33 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىللار ھەققىدە

11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى بولسا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولۇپ، 1933 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، يەنە 1944 - يىلى ئوخشاش ئاي ۋە ئوخشاش كۈندە ئىلىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنىنى، " ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بايرام كۈنى " دەپ جاكارلاپ، بۇ كۈندە تۈرلۈك شەكىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتى بولسا دەل يۇقىرىقى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن مىللىي ئىنقىلابلارنىڭ داۋامى بولۇپ، خاراكتېر، غايە ۋە مەقسەت جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە.

گەرچە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ئەينى چاغدىكى ئىمپېرىئالىست كۈچلەرنىڭ سىياسىي سۈيقەستى نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتتىن ئۇيغۇر خەلقىغە ئىنتايىن قىممەتلىك ئەڭگۈشتىرلەر مىراس قالغان ئىدى، بۇ ئەڭگۈشتەرلەر - مىللىي مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولى ھېسابلانغان ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، ئىستىقلال مارشى، دۆلەت گىرىبى ۋە بۇ ئەڭگۈشتىرلەرنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇش يولىدا قۇربان بولغان سانسىزلىغان قەھرىمانلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ئىدى.

بۈگۈن چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ 1933 - يىلى قۇرۇلغان تۇنجى جۇمھۇرىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى سۈپىتىدە جەۋلان قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىمۇ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ، ئەينى چاغدىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ ۋارىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

بۇ نۇقتىنى خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ ئىنكار قىلغىنى يوق، مەسىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان ۋە ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىدارە - جەمئىيەتلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سىياسى ئۆگىنىش ماتېرىيالى ھېسابلانغان، " ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ھەققىدە قىسقىچە ئوقۇشلۇق " ناملىق كىتابچىدا، 1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بولسا، " مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى نەزەرىيىسىدىن ئىبارەت بۇ ئەكسىيەتچىل ئىدېئولوگىيىنىڭ تۈپ مەنبىيى " دەپ تونۇشتۇرۇلغان ۋە ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئەينى چاغدا شەكىللەنگەن بۇ خىل ئىدېئولوگىيە ئاساسىدا جەريان قىلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرى بولسا، 33 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنلىرى قۇرۇلغان تۇنجى جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قولدىن كەتكەن ھەق - ھوقوقلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە مىللىي مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىرادىسى، غايىسى ۋە ئارزۇسى سەۋەب بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، شۇ دەۋىردە ئۆتكەن مۇستەملىكىچى ۋە دىكتاتور كۈچلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قاراتقان چىكىدىن ئاشقان بېسىم، زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىۋاستە سەۋەبچى بولغانلىقىنى، چۈنكى 30 - يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، دىنى ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ ئىنسان چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىشماقتا.

ئەمما كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، 1933 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللار ھەققىدە ئىزاھات بەرگەندە، ھېچبىر ۋاقىت ئەينى چاغدىكى ياڭ زىڭشىڭ ۋە جىن شۇرېن قاتارلىق مۇستەبىت دىكتاتورلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا سالغان زۇلۇملىرىنى تىلغا ئېلىپ باققان ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىنى تامامەن تاشقى كۈچلەرنىڭ قۇترىتىشىغا باغلاپ، بۇ ئىككى دىكتاتور زالىمغا چاپان يېپىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ كەلمەكتە.

مەسىلەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان، " ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ھەققىدە قىسقىچە ئوقۇشلۇق " ناملىق كىتابچىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، " 30 - يىللاردا، شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى داۋالغۇشتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى دېگەن بايراقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، 1933 - يىلى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قەپەزدىن چىقاردى " دەپ ئىزاھات بېرىلگەن ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەنگىلىيىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ سەپسەتىسى ئۇيغۇر تارىخچىلىرى تەرىپىدىنلا ئەمەس، ھەتتا چەتئەللىك تارىخچى ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىنمۇ قەتئىي تۈردە رەت قىلىنىپ كېلىنمەكتە.

مەسىلەن، ئەنگلىيىلىك تارىخچى دوكتۇر ئاندرىيۇ فوربېس ئەپەندى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1911 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە بولغان سىياسى تارىخى ھەققىدە يېزىلغان كىتابتا، 33 - يىلى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن قۇرۇلغانلىقى، ھېچبىر دۆلەتنىڭ بىۋاستە ئارىلىشىشىغا ياكى تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقى، ئەنگىلىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەمەس، ئەكسىچە ئەينى چاغدا ئۆزلىرىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى قوللىغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

بۇ كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇمھۇرىيەتنى ئېتىراپ قىلىشنى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى، " ئىتتىپاقدىشىمىز بولغان جۇڭگونىڭ بۆلۈنۈشىنى خالىمايمىز " دەپ جاۋاب بېرىپ رەت قىلغان. ئەكسىچە بۇ جەرياندا، ھىندىستاندىكى ئەنگىلىيە دائىرىلىرى مىللىي ئىنقىلابنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىڭ شۇرېن ھۆكۈمىتىگە 4 مىڭ تال مىلتىق ۋە 4 مىليون پاي ئوق سېتىپ بەرگەن. دېمەك، ئەينى چاغدىكى تارىخىي رىئاللىق، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۈگۈن دەۋاتقىنىنىڭ دەل ئەكسىچە بولغان.

تارىخچى دوكتۇر ئاندرىيۇ فوربېس ئەپەندى ئۆز كىتابىدا، ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىشىنىڭ،1933 - يىلىدىكى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇنى تۆۋەندىكى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرگەن: 1911 - يىلى مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى يوقۇلۇپ، جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغاندا، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باش ۋالىسى ياڭ زىڭشىڭ ئىدى، 1928 - يىلى ياڭ زىڭشىڭ ئۈرۈمچىدە قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جىڭ شۇرېن باش ۋالى بولغان.

جىڭ شۇرېننىڭ ھاكىمىيەتكە چىقىپ قىلغان تۇنجى ئىشى بولسا، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ مائاشىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇش ۋە مەخپىي ساقچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش بولغان. ئىككىنچى ئىشى بولسا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئالىدىغان يەر بېجىنى ياڭ زىڭشىڭ دەۋرىدىكىدىن ئىككى ھەسسە ئاشۇرغان. ئارقىدىنلا خوتەندىكى قاشتېشى كانلىرىنى، كېرىيىدىكى ئالتۇن كانلارنى پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان كان مەھسۇلاتلىرىنى بازاردا ھېچبىر قىممىتى بولمىغان قەغەز پۇلغا سېتىپ بېرىشكە قىستىغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە بېرىشىنى چەكلەپ، ئۇلارنى ھەر بىر كەسكەن قوي بېشىغا باج تۆلەشكە مەجبۇرلىغان. بازاردا پۇل بولىدىغان يۇڭ ۋە تېرە سودىسىنى پۈتۈنلەي جىڭ شۇرېن ۋە ئۇنىڭ بىر يۇرتلۇق ھەقەم - سايىلىرى كونترول قىلىۋالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىنى توسۇش ۋە بىر رايوندا ئىسيان چىققاندا باشقا رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىپ ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،شەرقىي تۈركىستاننى 4 رايونغا بۆلۈپ، ھەر رايوندا ئايرىم 4 خىل قەغەز پۇل بېسىپ تارقاتقان ۋە قايسى رايوندا ئىسيان چىقسا، شۇ رايوندىكى پۇلنى ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلىپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خانىۋەيران بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان.

ئىلگىرىكى ياڭ زىڭشىڭ بازارغا ھېچبىر قىممىتى يوق 10 مىليون سوم قەغەز پۇل بېسىپ تارقاتقان بولسا، جىڭ شۇرىن 45 مىليون سوم قەغەز پۇل بېسىپ تارقىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى مال - دۇنيانى بۇ قەغەز پۇلغا بىكارنىڭ ئورنىدا سېتىۋېلىپ، يەنە ئۇلارغا ياندۇرۇپ ئالتۇن - كۈمۈشكە ساتقان. بازاردىكى ئالتۇن سودىسىنىڭ 78 پىرسەنتىنى پۈتۈنلەي جىن شۇرىن ۋە ئۇنىڭ يۇرتلۇقلىرى ئىگىلىۋالغان بولۇپ، قاقتى - سوقتى قىلىپ تاپقان ئالتۇنلىرىنى ئۇدۇللۇق ئۆز يۇرتلىرىغا ۋە چەتئەلدىكى بانكا ھېسابلىرىغا ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالتۇن بازىرىدا قەھەتچىلىك پەيدا قىلغان.

جىڭ شۇرىن دەۋرىدە مەخپىي ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارەتچىلىكى شۇ دەرىجىدە كۈچەيگەنكى، ھەتتا ئۇيغۇرلار ئۆيلىرىدىمۇ ھۆكۈمەت توغرىلىق ئۈنلۈكرەك گەپ قىلالمايدىغان، چايخانىلارغا كىرىشتىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. جىڭ شۇرىن دەۋرىدە، " ھۆكۈمەتكە قارشى چىققان " دېگەن بەدنام بىلەن قولغا ئېلىنغان، پۇت - قولى كېسىلگەن ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، زو زۇڭتاڭ، يۇەن داخۇا ۋە ياڭ زېڭشىڭ دەۋىرلىرىدىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان.

جىڭ شۇرىن يەنە باج كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ ھوقوق دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، 1930 - يىلى 3 - ئايدا قۇمۇل ۋاڭى مەخسۇت شاھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مىڭ سۇلالىسىدىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن قۇمۇل ۋاڭلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋاڭنىڭ ئوغلى ناسىربەگنى ئۈرۈمچىدە نەزەربەنت ئاستىغا ئالغان ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىپ كەلگەن بىردىن - بىر رايون ھېسابلانغان قۇمۇل ۋاڭلىقىنى، ھامى، ئايھو ۋە ئايۋۇ دېگەندەك 3 ۋىلايەتكە بۆلۈپ، بۇ ۋىلايەتلەرگە خىتاي ئەمەلدارلارنى تەيىنلىگەن.

مەخسۇت شاھ دەۋرىدە قۇمۇل ۋاڭلىقى بولسا شەرقىي تۈركىستان بۇيىچە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى جاي ھېسابلىناتتى، چۈنكى باج باشقا رايونلارغا قارىغاندا يەڭگىل بولۇپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەمەس، بەلكى قۇمۇل ۋاڭىغا باج تۆلەيتتى. ۋاڭلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە تاپشۇرىدىغان بېجى بىراقلا نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. جىڭ شۇرىن يەنە قۇمۇل رايونىنى كۆچمەن يۆتكەش نۇقتىسى قىلىپ، ئۆز يۇرتىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ قۇمۇلغا يەرلەشتۈرگەن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مۇنبەت يەرلىرى تارتىپ ئېلىنىپ بۇ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بۆلۈپ بېرىلگەن ۋە ئۇلاردىن 3 يىل باج ئالماسلىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان، ئەمما قاقاس جايلارغا ھەيدەلگەن قۇمۇللۇق دېھقانلاردىن ئېلىنىدىغان يەر بېجىنى ئۆزگەرتمىگەن.

يەنە كېلىپ جىڭ شۇرىن دەۋرىدە، خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ ھوقوق ۋە كۈچىگە تايىنىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي خوتۇن قىلىۋېلىش ئەھۋاللىرىمۇ ئەۋج ئالغان بولۇپ، مەسىلەن، قۇمۇل ئىنقىلابىنىڭ پارتلاپ چىقىشىدا، 1931 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى قۇمۇلدىكى چاڭ پەمىلىلىك بىر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بىر ئۇيغۇر قىزنى مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغانلىق ۋەقەسى مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

قىسقىسى، يۇقىرىقى ھادىسىلەردىن، 1933 - يىلىدىكى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەرنىڭ يەرلىك خەلققە سالغان زۇلۇم ۋە كۈلپەتلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. يەنە دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر بىلەن، بۈگۈن تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرى ئوتتۇرىسىدا زور ئوخشاشلىقنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتەلەيمىز !