ئۈمىد، ئۈمىدسىزلىك ۋە ئېتىقاد ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

كونىلاردا "روھى چۈشكەن ئادەمنىڭ ئېتىمۇ چاپالمايدۇ " دېگەن تەمسىل بار. ئۈمىدسىزلىك نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىشىلەرگە بولۇپمۇ ياشلارغا ئېغىر يۈك بولۇپ قېلىۋاتقان روھىي قىيىنچىلىقلاردىن بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلىرىدە دائىم شېئىر يېزىپ تۇرىدىغان بىر شائىر قىز ئۆزىنىڭ ئۈمىدسىزلىكىنى مۇنداق يازغان، "ئۆلۈمدىن باشقىسى يالغان ئىكەن."

بۇنىڭغا قارىتا ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، بۇ شائىر قىزنىڭ " بىر كېچىدە ئۈمىدسىز قىزغا ئايلىنىپ قالغانلىقى"دىن قەلبى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.