بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭمۇ دەل، ئىلگىرى تۇنجى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان ئوخشاش ئاي ۋە ئوخشاش كۈندە ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە تۇنجى جۇمھۇرىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاي - يۇلتۇزلۇق بايراققا ۋارىسلىق قىلغانلىقىمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. قىزىق يېرى شۇكى، ئەينى چاغدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ پىشىۋاسى ماۋ زېدوڭ، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان 3 ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنى، " جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى " دەپ ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقنى غايە قىلغان بۇ مىللىي ھەرىكىتىنى، كوممۇنىست خىتاي بىلەن مىللەتچى خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشىنىڭ تەركىۋى قىسمى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان ئىدى. ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىلا ئەمەس، چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارمۇ ماۋ زېدۇڭنىڭ يۇقىرىقى قارىشىغا، " مەنتىقىسىز ۋە ئەخمىقانە قاراش " دەپ باھا بېرىپ كەلمەكتە.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىرقى ھۆججەت - ماتېرىياللىرىدا، 44 - يىلىدىكى " شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى " نىڭ، تامامەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇترىتىشى ۋە ياردىمى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەنلىكى، كېيىن ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباس قاتارلىق مىللىي رەھبەرلەرنىڭ بۇ خاتالىقنى تۈزىتىپ، " 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى " دەپ ئۆزگەرتكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە. ئەمەلىيەتتە بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن باشلىتىلغان ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابى كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى ۋە دەخلى - تەرۇزى تۈپەيلىدىن ئەسلى غايىسىدىن قىسمەن ئۇزاقلاشقان، بۇ جۇمھۇرىيەت ۋە مىللىي ئىنقىلابمۇ دەل سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان سىياسىي سۈيقەستى نەتىجىسىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قېتىمقى مىللىي ئىنقىلابنى بىر مەھەل قوللىشىدىكى ۋە ئۇنىڭغا ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشىدىكى ئاساسى مەقسىدى خۇددى چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بايان قىلغىنىدەك، ئۇنى تامامەن كونترول ئاستىغا ئېلىش ۋە ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىدى. چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەقسىتى، 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىنى كوزۇر قىلىپ تۇرۇپ، خىتايغا تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئىدى.
دەرۋەقە، 1945 - يىلى 2 - ئايدا چاقىرىلغان يالتا يىغىنىدا ستالىن، ئەگەر خىتاي تەرەپ تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي توقۇنۇشلارغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ تۇپراق پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، يالتا يىغىنى ئاساسىدا 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا، " خىتاي - سوۋېت دوستلۇق ئەھدىنامىسى " تۈزۈلۈپ، تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىقى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى 3 ۋىلايەت مىللىي ھەرىكىتىگە قىلىۋاتقان بارلىق ياردەملىرىنى توختىتىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاچۇرۇپ كەتكەن، مىللىي ئارمىيىمۇ ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، 11 بېتىم ئاساسىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرغان ئىدى.
تارىخچى دوكتۇر ئاندرېف فوربېس ئەپەندى تەرىپىدىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1911 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە بولغان سىياسى تارىخى ھەققىدە يېزىلغان كىتابتىمۇ، 44 - يىلى قۇرۇلغان ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭمۇ خۇددى 33 - يىلىدىكى تۇنجى جۇمھۇرىيەتكە ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كەمسىتىشكە، تالان - تاراژغا، زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنىڭ ۋە مۇستەقىللىق،ھۆرلۈككە بولغان تەشنالىقىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، 3 ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنىڭ پارتلاپ چىقىشىغا يەنە ئوخشاشلا مۇستەبىت دىكتاتور شىڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چىكىدىن ئاشقان زۇلمى سەۋەبچى بولغان ئىدى.
مەزكۇر كىتاپتا بايان قىلىنىشىچە، 1933 - يىلى 4 - ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مىلىتارىست جىڭ شۇرېن ھەربىي ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن خىتايغا قاچقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن، " شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئۆتكەن ئەڭ قانخور دىكتاتور " دەپ ئاتالغان شىڭ شىسەي باش ۋالى بولغان ئىدى. شىڭ شىسەي 1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان تۇنجى جۇمھۇرىيەتنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىۋاستە ھەربى ياردىمى بىلەن يوقاتقاندىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئۆزىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوينىغا ئاتقان ۋە سوۋېتنىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈمىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. ھەتتا يەنئەندىن ماۋ زېمىن، چېن تيەنچۇ قاتارلىق خىتاي كوممۇنىست ۋەكىللىرىنى ئۈرۈمچىگە چىللاپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىگە شېرىك قىلغان ئىدى.
34 - يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يوقىتىلغاندىن كېيىنمۇ، تاكى 37 - يىلىغا قەدەر جەنوبىي رايونلاردا مىللىي ئىنقىلاب يالقۇنلىرى ئۆچمىدى. شىڭ شىسەي بىر تەرەپتىن جەنوبىي رايونلاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتا رەھىمسىزلەرچە قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيىنى تەرغىپ قىلىپ، ئۇيغۇر بايلىرىنى، يەر ئىگىلىرىنى ۋە ئۇيغۇر ئۆلۈمالىرىنى مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ تۈرمىلەرگە تاشلىدى ۋە يەرلىك خەلقنى خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش دىنسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى.
يۇقىرىقى كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، شىڭ شىسەي مەزگىلىدە ئۇيغۇر بايلىرى، دىنىي ئۆلىمالار ۋە ئوقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ ئاساسەن ھەممىسى دېگىدەك قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلارنى ئالتايدىكى ئالتۇن كانلىرىغا ۋە ھەربىي ئىستىكاملارغا يۆتكەپ كېلىپ ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە سالغان. شىڭ شىسەي مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىگە شۇ دەرىجىدە قاتتىق چەكلىمە قويۇلغانكى، ئۇيغۇرلار ئادەتتە تاۋۇز - قوغۇننىڭ ۋە دېھقانچىلىقنىڭ گېپىدىن باشقا سۆز قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ھالغا چۈشكەن. شىڭ شىسەي، " مۇسادىرە " دېگەن نامدا بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش، ئېغىر ئالۋاڭ - ياساق ۋە باج تۈزۈمى ئارقىلىق يەرلىك خەلقنىڭ قېنىنى شوراش بىلەن بىرگە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كان بايلىقلىرىدىن خالىغانچە پايدىلىنىش ھوقوقىنى بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئالغان پايدىنى ئۆزىنىڭ چۆنتىكىگە تاشلىغان.
1941 - يىلى گىتلېر ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر مەھەل ئۈستۈنلۈكنى ساقلىغاندىن كېيىن، چوتنى خاتا سوققان شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، نەنجىڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇپ، " كوممۇنىستلارنى تازىلاش " دېگەن نامدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن بىرگە يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇر زاتلىرىنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغان ياكى سۈرگۈن قىلغان.
تارىخچى دوكتۇر ئاندرېف فوربېس ئەپەندىنىڭ كىتابىدا نەقىل كەلتۈرۈلىشىچە، شىڭ شىسەينىڭ 10 يىللىق ھاكىمىيىتى جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان، قىيىن - قىستاققا ئۇچرىغان، سۈرگۈن قىلىنغان ۋە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغانلارنىڭ ئومۇمى سانى تەخمىنەن 100 مىڭدىن ئاشىدۇ.
گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىڭ شىسەينى 1944 - يىلى 9 - ئايدا ئورمانچىلىق مىنىستىرى قىلىپ نەنجىڭغا يۆتكەپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا گومىنداڭ پارتىيىسى ئىچىدىكى ئۇچىغا چىققان شوۋىنىست ۋە چوڭ خىتايچى ۋۇ جۇڭشىننى ئۆلكە رەئىسى قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى. ئىلگىرى " گومىنداڭ چېگرا رايون كومىتېتى " نىڭ رەئىسى بولغان ۋۇ جىڭشىن، خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى پۈتۈن مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئىرق، دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ، بۈيۈك خىتاي مىللىتىگە قوشۇلۇپ كېتىشكە مەھكۇم ئىكەنلىكىنى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە جىددىي ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلاتتى.
ئەينى چاغدا نەنجىڭدە تۇرۇۋاتقان ۋە تارىختا " 3 ئەپەندى " دەپ ئاتالغان مەسئۇد سابىرى بايقۇزى، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر ۋۇڭ جۇڭشىننىڭ بۇ خاراكتېرىنى ياخشى بىلگىنى ئۈچۈن، جياڭ جېشىغا مۇراجىئەتنامە يېزىپ، ۋۇ جۇڭشىننىڭ ئۆلكە رەئىسى بولۇشىغا قارشى چىققان، ئەمما جياڭ جېشى ئۇلارنىڭ ئېتىرازىغا قۇلاق سالمىغان ئىدى. شىڭ شىسەي نەنجىنگە يولغا چىقىشتىن بۇرۇن يەنە مەخپىي ساقچى تەشكىلاتىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ۋۇ جۇڭشىن كېلىشتىن بۇرۇن تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان 500 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر سىياسى تۇتقۇننى ئۆلتۈرۈشنى تاپشۇرغان ئىدى، ساقچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى لى يىچېڭ ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى بىجا كەلتۈردى.
ۋۇ جۇڭشىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچە كۈچلۈك تەلىپىگە قارىماستىن، ساقچى باشلىقى لى يىچېڭنى جازالىماي مۇھاپىزەت قىلدى، سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئومۇمىي كەچۈرۈم ئېلان قىلىپ، 500 - 600 سىياسىي مەھبۇسنى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي سىياسىي جىنايەتچىلەر بولۇپ، ئۇيغۇر مەھبۇسلار يەنىلا تۈرمىدە قېلىۋەردى. ۋۇ جۇڭشىن، يەرلىك خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان مەخپىي ساقچى ۋە تۈرمە تۈزۈمىنى بىكار قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيتتى.
شىڭ شىسەي مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 20 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى، ۋۇ جۇڭشىن ئۆلكە رەئىسى بولغاندىن كېيىن، ئىچكى ئۆلكىلەردىن جىددىي ئەسكەر يۆتكەپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى 100 مىڭغا يەتكۈزدى ۋە بۇ ئەسكەرلەرنىڭ تەمىناتى ئۈچۈن يەرلىك خەلققە قوشۇمچە ئالۋاڭ - سىلىق يۈكلەندى. يەنە قازاق چارۋىچىلارغا ئەسكەرلەر ئۈچۈن 20 مىڭ ئات بېرىش سېلىقى تاپشۇرۇلغان.
ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا خىتاي كۆچمىنى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ باشلامچىسى بولغان ۋۇ جۇڭشىن، ئىچكى ئۆلكىلەردە قەھەتچىلىككە ئۇچرىغان رايونلاردىن 10 مىڭ كۆچمەننى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇلارنى شىمالىي رايونلاردىكى قازاق چارۋىچىلاردىن تارتىۋېلىنغان يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئۇلارنى ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان قىلغان. يەنە كېلىپ ۋۇ جۇڭشىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مالىيە تۈزۈمىنى ۋە پۇلىنى بىكار قىلىپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ پاخال پۇلىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ بازارغا سالغان، نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستاندا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئىقتىسادى بۆھران ۋە قەھەتچىلىك پەيدا بولغان. شۇڭا يەرلىك خەلق ئارىسىدا، " بىر شىڭ شىسەي كەتتى، ئەمما ئىككى شىڭ شىسەي كەلدى " دېگەن سۆز پەيدا بولغان.
قىسقىسى، 1933 - يىلىدىكى تۇنجى جۇمھۇرىيەت بىلەن، 1944 - يىلىدىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللار ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، تۈپ يىلتىزى زۇلۇم، بېسىم ۋە تالان - تاراج ئىدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرى، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىنىڭمۇ 30 - ۋە 40 - يىللاردىكى خىتاي دىكتاتورلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىن ھېچبىر پەرقىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەكسىچە ھازىرقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىلگىرىكى مۇستەملىكىچى كۈچلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.