنىڭ بالا - چاقىلىرىدىن تەركىپ تاپقان، شەرقىي تۈركىستاندا ئىگىلىگەن يەر كۆلىمىمۇ ئىنتايىن چەكلىك، ئىقتىسادى كۈچىمۇ ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ئەينى چاغدا يەرلىك خەلققە سىياسى، ئىقتىسادى، ھەربىي جەھەتتە ئانچە زور بىر تەھدىتى يوق ئىدى.

ئەمما بىز ھازىرقى بىڭتۇەنگە قاراپ باقايلى : " تيانشان تورى " دا ئېلان قىلىنغان، " شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى " دېگەن ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىڭتۈەننىڭ 1954 - يىلىدىكى نوپۇسى 175 مىڭ بولۇپ، ھازىرقى ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 563 مىڭدىن كۆپرەك ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 13 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ھازىر بىڭتۈەن قارمىقىدا 14 دىۋىزىيە، 178 پولك بولۇپ، بۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى 16 ۋىلايەت ۋە بۇ ۋىلايەتلەر قارمىغىدىكى 69 ناھىيە تەۋەسى ئىچىگە جايلاشتۇرۇلغان. بىڭتۈەننىڭ 58 پولكى مەخسۇس چېگرا بويلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن بىڭتۈەندىن ئاجرىتىلغان قوراللىق 100 مىڭ كىشى چېگرىدىكى مۇنتىزىم ئەسكەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ بىرگە ياشايدۇ. بىڭتۈەن قارمىقىدا ھازىر 5300 دىن ئارتۇق سودا ۋە سانائەت شىركىتى بار. شەرقىي تۈركىستاندىكى 16 چېگرا ئېغىزىنىڭ توققۇزى بىڭتۈەن تەۋەسىدە ۋە بىڭتۈەننىڭ باشقۇرۇشىدا.

ھازىر بىڭتۈەننىڭ 75 دۆلەت بىلەن بىۋاستە سودا مۇناسىۋىتى بار. بىڭتۈەننىڭ 1954 - يىلىدىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 77 مىڭ 300 گېكتار ئىدى، ھازىر بولسا 953 مىڭ 900 گېكتار. بىڭتۈەننىڭ نۆۋەتتىكى يىللىق تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكىسپورت مىقدارى 1 مىليارد 618 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىمپورت - ئېكىسپورت مىقدارىنىڭ 24 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

1990 - يىلى 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى بىڭتۈەننى، " مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇن " دەپ قارار چىقارغان بولۇپ، " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى " نىڭ بىڭتۈەننى باشقۇرۇش ياكى ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقوقى يوق. بىڭتۈەن، باج ۋە غەللە - پاراقنى " ئاپتونوم رايون " غا ئەمەس، بەلكى مەركىزى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ كەلمەكتە. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۈەنگە يۈكلىگەن ۋەزىپىسى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ، " شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چېگرانى قوغداش " تىن ئىبارەت. بىڭتۈەن ھازىر ئادەتتىكى بىر ئۆلكىدە بولۇشقا تىگىشلىك سىياسى، ئىقتىسادى، مەمۇرى، قانۇنىي ۋە ھەربىي ئورگانلارنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ئىگە بولۇپ، ئىمتىياز جەھەتتە ھەر قانداق ئۆلكىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرماقتا.

نۆۋەتتە بىڭتۈەن قارمىغىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك چوڭ شەھەرلەردىن شىخەنزە، كۈيتۇڭ، ۋۇجياچۈ، ئالار، بەيتۇن، تۇمشۇق قاتارلىقلار بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە 174 پولكنىڭ ھەممىسىدە كىچىك شەھەرلەر بەرپا قىلىنغان. دېمەك، چەتئەللىك سىياسى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىڭتۈەننى، " دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت " ياكى بولمىسا " شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىل خاندانلىق " دەپ ئاتىشىنىڭ بەلگىلىك ئىلمىي ئاساسى بار.    


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.