ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىڭتۇەن بولسا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سائەتلىك بومبا بولۇپ، بۇ بومبا پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى كوممۇنىست ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ يېرىنى ئىگىلەيدىغان خىتاي دېموكراتىك ھاكىمىيىتى ئۈچۈنمۇ خەۋىپلىك. كەلگۈسىدە بىڭتۇەن خۇددى ئىلگىرىكى ياڭ زىڭشىڭ، جىن شۇ رېن ۋە شىڭ شىسەي دەۋرلىرىگە ئوخشاش مەركىزى ھۆكۈمەتكە بوي سۇنمايدىغان ۋە يەرلىكلەر بىلەن دۈشمەنلەشكەن مىلىتارىست بىر گۇرۇھقا ئايلىنىشى مۇمكىن.
ئۇلارنىڭ بۇنداق دەپ قارىشىدىكى ئاساسى سەۋەب، بىڭتۇەننىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەركىۋى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي خەلقى ئۈچۈنمۇ بىر سىرلىق قۇتىدىن ئىبارەت. بىڭتۇەندە دېموكراتىك پىكىر - ئېقىملارنىڭ قىلچە تەسىرى ياكى ئىزى يوق بولۇپ، بىڭتۇەن تەركىۋىدىكى خىتايلار نۆۋەتتە پۈتۈن خىتاي بۇيىچە كوممۇنىستىك پارتىيىگە ۋە ھاكىمىيەتكە ئەڭ سادىق، چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسى ئەڭ ئېغىر خىتايلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بىڭتۇەن سىياسى، ئىقتىسادى، مەمۇرى، قانۇنىي ۋە ھەربىي جەھەتتە پۈتۈنلەي ئۆزىنى - ئۆزى ئىدارە قىلالايدىغان، مەركەزگە ئانچە بېقىنىپ كەتمىگەن، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسى ۋە ئىقتىسادى داۋالغۇشلارنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان مۇستەقىل بىر دۆلەت شەكلىنى تۇرغۇزۇۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىردىن - بىر ئەندىشىسى ۋە دۈشمىنى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت، شۇڭا بىڭتۇەننىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئىستىراتېگىيىسى بولسا ئۇيغۇرلاردىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇلارنى دائىم بېسىم ۋە تەھدىت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئاساسىدا قۇرۇلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدىمۇ بىڭتۈەنلىك خىتايلار بىلەن ئادەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە، " خىتاينىڭ ئەسكىسى بىڭتۈەنلىك " دېگەن سۆز كەڭ ئومۇملاشقان.
چۈنكى ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىكلەر بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش، زىددىيەت، ئىختىلاپلاردا، يەر، سۇ، مال - مۈلۈك، دەريا - ئېقىن، يايلاق، ئورمان تالىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جېدەل - ماجىرالاردا بىڭتۈەنلىك خىتايلار ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىگە يېقىنراقىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە بىۋاستە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقانلارمۇ يەنىلا شۇ بىڭتۈەنلىك خىتايلاردىن ئىبارەت.
ئادەتتە بىڭتۈەندىكى ھەر قانداق بىر خىتاي ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ناھىيە ۋە يېزا بازارلىرىغا ئەركىن - ئازادە ھالدا كىرىپ، بىمالال ھالدا سودا - سېتىقىنى قىلىپ كېتەلەيدۇ، خالىسا يەر، ئۆي ۋە مال - مۈلۈك سېتىۋېلىپ يەرلىشەلەيدۇ. ئەمما ھېچبىر ئۇيغۇر بىڭتۇەن قارمىغىدىكى تۈەن - مەيدانلارغا بېرىپ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشقا ياكى ئۇلارنىڭ تېررىتورىيىسىگە بىمالال كىرىشكە جۈرئەت قىلالىغان ئەمەس، چۈنكى بىڭتۇەن تەۋەسىدە بېشىڭىزغا بىرەر بالا كەلسە، سىزگە ئىگە چىقىدىغان ياكى سىزنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقوقلىرىڭىزنى قوغدايدىغان ئورگان يوق. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بىڭتۇەندىن ئۇزاق تۇرۇش ۋە بىڭتۇەندە بىرەر ئىش تېرىپ قويماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، چۈنكى مەسىلە كۆرۈلگەندە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋە يەرلىك قانۇن تارماقلىرىنىڭ بىڭتۈەنلىك خىتايلارنى سوئال - سوراققا ياكى جاۋابكارلىققا تارتىش ھوقوقى ۋە سالاھىيىتى يوق.
بىڭتۈەنلىكلەر بىلەن يەرلىكلەرنىڭ بىر - بىرىگە بولغان دۈشمەنلىكى ۋە ئۆچمەنلىكى، بىڭتۇەن تەركىۋىدىكى خىتايلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ خىل دۈشمەنلىك پەقەتلا بىڭتۇەن قۇرۇلغان 54 - يىلىدىن كېيىن پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس، بەلكى 100 يىللىق ئۇزاق تارىخى جەريانغا ۋە ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، 1954 - يىلى بىڭتۇەن 175 مىڭ كىشى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى. ئۇنداقتا بۇ كىشىلەر كىملەر ؟ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 100 مىڭغا يېقىنراقى بولسا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىپ ياتقان ھەربىي قىسىملىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىلگىرىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قىلمىغان زورلۇق - زۇمبۇلۇقلىرى قالمىغان، ئىككى قولى يەرلىك خەلقنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان يۈەن داخۇا، ياڭ زېڭشىڭ، جىن شۇ رېن، شىڭ شىسەي قاتارلىق دىكتاتور مىلىتارىستلارنىڭ قالدۇق قىسىملىرى ئىدى.
شەرقىي تۈركىستاندا ئىلگىرى يۈز بەرگەن مىللىي ئىنقىلاب ۋە خەلق ئىسيانلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلغان، يەرلىك خەلق بىلەن بۇ خىتاي ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە قىساس تۇيغۇسى شەكىللەنگەن ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ خىتاي ئەسكەرلىرى 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا تەسلىم بولغاندىن كېيىن، 1950 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، " خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 22 - بىڭتۇەنى " قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. 49 - يىلى بۇ ئەسكەرلەر خىتاي كوممۇنىستلىرىغا تەسلىم بولغاندىن كېيىن، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدىن تاللاپ چىقىلغان 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوفىتسېر بۇ گومىنداڭ قىسىملىرىغا سىياسى كومىسسارلىققا تەيىنلەنگەن ئىدى.
بىڭتۈەننى تەشكىل قىلغان خىتايلارنىڭ قالغان قىسمى بولسا 1949 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1952 - يىلىغا قەدەر خىتاينىڭ شەندۇڭ، خۇبىي، خېنەن، ئەنخۈي، جېجياڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردىن يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي جىنايەتچىلىرى، يەنە كېلىپ بۇ جىنايەتچىلەر قاتىل، ئوغرى - بۇلاڭچىلاردىن تەركىپ تاپقان جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرى ئىدى. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان،" بىڭتۇەننىڭ تەرەققىيات تارىخى " ناملىق ئەسەردە بايان قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان 1949 - يىلىنىڭ ئۆزىدىلا، " شىنجاڭ ھەربىي رايونى " نىڭ قارمىقىدا " جىنايەتچىلەرنى قوبۇل قىلىش كومىتېتى " قۇرۇلۇپ، 49 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1952 - يىلىغا قەدەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يوقىرىقى ئۆلكىلەردىن بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەرنى يۆتكەپ كەلگەن. 1954 - يىلى ئاتالمىش " ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى " قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1955 - يىلىدىن 56 - يىلىغىچە بىڭتۇەنمۇ ئۆز ئالدىغا يەنە سىچۇەن، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىن خىتاي جىنايەتچىلىرىنى يۆتكەپ چىقىپ بىڭتۇەن تەۋەسىگە يەرلەشتۈرگەن.
1955 - يىلى 11 - ئايدا ۋە 56 - يىلى 9 - ئايلاردا بىڭتۇەن مەخسۇس " جىنايەتچىلەر مەسىلىسى يىغىنى " چاقىرىپ، خىتايدىن يۆتكەپ كېلىنىپ جىنايەت مۇددىتى توشقان خىتايلارنى قايتۇرماي شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، يۇرتىدا قالغان بالا - چاقىلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەڭگۈ يەرلىشىپ قېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېتنى سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىققان.
1957 - يىلى خىتاي ئالىي خەلق سوتى، تەپتىش مەھكىمىسى، ئەدىلىيە مىنىستىرلىقى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىرلەشمە خىزمەت ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستانغا يېتىپ كېلىپ، خىتاي جىنايەتچىلەرنى يەرلەشتۈرۈش خىزمەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلغان ھەمدە بۇ جىنايەتچىلەرنى ئېغىر ئەمگەككە سالماسلىق، ئۇلارغا قوپاللىق قىلماسلىق، باشقۇرۇشتا قاتتىق قوللۇق قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. شۇ يىلى يەنە مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئۇلار بىلەن جەم قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بىڭتۇەنگە كېلىپ قوشۇلغان خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى جىنايەتچىلەر ۋە بىڭتۈەنلىك خىتايلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە قەپ قالغان ئۇرۇق - تۇغقان، جەددە - جەمەتلىرى ئىدى.
شەرقىي تۈركىستاندا بىڭتۇەندىن قاچقان خىتاي جىنايەتچىلىرىنىڭ يەرلىكلەر ئارىسىدا ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئوت قويۇپ، بۇلاڭ - تالاڭ قىلغانلىقىغا دائىر دىلولار ناھايىتى كۆپ.
دېمەك بىڭتۇەن، ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن " قانخور جاللاتلار " دەپ ئاتالغان يۈەن داخۇا، ياڭ زېڭشىڭ، جىن شۇ رېن، شىڭ شىسەي قاتارلىق مىلىتارىستلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرىدىن، 3 ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىدىن دەككىسىنى يىگەن ۋە بۇ سەۋەبتىن ۋۇجۇدى ئۇيغۇر خەلقىغە بولغان قىساس تۇيغۇسى بىلەن تولغان گومىنداڭ قىسىملىرىنىڭ كونا داشقاللىرىدىن، سىياسى كومىسسار دېگەن نامدا خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسىدىن تاللاپ چىقىلىپ بۇلارغا قوشۇپ بېرىلگەن ئەشەددىي كوممۇنىستلاردىن، يەنە شۇنداقلا ئىچكى ئۆلكىلەردە ئۆز خەلقىغە قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغان داڭلىق جىنايەتچىلەردىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئىنتايىن مۇرەككەپ، سىرلىق، ۋەھىمىلىك ۋە رەھىمسىز بىر قوشۇن ئىدى.
