' شىنجاڭ ' دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىلا ئەمەس، ئادەتتىكى بىر ئۇيغۇرمۇ، " شىنجاڭ " دېگەن بۇ نام تەلەپپۇز قىلىنسا، قۇيقا چېچى تىك بولۇپ، سەپرايى ئۆرلەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە شەرقىي تۈركىستاننى " شىنجاڭ " دەپ تەلەپپۇز قىلىش، ۋەتەن - مىللەتكە قىلىنغان ئەڭ چوڭ خىيانەت ۋە خائىنلىقتىن ئىبارەت.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
2008-12-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئۇنداقتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شۇنچە نەپرىتىنى قوزغاۋاتقان بۇ " شىنجاڭ " دېگەن نام قاچان ۋە قانداق پەيدا بولغان ؟

خۇددى تارىخىي مەنبەلەردە بايان قىلىنغىنىدەك، ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ قەدىمى ۋە ئەڭ مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىدى، مىلادى 6 - ئەسىردىلا ئۇيغۇرلار ھازىرقى تاشقى موڭغۇلنىڭ ئورخۇن ۋادىسىنى مەركەز قىلغان قۇدرەتلىك ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان، ئەينى چاغدىكى خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسىمۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشكەن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسيانلارنى باستۇرۇشتا ئۇيغۇر خانلىقى كۆپ ياردەم بەرگىنى ئۈچۈن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن 3 مەلىكىسىنى ئۇيغۇر خانلىرىغا ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى.

ئۇيغۇر خانلىقى تەركىپىدىكى قىرغىز قەبىلىسىنىڭ ئىسيانى تۈپەيلىدىن مىلادى 840 - يىلى ئۇيغۇر خانلىقى گۇمران بولۇپ، ئۇيغۇرلار غەربتىكى، يەنى ھازىرقى شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقداشلىرىنىڭ قېشىغا كۆچۈپ بارغان ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئاساسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغىنى ئۈچۈن، بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار تۇرپاننى مەركەز قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنى، قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار دۆلىتىنى، خوتەننى مەركەز قىلغان ئۇدۇن دۆلىتىنى قۇرغان ئىدى.

كېيىن قاراخانىيلار دۆلىتى ئىدىقۇت دۆلىتى بىلەن ئۇدۇن دۆلىتىنى بوي سۇندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن بۈيۈك خانلىقىنى قايتىدىن ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىدى. گەرچە كېيىن بۇ رايون موڭغۇل، قىتان، مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىستىلاسىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تامامەن يوقىتىپ قويمىغان، مەسىلەن، چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى، يەركەنت خانلىقى ۋە ئاخىرقى قەشقەرىيە ئۇيغۇر دۆلىتى قاتارلىقلار بۇنىڭ جانلىق ئۆرنەكلىرى ئىدى.

1881 - يىلى شەرقىي تۈركىستان رايونى چىڭ سۇلالىسىنىڭ، يەنى مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىستىلاسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، 1884 - يىلى بۇ رايوننىڭ نامى " شىنجاڭ " دەپ ئۆزگەرتىلىپ، خىتاينىڭ بىر مەمۇرى ئۆلكىسى قىلىۋېلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلىپ تارقىتىلغان، " ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ھەققىدە قىسقىچە ئوقۇشلۇق " دېگەن كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، مانجۇ ئىمپىراتورلۇقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، يېڭىدىن ئىشغال قىلىنغان جايلارنىڭ ھەممىسى " شىنجاڭ " دەپ ئاتالغان، 1762 - يىلىغا كەلگەندە مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى ھازىرقى يۈننەن، گۈيجۇ، سىچۇەن، چىڭخەي، كەڭسۇ ئۆلكىلىرىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى قوشۇپ، " شىنجاڭ " دەپ ئاتىغان.

1884 - يىلىغا كەلگەندە باشقا " شىنجاڭ " لارنىڭ ھەممىسىگە نام قويۇلۇپ مەمۇرى ئۆلكىگە ئايلاندۇرۇلۇپ بولۇنغىنى ئۈچۈن، " شىنجاڭ " دېگەن بۇ نام شەرقىي تۈركىستانغا " مىراس " قالغان ئىدى.

يەنى، ئەگەر بۇ رايون يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن بەش " شىنجاڭ " دىن بۇرۇن چىڭ سۇلالىسىنىڭ مەمۇرى ئۆلكىسىگە ئايلانغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ نامىمۇ باشقىچە ئاتالغان بولاتتى.

گەرچە مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى بۇ زېمىنغا " شىنجاڭ " دېگەن ئىسىمنى قويغان بولسىمۇ، بۇ ئىسىمغا ئۆزلىرىمۇ كۆنەلمىگەن، تاكى چىڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغان 1911 - يىلىغا قەدەر مانجۇلار بۇ رايوننى، " خۈيجاڭ "، يەنى، " مۇسۇلمانلار رايونى " دەپ ئاتاپ كەلگەن ئىدى.

مانجۇلارنىڭ 200 نەچچە يىل مۇستەملىكە قىلىشىغا ئۇچرىغان خىتايلار، 1911 - يىلى دوكتۇر سۇن جۇڭسەننىڭ باشلامچىلىقىدا مانجۇ ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ، " خىتاي جۇمھۇرىيىتى " نى قۇردى.

جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىلا، ئىلگىرى مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى تەرىپىدىن قويۇلغان ۋە خىتاي مىللىتى ئۈچۈن ھاقارەت ۋە مۇستەملىكە تۈسىنى ئالغان يەر - جاي ناملىرىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئۆزگەرتىلگەن ۋە بۇرۇنقى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما " شىنجاڭ " دېگەن بۇ ئىسىم شۇ پىتى قېلىۋەردى.

ئەمما گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئىچىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاننى تاكى 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىشغال قىلغانغا قەدەر " خۈيجاڭ "، يەنى، " مۇسۇلمانلار رايونى "، " بيەنجاڭ "، يەنى " چېگرا رايون " دەپ ئاتاش ئادەتكە ئايلانغان ئىدى.

خىتايدا " شىنجاڭ " كەلىمىسىنىڭ رەسمىي يوسۇندا ئومۇملاشقان مەزگىلى دەل كوممۇنىست خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىدىن كېيىن بولدى. دېمەك، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىلگىرى ئۆز مىللىتىنى 200 نەچچە يىل مۇستەملىكە قىلغان مانجۇ ئىمپىراتورلۇقىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن ئىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان ۋە ناھىيە دەرىجىلىك كادىرلارغىلا تارقىتىلغان، ھەتتا باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشىمۇ چەكلەنگەن خىتايچە، " مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدە تاللانما " ناملىق كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، 1955 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، شەرقى تۈركىستاننىڭ نامىنى بەلگىلەش ھەققىدە ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا جىددىي تالاش - تارتىش مەيدانغا كەلگەن، سەيپىدىن ئەزىزى، ئىمىنوف باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى، " ئۇيغۇرىستان رېسپۇبلىكىسى " دەپ ئاتاش تەكلىپىدە بولغان، خىتاي تەرەپ بولسا، " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى " دەپ ئاتاش قارارىدىن ۋاز كەچمىگەن. نەتىجىدە خىتاي كوممۇنىستلىرى، مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى مەزگىلىدە ئۇرۇپ - سوقۇپ قويۇلغان، " شىنجاڭ " دېگەن بۇ نامنى ئاخىرىدا چۆگىلىتىپ كېلىپ يەنە " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى " دېگەن ئىسىمنىڭ ئالدىغا قوشۇۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىمپېرىيالىستىك ئەپتى - بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.

تېخىمۇ يىرگىنىشلىك يېرى شۇكى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ پىشىۋالىرىنىڭ بىرى ۋە سابىق باش مىنىستىرى جۇ ئىنلەي 1957 - يىلى 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چىڭداۋ شەھىرىدە چاقىرىلغان " مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى " دا قىلغان سۆزىدە، " ئازسانلىق مىللەتلەر، خەنزۇلار رايونىغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن خەنزۇلارغا بولغان تەسىرىدە ياخشى تەرەپلىرىمۇ بولغان، مەسىلەن، مانجۇلار پەقەتلا نەچچە مىليون نوپۇسقا ئىگە، ئەمما ئۇلار قۇرغان چىڭ سۇلالىسى جۇڭگوغا 200 نەچچە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى، بۇ، ئۇلارنىڭ بىڭسى بار مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ، بۈگۈن دۆلىتىمىزنىڭ خەرىتىسىنىڭ بۇنچىۋالا كەڭ بولۇشىمۇ، ئەنە شۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ مىراسىدىن ئىبارەت، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول، نوپۇسى كۆپ، ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىمكى، بۇنىڭدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ تۆھپىسى بار، چىڭ سۇلالىسىنىڭ بەزى سىياسەتلىرىنىڭمۇ خەلقىمىزگە پايدىسى بار ... " دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ماھىيىتىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئوچۇقچە كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.


تولۇق بەت