ياپونىيە ئاخباراتچىلار جەمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھەققىدە ئانالىز
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
2008.11.03
2008.11.03
شەرقىي تۈركىستان رايونى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا
يۇقىرىقى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى بولسا ياپونىيىدىكى ئاساسلىق 140 ئاخبارات ئورگىنىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇ ئۆمەك بۇ قېتىمقى بىر ھەپتىلىك خىتاي زىيارىتى جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننى مۇھىم زىيارەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ تاللىغان.دەرۋەقە بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان رايونى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەر - ماقالىلار ئېلان قىلىنىپ كېلىنمەكتە.
بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى شۇكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى كۈندىن - كۈنگە كۈچۈيۈپ بارماقتا ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھازىر خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپلىرىنىڭ بىرى.
يەنە بىر جەھەتتىن، چەتئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە شەرقىي تۈركىستان بولسا خىتاي بويىچە ئەڭ مۇقىمسىز رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ رايوندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مىللىي ھەرىكەتلەر ئۈزلۈكسىز ھالدا داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
تەرەققىيات جەھەتتە خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدىكى پەرق زورايماقتا
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيىلىك مۇخبىرلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا، نۆۋەتتە تەرەققىيات جەھەتتە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ زورىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، يەنە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ تەرەققىيات جەھەتتە بىر رايون بىلەن يەنە بىر رايون ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق بارلىقىنى، بۇ پەرقنى ئازايتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قانداق تەدبىر قوللانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغان.خۇددى ياپونىيىلىك مۇخبىرلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى پەرق يىلدىن - يىلغا زورىيىپ بارماقتا.
تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە ئىقتىسادى كىرىم جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان رايونى تاكى 90 - يىللارنىڭ باشلىرىغا قەدەر خىتاي بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى، ھازىر بولسا ئەڭ ئاخىرقى قاتاردا.
ۋاڭ لېچۈەن بولسا مۇخبىرلارنىڭ يۇقىرىقى سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا،، تارىخىي ۋە جۇغراپىيىلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەرەققىيات جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق كۆرۈلگەنلىكىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىي بايلىقلىرىنىڭ ئىنتايىن مول ئىكەنلىكىنى، بۇ رايوننى خىتاينىڭ ئەڭ ئاساسلىق نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
خىتاينىڭ ئادالەتسىز ۋە تالان - تاراج قىلىش سىياسىتى پەرقنىڭ زورىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب
كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى 1949 - يىلىدىن تاكى ھازىرغا قەدەر ئىزچىل ھالدا شىن جياڭنى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش، دېگەن شوئارنى توۋلاپ كېلىۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستان پەقەت ھازىرلا ئەمەس، 49 - يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ كەلدى، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ رايوننىڭ تەبىي بايلىقلىرىنى ئېچىش ھەرىكىتىنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويغىنى يوق، بەلكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يىلدىن - يىلغا ئاشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.مەسىلەن ئۆتكەن يىلى شەرقىي تۈركىستاندا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 26 مىليون توننىدىن كۆپرەككە، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 21 مىليارت 100 مىليون كۇپ مېتىرىغا يەتكەن ئىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بولسا پۈتۈن خىتاينىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلماقتا.
خۇددى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كۆرسىتىلگەندەك، شەرقىي تۈركىستان رايونى بولسا تەبىي بايلىقلارنىڭ زاپاس مىقدارى جەھەتتە پۈتۈن خىتاي بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلمەكتە.
ئەھۋال شۇنداق ئىكەن بۈگۈنكى كۈندە يەنە بۇ رايوننىڭ تەرەققىيات، تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە ئىقتىسادى كىرىم جەھەتتە خىتاي بويىچە ئەڭ ئاخىرقى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ رايوندا ئادالەتسىز بىر سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ رايوننى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئەمەس، بەلكى بۇ رايوننىڭ تەبىي بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلىش بەدىلىگە ئىچكى ئۆلكىلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئاساسى نىشان قىلغانلىقىنى، بۇ رايوندىكى يەرلىك خەلقنى ئۆزلىرىنىڭ تەبىي بايلىقلىرىدىن نەپ ئېلىشتىن تامامەن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 49 - يىلىدىن بۇيان قوللۇنۇپ كېلىۋاتقان بۇ تۈپ سىياسىتى ئۆزگەرمىگىچە، بۇ رايوننىڭ تەرەققىياتىدىن ۋە يەرلىك خەلقنىڭ ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى قالاق قالدۇرۇش سىياسىتى
ۋاڭ لېچۈەن، ياپونىيىلىك مۇخبىرلارنىڭ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بىر رايون بىلەن يەنە بىر رايون ئوتتۇرىسىدا زور پەرق كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئىقلىم ۋە مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن پەرق كېلىپ چىققانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇبتىكى نامرات 3 ۋىلايەتنىڭ ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن ۋە ئاتۇش ۋىلايەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ نامرات 3 ۋىلايەت، دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ 3 ۋىلايەت تەۋەسىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىمىغا يېقىنراقىنى تەشكىل قىلماقتا.
ھازىر خىتاينىڭ ئىستاتىستىكىلىرىدا بۇ نامرات 3 ۋىلايەتتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 1500 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى مانا بۇ 3 ۋىلايەتكە تەۋە.
خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئاۋال خىتاي كۆچمەنلىرى زىچ ئولتۇراقلاشقان شىمالى ۋە شەرقىي رايونلارنى ۋە بىڭ تۈەننى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئاساسى نىشان قىلىپ، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي رايونلارغا مەبلەغ سالماي تاشلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇ رايوننىڭ ئىگىلىكىدە ھېچ بىر ئىلگىرىلەش بولمىغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ پەرقلىق سىياسىتى، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرى زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلار بىلەن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقنىڭ زورىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ئىدى.
مەسىلەن، تىئان شان تورىنىڭ بۇيىل 4 - ئايدا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، بىڭ تۈەن تەركىبىدىكى خىتاي دېھقانلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 6100 يۈەندىن ئاشقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.
دېمەك، ئىككى تەرەپنىڭ كىرىمى ئوتتۇرىسىدا 3 - 4 ھەسسە پەرق كۆرۈلمەكتە. ياپونىيىلىك مۇخبىرلارنىڭ بۇ قېتىم ۋاڭ لېچۈەن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى پەرقنى ئاساسى تەما قىلغانلىقى، مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان تالان - تاراج قىلىش سىياسىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.









