يازغۇچى خالىدەي بىلەن جاڭ رۇڭنىڭ ھېكايىسى
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010.01.12
2010.01.12

RFA Archive
"ماۋزېدۇڭ، ستالىننىڭ ياردەم قىلىپ بىرىنچى دەرىجىلىك ھەربىي سانائەت سىستېمىسى قۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى..." قارىغاندا ماۋزېدۇڭ ئېرىشىدىغانغا ئېرىشىپ بۇلۇپ، ئەمدى دۆلەت قۇرۇشنىڭ، ئارمىيە قۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرگەندە يەنىلا ستالىننىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسا كېرەك.
يازغۇچىلار مۇنداق باشلىدى: "ماۋزېدۇڭ 1949 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بېيجىڭدىن موسكۋاغا يۇرۇپ كەتتى ... ماۋزېدۇڭ تۈنجى قېتىم ستالىن بىلەن كۆرۈشكەندە، ھەتتا موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ۋاڭ جياشاڭنىمۇ قاتناشتۇرمىدى ...."
"ماۋزېدۇڭ موسكۋادىن يىراق، ستالىننىڭ 2 - دەرىجىلىك ساناتورىيىسىگە ئېلىپ كېتىلىپ، ئاڭلاش ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى ... ئۇ ئەتىراپتىكى خىزمەتچىلەرگە ئاچچىقلىناتتى ... ستالىن قاچان قوبۇل قىلىدۇ، ئۈمىد يوق ئىدى ... ستالىن تۆۋەن قاتلامدىكى ئادەملەرنى ئەۋەتىپ ماۋزېدۇڭنى يوقلاپ تۇراتتى ... بىر قېتىم ستالىن مولوتوفقا: "بېرىپ قاراپباق، ماۋزېدۇڭ زادى قانداق ئادەم ... بىزنىڭ بۇ يەردە چەتئەللىك مېھمانلار كۆپ ... ماۋزېدۇڭنى ئالاھىدە كۈتۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ... " دېدى. بۇ كىتابتىكى تەسۋىرلەش شۇنداق بولىدىغان بولسا، ستالىن شۇ چاغدا ماۋزېدۈڭنى مۈشۈككە ئايلاندۇرۇپ قويغانمۇ؟
كىتابتا يەنە مۇنداق كۆرسىتىلدى: "ماۋزېدۇڭ غەرب كارتىنى ئويناشقا باشلىدى ... (1950 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى) ستالىن ماۋزېدۇڭنى نەزەربەنت قىلدى دېگەن سۆز - چۆچەك غەرب دۇنياسىدا تارقىلىشقا باشلىغاندا، (يەنە ئامېرىكىلىقلار شاپائەت ياغدۇرۇپ) دۆلەت ئىشلار كاتىپى ئاچسۇن مۇخبىرلار كۇلۇبىدا نوتۇق سۆزلەپ، سوۋېتلەرنى ئەيىبلەپ: "جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى ئۆلكىلەرنى يۈتۈۋالدى ... سوۋېتلەر تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋالدى ... تاشقى مۇڭغۇلىيىنى ئاللا قاچان يۈتۈپ ئالدى ... شەرقى - شىمالنى يېرىمىغىچە يۈتۈپ بولدى" دەپ، كۆرسەتكەندىن باشقا ئاچسۇن :"سوۋېتلەر ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە شىنجاڭنى پات ئارىدا يۈتۈپ ئالىدۇ ..." دەپ كۆرسەتكەن.
يالتا يىغىنى تېخى يېقىندىلا ئاخىرلاشقان، يىغىندا تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ "ھازىرقى ھالىتى" ئېتىراپ قىلىنغان تۇرۇقلۇق، تېخى يېقىندىلا موسكۋادا "جۇڭگو، سوۋېت شەرتنامىسى" ئىمزالانغان تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا ئاچسۇن ئەپەندى " يۈتۈۋالدى"، "پات ئارىدا يۈتۈپ ئالىدۇ" دەيدىغان سىياسىي ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەندۇ؟
1950 - يىلى 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى "جۇڭگو، سوۋېت ئىككى تەرەپ يېڭى شەرتنامە ئىمزالىدى ... ماۋزېدۇڭ يول قويدى ... ئۇنىڭ موسكۋاغا كېلىش مەقسىتى يېڭىدىن جۇڭگو، سوۋېت شەرتنامىسى ئىمزالاپ، جاڭ جېشى بىلەن ئىمزالىغان جۇڭگو، سوۋېت شەرتنامىسنىڭ ئورنىغا دەسستىش ئىدى."
لېكىن، "ئۇ، ستالىن، كونا شەرتنامىنى بىكار قىلىش يالتا شەرتنامىسىگە بېرىپ چېتىلىدۇ، ھازىر بۇ شەرتنامىنىڭ ھەر قانداق بىر ماددىسىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ دېگەندە، ماۋزېدۇڭ دەرھال قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: ئورتاق ئىشلىرىمىزغا پايدىلىق بولىدىغانلا بولسا، بىز شۇنداق قىلايلى ... دېگەن. شۇ ۋاقىتتا ماۋزېدۇڭ شەرقى - شىمال ۋە شىنجاڭ مۇستەملىكە دېگەن ئىدى ...."
بۇ ھېكايە شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن . ئەمدى كېلەيلى كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: "20 يىلدىن كېيىن، (ئىېھتىمال 1972 - يىلى نىكسون بىلەن كۆرۈشكەندە بولسا كېرەك) شۇ چاغدا ماۋزېدۇڭ سوۋېتلەر يېرىم شىنجاڭ باراۋىرىدىكى زېمىنىمىزنى بۆلۈپ چىقىپ كېتىپ، بۇ بىزنىڭ تەسىر دائىرىمىز دېگەن ئىدى" دەپتىكەن.
ئەمدى كېلەيلۇق، 1989 - يىلى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى گورباچىف زىيارەت قىلىپ جۇڭگوغا يېتىپ كەلدى. مۇشۇنداق سەزگۈر ۋاقىت، 100 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچى نامايىش قىلىپ ئاچلىق ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ جۇڭگونى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر سەزگۈر پەيتتە، نېمىشقا دىڭ شياۋپىڭ گورباچىفنى جۇڭگونى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ.
كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى، گورباچىف بىلەن دىڭ شياۋپىڭ كۆرۈشكەندە، دىڭ: ئەپىيۇن ئۇرۇشى دەۋرىدىن باشلاپ جاھانگىر تاجاۋۇزچىلار ... چار پادىشا جۈملىدىن سوۋېتلەر مەلۇم مەزگىلدە، مەلۇم مەسىلىلەر بويىچە جۇڭگودىن كۆپ پايدا - مەنپەئەت ئالغان ئىدى ... " دەپ كۆرسەتكەن. كۆرۈشۈشتە شۇنداق دېيىش زۆرۆرمىدى، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ئىدى؟
2005 - يىلى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ب ب س مۇنداق خەۋەر تارقاتتى:"1989 - يىلى 5 - ئاينىڭ ئالدىنقى ھەپتىسىدە سوۋېتلەر بايانات ئېلان قىلىپ، 1939 - يىلى ئىمزالانغان (رۇسىيە - گېرمانىيە شەرتنامىسى) ستالىننىڭ شەخسى ئىشى ئىدى" دەپ كۆرسەتتى.
بۇ شەرتنامە قانداق شەرتنامە ئىدى ؟ بۇ شەرتنامە، گېرمانىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا پولشانى قانداق تەقسىم قىلىش، بالتىق بويىدىكى دۆلەتلەرنى كىم بويسۇندۇرۇش توغرىسىدا ئىمزالانغان شەرتنامە ئىدى.
خوش، سابىق سوۋېتلەر "رۇسىيە - گېرمانىيە شەرتنامىسى" نى بىكار قىلغان ئىكەن، ئۇنداقتا 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى يىراق شەرق سىياسىتىگە ئالاقىدار ئۇيغۇرىستان، مانجۇرىيە مەسىلىسىگە باغلىق ئىمزالانغان "جۇڭگو - سۆۋېت شەرتنامىسى"نى، 1950 - يىلى 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ستالىن بىلەن ماۋزېدۇڭ ئوتتۇرىسىدا موسكۋادا يەنە شۇنداق مەزمۇندا قوشۇمچە مەخپىي كېلىشم ئىمزالانغان "جۇڭگو - سوۋېت شەرتنامىسى"نى بىكار قىلىۋېتەمدۇ، قانداق؟ دېگەن مەسىلىگە دۇچ كەلگەن دىڭ شىياۋپىڭ گورباچىفنى دەرھال بېيجىڭغا چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىماقچى بولغان بولسا كېرەك.
بىراق، 1950 - يىلى ماۋزېدۇڭ بىلەن ستالىن ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان "جۇڭگو - سوۋېت شەرتنامىسى" نىڭ مەزمۇنى سەن ۋە مەن ئويلىمىغان بىر يەردىن چىقتى ... ھەيران قالدىم ... ئەگەر راست بولسا، بۇ شەرتنامە ئوخشاشلا جۇڭگولۇقلارغا بىر تەھدىت بولۇپ قالدى.