ئاپتور مىخائىل تىتارىنكو "يىراق شەرقنىڭ گېئوپولىتىكىلىق ئەھمىيىتى" ماۋزۇلۇق كىتابىدا، "خىتاي تەھدىتى" نەزەرىيىلىرىگە رەددىيە بېرىپ، خىتاينىڭ مەبلىغى ۋە ئەمگەك كۈچىنى قۇبۇل قىلىپ، سىبىرىيە ۋە يىراق شەرق رايونىنى ئېچىشنى تەشەببۇس قىلدى ۋە بۇ تەشەببۇسنى رۇسىيىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھىسى دەپ ئاتىدى. رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدە يېقىندىن بېرى نامايىش كۆتۈرۈلۈپ ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
2012 - يىلى ئاسىيا، تىنچ ئوكيان يىغىنى چاقىرىلغىچە ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. يېڭى ئەسىر كىرگەندىن باشلاپ موسكۋا كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيىنى يولغا قويۇپ، ياۋروپا ۋە ئاسىيادا رۇسىيىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى تىكلىمەكچى بولدى. رۇسىيە - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتتى دېگەندىمۇ، لېكىن دائىم دېگۈدەك ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى بەزى ئىشلارغا دۇچار بولۇپ تۇردى.
رۇسىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا غەربپەرەس كۈچلەر ۋە مەنپەئەت گۇرۇھلىرى دائىم دېگۈدەك خىتاي تەھدىدى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ تۇرغاچقا، بۇ نەزەرىيە ھاكىمىيەت ئىچىدە مەلۇم بازارغا ئىگە ئىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلمىغاندا رۇسىيە - خىتاي ھەمكارلىقىدىن مەسىلە چىقاتتى.
مىخائىل تىتارىنكو كىتابىدا رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق سىياسىتىنى ۋە رۇس خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت كۆز قاراشلىرىنى ئەتراپلىق شەرھلىدى. "رۇسىيىنىڭ ئاسىيا سىياسىتى" دېگەن بابىدا ئاپتور : روسىيە جىددى پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ، بىز ياكى سىياسى ئىرادىمىزنى ئىپادىلەپ، خىتاي بىلەن ئەتراپلىق ھەمكارلىشىپ، سىبىرىيە ۋە يىراق شەرقنى ئېچىشىمىز يەنە ئوخشاشلا خىتاينىڭ غەربىنى ئېچىشقا قاتنىشىشىمىز كېرەك ياكى "خىتاي تەھدىتى نەزەرىيىسى" نىڭ بىر تەرەپلىمىلىكىگە ۋە ئەپسانىلىرىغا تىز پۈكۈپ تەسلىم بولۇپ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ، بۇنىڭ دىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتنى ھۆددىگە ئېلىشىمىز كېرەك دەپ كۆرسەتتى. مىخائىل تىتارىنكو خىتاينىڭ فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان كىشى ئىكەن.
مىخائىل تىتارىنكو خىتاينىڭ غەربنى ئېچىشىغا قاتنىشىشىمىز كېرەك دېگەندە، مەن 1950 - يىلى ستالىن بىلەن ماۋزېدۇڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن "موسكۋا شەرتنامىسى" نى ئويلاپ قالدىم. مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ ئالتاي بىرال كېنىنى بىرلىشىپ ئېچىش، مايتاغ، قاراماي نېفىتلىكىنى بىرلىشىپ ئېچىش،' ئۇلۇغچات كەنشىۋەدە (خىتاي تىلىدا كاڭ سۇ) تۆمۈر، كۆمۈر كانلىرىنى بىرلىشىپ ئېچىش قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ "موسكۋا شەرتنامىسى" غا كىرگۈزۈلگەنلىكى "ماۋزېدۇڭ ۋە ستالىن" ماۋزۇلۇق كىتابتا قەيت قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن تىتارىنكو شۇ شەرتنامىنى ئېسىگە ئېلىپ خىتاينىڭ ئاتالمىش غەربىي يۇرتىنى بىرلىشىپ ئاچماقچى بولدىمۇ؟
تېخىمۇ قىزىقى شۇ يەردىكى، لېنىن، ستالىن خىتايغا خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى قۇرۇپ بەرگەندە، گومىنداڭنىڭ گېنېرالى جاڭ جىجۇڭنى KGB غا جاسۇسلۇققا تەربىيىلىگەن. ستالىن ياپونىيىگە ئەۋەتكەن جاسۇسى زورگى ئارقىلىق تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۇچلاپ تۇرغان بولسا،" ماۋزېدۇڭ توغرىسىدا بىلىۋېلىنمىغان ھېكايىلەر" ماۋزۇلۇق كىتابتا تەسۋىرلىنىشىچە، ستالىن KGB نىڭ خىتاي جاسۇسى جاڭ جىجۇڭ ئارقىلىق ، ئەسلىدە مانجۇرىيە دۆلىتىنى قۇرۇپلا ، شۇ يەردە توختاپ قالماقچى بولغان ياپونىيە ئارمىيىسىنى خىتاينىڭ جەنۇبى جۇڭگو رايونىغا باشلاپ كىرىپ، شاڭخەيگە تاجاۋۇز قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ياپونىيىنى ئۇلۇغ ئوكيان ئۇرۇشىنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويۇپ رۇسىيىگە تاجاۋۇز قىلىش ئېھتىماللىقىنى پۈتۈنلەي تۈگەتكەن ئىدى.
تېخىمۇ قىزىقى شۇ يەردىكى، يەنە شۇ جاڭ جىجۇڭ گومىنداڭ خىتايلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ئۈرۈمچى سۆھبىتىگە قاتناشقاندا ئوخشاشلا ستالىننىڭ ۋەكىلى بولۇپ قاتناشقانمۇ، يوق؟ ئەگەر جاڭ جىجۇڭ ستالىننىڭ ۋەكىلى بولۇپ ئۈرۈمچى سۆھبىتىگە قاتناشقان بولسا، خىتاي بىلەن توختام تۈزۈپ ئۇيغۇرىستاننى سېتىۋەتكەنمۇ ستالىن، KGB نىڭ جاسۇسى جاڭ جىجۇڭ ئارقىلىق ئۈرۈمچى سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغانمۇ ستالىن بولۇپ چىقىدۇ. ئەينى چاغدا ستالىن جاڭ جىجۇڭنى ئىشلەتكەن بولسا، ئەمدىلىكتە خۇ جىنتاۋ مىخائىل تىتارىنكونى ئىشقا سېلىۋاتامدۇ، قانداق؟