بۈيۈك تىبەت تەشەببۇسى " ئىرقىي ئايرىمىچىلىق " مۇ؟

يېقىندا خىتاي نەزەرىيىچى خەن جۇي ئەپەندى ئامېرىكىدىكى دوۋېي تور بېتىگە ماقالە يېزىپ، بۈيۈك تىبەت نەزىرىيىسىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. خەن جۇي ئەپەندى، تىبەت ئاپتونوم رايونى ۋە سىچۈەن، گەنسۇ، چىڭخەيلەردىكى تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك تىبەت تەشەببۇسىنى " ئىرقىي ئايرىمىچىلىقتۇر،" دەپ تەكىتلىگەن.

0:00 / 0:00

لېكىن ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى ئەپەندى، خەن جۇينىڭ پىكىرى مىللىي توقۇنۇشنى سۇسلاشتۇرۇش، مىللىي مەسىلىنى ئەتەي ئىرقىي مەسىلىگە ئايلاندۇرۇشتۇر، دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.