ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ 10 مىليونغا قىستاپ بېرىشى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىمۇ جىددىي ئەندىشىگە سالماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تىزگىنلەش مەقسىتىدە، 1988 - يىلى شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىكلەرگە قارىتا " پىلانلىق تۇغۇت " سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ بەلگىلىمىسى بۇيىچە شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلار ئىككى، يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلار 3 پەرزەنت كۆرۈش ھوقوقىغا ئىگە ئىدى.
ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى 88 - يىلىدىن بۇيان ئۆزى چىقارغان بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر سىياسەتنى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىمۇ خۇددى خىتايلاردەك بىر پەرزەنت كۆرۈشكە قىستىدى ۋە بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسى، ئىقتىسادى ۋە قانۇنى جەھەتتە ئېغىر جازالاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، بۇ جەرياندا 10 مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى، مىليونلىغان بوۋاق ئانا قۇرسۇقىدىن ئېلىپ تاشلاندى.
مەسىلەن، تيانشان تورىنىڭ 2008 - يىلى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، كېيىنكى 30 يىلدا شەرقىي تۈركىستاندا 3 مىليون 700 مىڭ بوۋاق پىلاندىن ئاز تۇغۇلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ، ئانا قورسىقىدىن ئېلىپ تاشلانغان بوۋاقلار ئىدى. ئەمما، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شۇنچە قاتتىق چەكلىمىسىگە قارىماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ باردى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنوبىي رايونلىرىدىكى نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تىز بولدى.
مەسىلەن، تيانشان تورىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدە، " جەنوبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەتنىڭ نوپۇس مەسىلىسى ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى " چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا، قەشقەر، ئاتۇش ۋە خوتەن قاتارلىق 3 ۋىلايەتنىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ ھازىر 5 مىليون 923 مىڭغا يېتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 31.8 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەنلىكى، ئەمما، بۇ ۋىلايەتلەرنىڭ 2008 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ 44 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغانلىقى، يەنە بۇ ۋىلايەتلەردە 3 پەرزەنت كۆرگۈچىلەرنىڭ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا 3 پەرزەنتلىك بولغۇچىلارنىڭ 60 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغانلىقى تەكىتلىنىپ، بۇندىن كېيىن بۇ 3 ۋىلايەتتە نوپۇسنى تىزگىنلەش جەھەتتە جىددىي تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جەنۇبتىكى نامرات 3 ۋىلايەتتە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ 95 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ، دېمەك، بۇ 3 ۋىلايەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىلا 5 مىليوندىن ئاشىدۇ. سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەمۇرى جەھەتتە جازالاش تەدبىرلىرى ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەن خىتاي ھاكىمىيىتى، كېيىنكى 2 - 3 يىلدىن بۇيان، " پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى " دېگەن نەرسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىرلا پەرزەنت كۆرگەن ياكى تۇغماسلىق ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى 3000 يۇەندىن، 5000 يۇەنگىچە مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، نامراتلىق ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى پۇل ئارقىلىق ئىندەككە كەلتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك جازالاش ۋە مۇكاپاتلاش سىياسىتىگە قارىماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئېشىپ بېرىشىنى، " خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى يوشۇرۇن ئىسيانى " دەپ قارىماقتا.
بۈگۈن چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس، چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. ئۇلارنىڭ مۆلچىرىچە، نۆۋەتتە پەقەت ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىلا 18 - 20 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى 1949 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى يوشۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ كەلمەكتە.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 49 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىدا ۋە نوپۇس تەرەققىياتى ھەققىدىكى كۆرسەتكۈچلىرىدە كۆپلىگەن گۇمانى نۇقتىلار بار.
