كاپىتالىستىك ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنىڭ خەلقئارالىشىشى

دەۋرىمىزدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋاب بېرىشى تەسكە توختاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى كىشىلىك ھوقۇق ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئەلا پرىنسىپىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن ئۇ زور خەلقئارا كرىزىسلەردە دائىم بۇ مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

بۇنىڭ تىپىك مىسالى دارفۇر مەسىلىسىدە ب د ت نىڭ دارفۇرغا قوشۇن ئەۋەتىش قارارىنى قوللىغانلىقى ئىدى. ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى ئەپەندى بولسا دەۋرىمىزدە كىشىلىك ھوقۇق ئەلا پرىنسىپى سىياسەتنى خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ روشەن بايرىقى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.