1950 - يىلىغا كەلگەندە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ھەر 5 يىلدا بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان ئىدى. بۇ تۈزۈمگە ئاساسەن خىتاي ھاكىمىيىتى 1955 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومومى سانىنى 3 مىليون 726 مىڭ 500 نەپەر ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 78 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ دەپ ئېلان قىلدى.
بۇ سان ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا ۋە نارازىلىق پەيدا بولغان ئىدى، چۈنكى ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما 49 - يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سان بىلەن، 55 - يىلى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سان ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر پەرق يوق ئىدى. 1960 - يىلى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 3 مىليون 991 مىڭ 200 نەپەر دەپ ئېلان قىلدى، يەنى، 5 يىلدا كۆپەيگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاران 500 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا 49 - يىلىدىن 55 - يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەرزەنت كۆرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان مەزگىل بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئەڭ كام بولغاندىمۇ 3 - 4 پەرزەنتى بار ئىدى. بۇ سان ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئىچىدە، " خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ ھەقىقىي سانىمىزنى يوشۇرۇۋاتىدۇ " دېگەن قانائەت پەيدا بولدى.
1962 - يىلى خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي رايونلىرىدىن تەخمىنەن 100 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى، بۇ مەزگىل دەل شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن مەزگىل بولۇپ، بەزى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار، 60 - يىلىدىن 65 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى چوڭ ئاچارچىلىقتا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا.
يۇقىرىقى ئامىللارنى كۆزدە تۇتقاندا، ئەسلىدە 60 - يىلىدىن 65 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدا ئازىيىش كۆرۈلۈشى كېرەك ئىدى، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى 65 - يىلىدا ئېلىپ بارغان ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 4 مىليون 115 مىڭ 100 نەپەر دەپ ئېلان قىلغان، يەنى، 49 - يىلىدىن بۇيان كۆپەيمەي توختاپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، قاتتىق قەھەتچىلىك يۈز بەرگەن 5 يىل ئىچىدە بىر مىليونغا يېقىن كۆپەيگەن.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى بۇنىڭ سەۋەبىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان تۈپ سىياسىتىگە باغلاپ قارىماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى 49 - يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئومومى نوپۇسنىڭ 85 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلاتتى ۋە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى تەسىرى باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە ئىدى. شۇڭا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، 1954 - يىلى شەرقىي تۈركىستاندا 5 ئاپتونوم ئوبلاست قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسىنىڭ 15 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلمايدىغان قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، تۇڭگانلارغا بۇ زېمىننىڭ 60 پىرسەنتىدىن كۆپرەك تۇپرىقىنى بۆلۈپ بەردى.
62 - يىلىدىكى چوڭ قاچ - قاچتىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى خىتايغا قارشى كوزۇر قىلىپ قوللاندى. ھەتتا شۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان " يۇرتنى قايتۇرۇۋېلىش دېۋىزىيىسى " قۇرۇلغان ئىدى. خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن 65 - يىلى 4 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 98 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشاۋاتقان ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ھەق تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. يەنى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى سىياسىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن سۈنئىي ئۇسۇلدا ئازايتقان ياكى كۆپەيتكەن ئىدى.
خىتاينىڭ سىتاتىستىكىلىرىغا باققىنىمىزدا، " مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى " دەپ ئاتالغان مەزگىللەردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدا قىلچە ئېشىش بولمىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. مەسىلەن، 1970 - يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 4 مىليون 673 مىڭدىن كۆپرەك دەپ ئېلان قىلىنغان، 65 - يىلىدىن 70 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە كۆپەيگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى پەقەتلا 500 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى. 1975 - يىلىدىكى ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 5 مىليون 266 مىڭ 400 نەپەر، 1980 - يىلىدىكى تەكشۈرۈشتە بولسا 5 مىليون 764 مىڭ 600 نەپەر دەپ ئېلان قىلىندى.
خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا تايانغاندا، 49 - يىلىدىن تاكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا " پىلانلىق تۇغۇت " سىياسىتى يولغا قويۇلغان 1988 - يىلىغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر ئېشىش يوق ئىدى. ئەمما ئەجەپلىنەرلىك يېرى شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا " پىلانلىق تۇغۇت " سىياسىتىنى يولغا قويغان 88 - يىلىدىن كېيىن بىراقلا تىز سۈرئەتتە ئېشىشقا باشلىغان. مەسىلەن، 88 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 6 مىليون 675 مىڭ 200 نەپەر بولغان بولسا، 95 - يىلى 7 مىليون 589 مىڭ 468 نەپەرگە، 2000 - يىلى 8 مىليون 250 مىڭدىن كۆپرەككە، 2008 - يىلى بولسا بىراقلا 9 مىليون 235 مىڭدىن كۆپرەككە يەتكەن. خىتاينىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا ئەرلەر ئومومى نوپۇسنىڭ 51.19 پىرسەنتنى، ئاياللار بولسا 48.81 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا " پىلانلىق تۇغۇت " سىياسىتىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازىيىش بولۇشى لازىم ئىدى، ئەمما دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئاتالمىش " پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى " يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تىز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىشىنى مۇنداق ئۈچ نۇقتىدا ئىزاھلاشقا تىرىشماقتا:
بىرىنچىدىن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 88 - يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ناھايىتى تىز ئېشىپ كەتكەن قىلىپ كۆرسىتىشىدىكى مەقسىتى، ئۆزىنىڭ يەرلىكلەرگە قاراتقان " پىلانلىق تۇغۇت " سىياسىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تەشۋىقات جەھەتتە جامائەت پىكرى ھازىرلاش بولۇپ، شۇندىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتى، " ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىق ھالىتىدە قېلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى، تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى يۇقىرى بولۇشىدىن ئىبارەت " دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، " ئاز پەرزەنت كۆرسەڭ تىز باي بولىسەن " دېگەن سەپسەتىنى تەشۋىق - تەرغىپ قىلغان ئىدى.
ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ " پىلانلىق تۇغۇت " سىياسىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان سىياسەت دەپ قاراپ، سىياسى، ئىقتىسادى، مەمۇرى، قانۇنى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى قاتتىق چەكلەش ۋە جازالاش تەدبىرلىرىگە قارىماستىن نورمال پەرزەنت كۆرۈشنى داۋاملاشتۇردى ۋە بۇ ئارقىلىق كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان يوشۇرۇن ئىسيانىنى ئىپادە قىلدى.
ئۈچىنچىدىن، 49 - يىلىدىن 88 - يىلىغىچە بولغان مەزگىل، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇغۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان، ھەر بىر ئائىلە كەم بولغاندىمۇ 2 - 3 پەرزەنت كۆرگەن مەزگىل بولۇپ، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 12 - 15 مىليون ئەتراپىدا ئىدى، خىتاي ھاكىمىيىتى 49 - يىلىدىن بۇيان يوشۇرۇپ كەلگەن ھەقىقىي ساننىڭ بىر قىسمىنى 88 - يىلىغا كەلگەندە سىياسىي ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
قىسقىسى، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارغا ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ 49 - يىلىدىن بۇيانقى رىئال ۋەزىيىتىگە باققىنىمىزدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانى ھەققىدە كۆپلىگەن گۇمانىي نۇقتىلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پۈتۈنلەي ساختا ۋە ئىشەنچىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
