تىبەت خىزمتى يىغىنى' ۋە 'شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى'

ب ب س 2010‏ - يىلى 1 - ئاينىڭ 22‏ - كۈنى مۇنداق كۆرسەتتى: "خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى مۇشۇ ھەپتە 3 كۈنلۈك "تىبەت خىزمىتى يىغىنى" چاقىرىپ، مەركىزى ھۆكۈمەت يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىكىنىڭ تىبەت مەسىلىسىگە ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى." يىغىندا خۇ جىنتاۋ: "تىبەتنى تۇرمۇشتا ئازادە، جەمئىيەت مۇقىم، مەرىپەتلىك، تەرەققى قىلغان رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەڭ مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلىش" نى تەكىتلىدى.

0:00 / 0:00

دەل شۇنداق پەيتتە، 1 - ئاينىڭ 25‏ - كۈنى "ئۇيغۇر بىز" تور بىتى، بېيجىڭدا "تىبەت خىزمىتى يىغىنى" ئېچىلىۋاتقاندا، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا "سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ قوبۇل قىلىش" يىغىنى چاقىرىلدى دەپ خەۋەر تارقاتتى. يىغىندىن تارقالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مەركىزى ھۆكۈمەت يېقىندا ئوخشاشلا " شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى" چاقىرىدىكەن. يىغىندا "شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىرىگە قارشى تۇرۇش، بىڭتۇەننىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش"نى مۇھاكىمە قىلىدىكەن.

2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25‏ - كۈنى ب ب س مۇنداق خەۋەر قىلدى: "دالاي لاما بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى. دارامسىلادا قۇرۇلغان دالاي لاما ئىشخانىسى 1‏ - ئاينىڭ 25‏ - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: دالاي لامانىڭ پەۋقۇلئاددە ئىككى نەپەر ۋەكىلىنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى بىلەن يېڭى بىر قېتىملىق بەلكى 9‏ - قېتىملىق سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى."

ئىشلار بەك جىددىي بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟

دۆلەت ئىشلار كاتىپى ھېلارىي كلىنتۈن خانىم 2010 - يىلى1 - ئاينىڭ 21‏ - كۈنى ۋاشىنگىتۇندا سۆھبەت بايان قىلىپ، "گوگۇل شىركىتى ۋەقەسى" بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنى كەسكىن تەنقىد قىلدى. كلىنتۈن خانىم سۆھبەت بايان قىلدى، "بايانات" ئېلان قىلمىدى. ئەجىبا، شۇنىڭدىن كېيىنلا بېيجىڭدا "كۈز ھەرىسى"نىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپ كەتتىمىكىن، نېمە ئىش بولدى؟ مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، "گوگۇل شىركىتى ۋەقەسى" ئەسلىدىن ئيېتقاندا پەقەت سودا - تىجارەتكە باغلىق "كىچىككىنە ۋەقە" بولسىمۇ، لېكىن بۇ "كىچىككىنە ۋەقە" غەرب دۇنياسىنىڭ جۇڭگودا سودا - تىجارەت قىلىۋاتقان شىركەتلىرىنى "دىلغۇل" قىلىپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى "گوگۇل شىركىتى ۋەقەسى " بويىچە جۇڭگونىڭ پوزىتسىيىسىگە قارشى جىددىي پوزىتسىيە بىلدۈردى.

بىراق، "گوگۇل شىركىتى ۋەقەسى" ئىقتىساد ساھەسىدىلا چەكلىنىپ قالمىدى. "قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا " دېگەندەك "كەچ كۈز ھەرىسى" نىڭ ئۇۋىسى بېيجىڭدا مۇستەملىكىچى، كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسى قورغىنى جۇڭنەنخەي تەۋرەپ كەتكەندەك بولدى. دەرھال "تىبەت خىزمىتى يىغىنى" چاقىردى ۋە كەينىدىنلا "شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى" چاقىرماقچى بولدى. يىغىپ ئېيتقاندا، مۇستەملىكە ئۇيغۈرىستاندا ۋە تىبەتتە "مۇقىملىق" بىلەن "تەرەققىيات" مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى، تىبەتتە بولسا "ھالقىما تىپلىق تەرەققىيات "نى يولغا قويماقچى بولدى، بەلكى مۇنداق ھەل قىلىش، تىبەت مەسىلىسىنى دالاي لاما بىلەن بىرلىشىپ ھەل قىلىش بولۇپ قالامدۇ ‏- قانداق؟

خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىگە مۇقىملىق كېرەك بولغاندەك، يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ھەم مۇقىملىق كېرەك ئىدى. ئۇيغۇرلار خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ دەستىدىن ئۆي - ماكانسىز قالماسلىقى، يەر - مۈلكسىز قالماسلىقى، بۇ توغرىدا بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن باستۇرۇلماسلىقى، تۈرمىلەرگە تاشلانماسلىقى، قىرغىن قىلىنماسلىقى كېرەك ئىدى.

بولغۇلۇق بولدى... بۇ قېتىم خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتقان مۇقىملىقى زادى قانداق مۇقىملىق؟ "بىڭتۇەننىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش" دەيدىغان بىر ئىبارە قوشۇلۇپتۇ. بىڭتىۋەننى يەنە قانداق ئۆزگەرتمەكچى؟ بىڭتۈەننى بۇرۇنقىدەك يەرلىككە قوشۇۋەتمەكچىمۇ؟ چۈنكى، بىڭتۈەن يېرىم ھەربىي تۈزۈمدە قېلىۋىرىدىغان بولسا، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندىن چېكىندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ‏ - دە! خۇددى تىبەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان 5ماددىلىق سىياسى شەرتلەر ئىچىدىكى "تىبەتنى ھەربىي ئىشلاردىن خالى رايونغا ئايلاندۇرۇش" دېگەندەك، ئۇيغۇرىستان مەسىلىسى بويىچە "خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش كېرەك" دېيىلىدىغان بولسا، ئاۋۋال بىڭتۈەننى چېكىندۈرۈشى كېرەك بولىدۇ. شۇڭا شۇنداق ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم بىڭتۈەننى قانداق ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدىغاندۇر ؟