سەھەر قالىغاچلىرى ئۇيغۇرنى ئارىغا ئالدى ...
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2009.02.27
2009.02.27
چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ تىبەتلەر ياشايدىغان رايونلىرى ئەندۇ ۋە سىچىۋەنىنىڭ كاڭ رايونلىرىدا ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ ھەر ھەپتىنىڭ 3 - كۈنىنى "لاگې" يەنى "ئاق چارشەنبە كۈنى" دەپ بېكىتتى. "ئاق چارشەنبە كۈنى" دىكى "ئاق" ھەققانىيەتكە، ئادالەتكە ۋەكىللىك قىلاتتى.
بۇ كۈندە بارلىق تىبەتلەر سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، تىبەتچە مىللى كىيىملىرىنى كىيىپ، ئانا تىلى تىبەت تىلدا سۆزلەپ، ئادەتلەنگەن تامىقىنى يەپ، بىر نەرسە سېتىپ ئالماقچى بولسا، تىبەتلەر ئاچقان دۇكانلارغا بېرىپ سېتىپ ئېلىپ، تىبەتلەر ئاچقان ئاشپۇزۇللاردا تاماق يەپ، تاۋار ئېڭى ئۆسكەن تىبەتلەر شۇنداق ئوقەت قىلىپ، بارلىق ھەددى - ھەرىكەتلىرىنى تىبەتلەرنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ تىبەتلەر ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنى ئېتىقادىنى قوغداشقا باشلىدى. نورۋېگىيە تىبەت تىلى رادىئوسى مۇنداق خەۋەر قىلدى: قوللىغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار، كادىرلار، راھىبلار، ئائىلە ئاياللىرى، بالىلار ۋە ياشانغان كىشىلەر بار بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنىنى تىبەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرام كۈنىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى.
ئۆتكەن يىلى لىخاسادا زور كۆلەملىك نامايىش يۈز بەرگەنلىكىنى ھېسابقا ئالغان خىتاي ھۆكۈمىتى قۇراللىق ساقچىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، يەنە بىر قېتىم ۋەقە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالماقتا، چەتئەللىكلەرنىڭ لىخاساغا كىرىشىنى چەكلىمەكتە.
ئويلىنىپ قالدىم. ئۇيغۇرنىڭ بادام دوپپىسى، بەلگە باغلايدىغان پوتىسى، يەكتەك چاپانلىرى، خان ئەتلەسلىرى بار ئىدى... ئويلاپ قالدىم ئۇيغۇرلار شۇ كىيىملىرىنى كىيەمدىغاندۇ، دەپ. ئاڭلىشىمچە بېشىغا دوپپا كىيگەن بىر نەپەر ئۇيغۇرغا ئۇچراپ قالغان يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر بېشىغا دوپپا كىيگەن ئۇيغۇردىن، - ھازىدار بولۇپ قالدىڭمۇ دەپ سورايدىكەن ... ئاڭلىسام تىبەتلەردە مەجبۇرلانغان قوش تىللىق مائارىپ يوق ئىكەن، سىياسى مەھبۇسلارغا تىبەتتە ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان ئىش يوق ئىكەن، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى كوممۇنىست تىبەتلەر ئىچىدە ئومۇملاشتۇرۇپ ئەپكەشكە قاچىلانغان بۇ سىياسەت تېخى تىبەتلىك چارۋىچىلار ئارىسىغا يىتىپ كېلەلمەپتۇ.
خىتاي تىبەتتە نېمىشقا مۇنداق "ئادىل" بولۇپ قالدى؟ خىتاي تىبەتتە نېمىشقا مۇنداق كەڭ قورساق بولۇپ قالدى؟ تىبەت خەلقى تەشكىللەندى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغدايدىغان "ئاق" چارشەنبە" پائالىيىتىنى يولغا قويدى. بىر - بىرىنى خىتايغا چېقىپ قويمىدى، بىر - بېرىنى ھاقارەت قىلمىدى، ئۆز - ئارا ھۆرمەت قىلىشتى. ئىتتىپاقلىشىپ تىبەتلەر قۇدرەتلىك كۇچ ھاسىل قىلىپ ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق ھازىرقى زامان مىللىتىگە ئايلاندى. شۇڭا خىتايلار تىبەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشتا ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
تېخى يېقىندىلا تىبەتلەر تىبەتتە چاغان بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلدى.
ھەر ھەپتىنىڭ 7 - كۈنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ جۈمە كۈنى بار ئىدى، توپلىشپ ئىبادەت قىلىدىغان، كوللېكتىپ پائالىيەت قىلالايدىغان ئۇيغۇرلار خۇددى تىبەتلەرگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداپ قېلىشنىڭ چارىلىرىغا ئىزدىنىپ باققانمىدۇ؟ دىنى ئېتىقادى، تەبىئىى نەسىل قالدۇرۇش ھوقۇقى، بەخىتلىك تۇرمۇش يارىتىش ھوقۇقى، مەۋجۇتلۇق ھوقۇقى تەھدىتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىدىن يامىنى ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىمۇ تەھدىتكە دۇچ كەلدى.
خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرنىڭ ئانا تىلىنى گۆدەكلىرىمىزنىڭ لەۋزىدىن تارتىپ ئالماقچى بولدى. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ۋە گۆدەكلىرىنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش، گۆدەكلەرنى ئۇيغۇرنىڭ مىللى ئەنئەنىسى ئىچىدە تەربىيەلەپ يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشلىرى كېرەك؟ شۇ تاپتا ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ كۆڭلىدىن نېمىلەر كەچكەندۇ؟! چەكسىز سوئاللار ۋە "سەھەر قالىغاچلىرى بىزنى ئارىغا ئالدى "، دېيىشتى ئۇيغۇرلار!