قارىغاندا، قىرغىزىستان 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغان يىللاردىكى گاناغا، 70 - يىللاردىكى بېنگالغا، 80 - يىللاردىكى نامىبىيىگە ئوخشاپ قالدى. بىراق، ئۇ دۆلەتلەر مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۆرەش قىلغان، قىرغىزىستان نېمە ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىدۇ؟ بىر كېچىدە بىر ھاكىمىيەتنى ئالماشتۇرۇش -- 2005 - يىلى ئاقايىف قېچىپ كەتكەن، قىرغىزىستاندا بىر كېچىدە بىر ھاكىمىيەت ئالماشقان،ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئىنقىلاب رەڭلىك ئىنقىلاب دېيىلگەن ئىدى. چۈنكى بىر تامچە قان تۆكۈلمىگەن.
بۇ قېتىم 4 - ئاينىڭ 7 - 8 - كۈنلىرى قىرغىزىستاننىڭ تالاس شەھىرى ۋە بىشكەك شەھىرىدە قان تۆكۈلدى. 100دىن ئارتۇق ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئىنقىلابنى نېمە ئىنقىلاب دەپ ئاتايمىز ئەمدى؟ تارىختا بولۇپ ئۆتكەن مۇشۇ شەكىللىك ئىنقىلابلارنى ماۋزېدۇڭ "خەلق ئۇرۇشى" دەپ ئاتىغان ئىدى.
بۈگۈن بىشكەكنىڭ كوچىلىرىدا بىر پاي زەمبىرەكمۇ يوق ياكى چارلاپ يۈرگەن تانكا، برونىۋىكمۇ يوق، ياكى راكېتا قويۇپ بېرىلگىنى يوق، ياكى ئۇچۇپ يۈرگەن تىك ئۇچارمۇ يوق. پەقەت "خەلق ئۇرۇشى" - -خەلقنىڭ نامايىش قىلىشى ئارقىلىقلا بىر ھۆكۈمەت بىر كېچىدە ئاغدۇرۇلدى. قارىغاندا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى يەنىلا مۇستەبىت ھۆكۈمەت دېگىلى بولمىسا كېرەك.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى قىرغىزىستاننىڭ ۋەزىيىتىگە بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىپتۇ. نېمىشقا "خەلق ئۇرۇشى" قىرغىزىستاندا غەلىبە قىلىدۇ، نېمىشقا جۇڭگودا غەلىبە قىلمايدۇ دېگەن مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلگەنمىدۇ؟ نېمىشقا قىرغىزلار زور كۆلەملىك بىر قېتىملىق نامايىش ئارقىلىقلا بىر كېچىدە بىر ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالايدۇ، نېمىشقا قىرغىزلاردىن بەتتەررەك بەدەل تۆلىگەن ۋە ئۇلاردىن قاۋۇل نامايىش تەشكىللىگەن ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدە مۇستەملىكە ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرالمايدۇ، دېگەن مەسىلىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئويلىنىپ كۆرگەنمىدۇ؟ دېموكراتىك تۈزۈم بىلەن مۇستەبىت تۈزۈم ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىنلا بۇ سوئالغا جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ. لېكىن خىتاي زوراۋانلىرى مۇنداق جاۋابقا تىكىلىپ قارىيالمايدۇ.
ب ب س نىڭ خەۋىرىدە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى سا داۋتۇڭ: نۆۋەتتە قىرغىزىستاندا يېڭى ھاكىمىيەتكە چىققان دائىرىلەر "شىنجاڭ" مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلغۇچى ئۇيغۇرلارنى قوللاش ياكى قوللىماسلىق توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرگەن ئالامەتلەر يوق. لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىقتىسادى جەھەتتە قالاق، بەلكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان قىرغىزىستان ئىقتىسادتا قەد كۆتۈرۈش ھەرىكىتىدە مەغلۇپ بولىدىغانلا بولسا، قىرغىزىستاندا سىياسى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلا بولسا، قىرغىزىستان خۇددى ئافغانىستانغا ئوخشاش "ئۇيغۇرىستانچىلار" ياكى يەنە باشقا رادىكال كۈچلەرنىڭ پائالىيەت بازىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، دېدى دەپ كۆرسەتتى.
خىتاينىڭ ئەندىشىلىك كۈنلەردە قىرغىزىستاننىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئۇيغۇرىستان بىلەن قىرغىزىستاننىڭ 850 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيىسىدە قوشنا بولۇپ تۇرغانلىقىدۇر.
ب ب س جۇڭگونىڭ شىنلاڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئورتا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى شۈي شاۋتيەننىڭ تەھلىلىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: قىرغىزىستاندا ئوخشاش بولمىغان سىياسى كۈچلەرنىڭ كەينىدە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۆلەڭگۈسى بار... ئەگەر چەتئەلنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمىگەن ئەھۋالدا، ھەر قايسى سىياسى كۈچلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ باقىيېف ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى دەپ كۆرسەتتى.
ب ب س جۇڭگو، رۇسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر قىرغىزىستاندا تەسىرىنى كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆتكەن يىلى بىشكەكتە رۇس تىلى پروگراممىسى ئاچقاندا، قىرغىزىستاندا بەزىلەر "قارشى ئالىمىز" دېگەن، بەزىلەر بۇ ئىشقا ئىقتىسادى تەرەپتىن كۆڭۈل بۆلگەن، بەزىلەر بۇ ئىش قارانىيەت خىتاي جاھانگىرلىكىنىڭ قارا نىيىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى دېگەن. دەل مۇشۇنداق سىياسى قاراشقا ئىگە بىر سىياسى پارتىيە بۈگۈن بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتناشتى دەپ كۆرسەتتى ب ب س.