ۋەنۋىي تور بېتى: " ئاقساراينىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا شىرىن ئايلارنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى،" دەپ كۆرسەتتى.
مېنىڭ قارىشىمچە، زامان ئەسلىدىن بىر تەتۈر زامان ئىكەن، بىر كۈنى ئوڭ كېلىدىكەن، بىر كۈنى تەتۈر كېلىدىكەن. 2009 -يىلى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بەك كۆرەڭلەپ كەتتى. دۇنيا ئەللىرى ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا پېتىپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قىلچە تەپ - تارتماستىن، ئەندىكىش، ئالدى - ئارقىسىغا قاراش بۇ ياقتا تۇرسۇن، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۈرۈمچى "5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى" نى پەيدا قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتى يارىتىپ بەرگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى ۋاقىتلىق ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونى، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىقتىسادى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزغۇچى دۆلەت ئورنىغا قويۇۋېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئىقتىسادى جەھەتتە تەمتىرەپ تۇرغان بىر پۇرسەتتە، نامايىشچى ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قول سالدى، نامايىشچى ئۇيغۇرلارنى قانلىق قىرغىن قىلدى... تور بېتىگە كىرگەنلىكى، تور بېتى ئاچقانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى قولغا ئېلىپ كەتتى.
ئەمدى قايتىپ كېلەيلۇق، "ۋەنۋىي تور بېتى " مۇنداق كۆرسەتتى:" ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە تارىخى ئەنئەنە بويىچە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كەسكىن تەنقىد قىلىدىغان دېموكراتلار پارتىيىسى مەمۇرىيلىرى مەسىلەن، ئاۋام پالات باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىم، پرېزىدېنت ئوباما، دۆلەت ئشلار كاتىپى ھېلارىي كلىنتون خانىم، ھەممىسى گويا دېگۈدەك جياڭ زېمىننىڭ دىپلوماتىيە تاكتىكىسىنى ئۆگىنىپ ئالغاندەك، كۈلۈپ تۇرۇپ، جىددىي پوزىتسىيىسىنى يۇمشىتىپ، قەددى -قامىتىنى رۇسلاپ خىتاي بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قوپتى. ھەتتا خەلقئارا جەمئىيەتتە 8 دۆلەت گۇرۇھى ئەمدى 2 دۆلەت گۇرۇھى بولغىدەك دېگەن گەپلەر تارقالدى.
لېكىن بۇ خىل كەيپىيات ئۇزۇنغا بارمىدى. پرېزىدېنت ئوباما بىر كېچىدە باي بولغان خىتاينىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى، شىرىن ئايلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى.
"ۋەنۋىي تور بېتى" سابىق پرېزىدېنت كلىنتون دەۋرىدە ئاسىيا ئىشلىرى ۋە بىخەتەرلىك بويىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن كېن لىبېرتالنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ " ئالدىمىزدىكى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئامېرىكا، جۇڭگونىڭ خەلق پۇلىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلامدۇ، يوق؟ مانا بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يۆنۈلۈش خاراكتېرلىك ئۆلچەمدۇر " دەپ كۆرسەتتى.
