بىر ئانىدىن تۇغۇلۇش، ئۇيغۇر بالىسى بولۇش شۇنچىلىك ساددا، تەبئىي ھالەتكى، ئەمما ئىجتىمائىيلىق بۇ ساددا ھالەتنى مۇرەككەپلەشتۈرىدىغان بىر بۈيۈك كۈچتۇر. ئادەم ئاۋۋال ئائىلىگە ئاندىن جەمئىيەتكە تەئەللۇق ئادەمدۇر. ئاخىرقى ھېسابتا ئائىلىمۇ، ھەر بىر ئادەممۇ ئوخشاشلا جەمئىيەتكە تەئەللۇقتۇر. ئادەم دەسلەپتە ئالاھىدە ماكان ۋە ئالاھىدە زامان ئىچىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئىنسانغا كېرەك بولىدىغان كونكرېت ئالاھىدىلىكلەر ۋە بەلگىلىنىشلەر كېيىن ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئىرادىسى ۋە تاللىشى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغان نەتىجە ۋە ئاقىۋەتتۇر.
ئادەم مەۋجۇتلۇققا ئىگە ئادەم، ئاندىن ئۆزىنى ئاشكارىلىغۇچى ۋە مەيدانغا چىققۇچىدۇر.
كوممۇنىست خىتايلار ئادەمنى ھېسسىياتى يوق، پىكرى يوق، تەپەككۇر ئىقتىدارى يوق، بەلكى تەۋەلىكى يوق، پەقەت بىر سىنىپ، پەقەت كوممۇنىست خىتايغا مەنسۇپ بولغان ئادەم قىلىپ تەربىيىلىمەكچى بولىدۇ ياكى بۇيرۇقنىلا ئىجرا قىلىدىغان بويۇن تاۋلىق قىلمايدىغان ماڭقۇرت قىلىپ تەربىيىلىمەكچى بولىدۇ.
خىتاينىڭ نۆۋەتتە قوش تىللىق مائارىپ نامىدا ئۇيغۇر گۆدەكلەرنى بىر تىللىق، پەقەت خىتاي تىلى بىلەنلا سۆزلەيدىغان ماڭقۇرت قىلىپ تەربىيىلىمەكچى بولغانلىقى ئۇيغۇرنىڭ نەسلىنى ئۇيغۈردىن ئايرىۋېتىش، ئۇيغۇرنىڭ تىلىنى ئۇيغۇردىن ئايرىۋېتىش، ئۇيغۇرنىڭ ھېسسىياتىنى ئۇيغۇردىن ئايرىۋېتىش، ئۇيغۇرنى ۋەتىنىدىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىجتىمائى قۇرۇلۇش بۇلۇپ، بۇ سىياسەتكە قارشى ئۇيغۇرلار جان تىكىپ كۆرەش قىلىۋاتىدۇ.
بۇ يولدا ئۇيغۇر بولۇپ ياشىغۇچى، ئۇيغۇر ئادەم بولغۇچى، ئۇيغۇر بالىلىرى كەينى - كەينىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ، ئادەم ئۆزىدىن باشقا بىر نەرسىگە ئايلانمايدۇ، بەلكى ئەسلىدىكى ئادەم ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزىگە كېرەك بولغان، خىتايغا كېرەك بولغان ئەمەس، بەلكى پەقەت ئۆزىگە كېرەك بولغان، ئۇيغۇر بۇ مىللەتكە كېرەك بولغان ئادەمنى تەربىيىلەپ چىقىدۇ.
ماتېرىيالىزمچى خىتايلار دەيدۇكى، ماددا، بۇيۇم سۈپىتىدە ھەر قانداق نەرسە پاسسىپ بولىدۇ، ئادەم ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى ياساپ چىقالمايدۇ، تاللاپ ئالالمايدۇ، تاشقى دۇنيا تەرتىپسىز بولىدۇ، تەسادىپلىققا تولغان بولىدۇ، سەۋەب - نەتىجىلىك، مۇقەررەرلىكمۇ يوق، قانۇنىيەتلىرىمۇ بولمايدۇ، ساپ ۋە مۇتلەق ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ دۇنيانىڭ ماھىيىتىمۇ يوق، شۇڭا ھەر بىر ئادەم كوممۇنىست خىتاينىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىش كېرەك دېيىشىدۇ.
بىزنىڭچە، دۇنيانىڭ ماھىيىتى، ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى - پەقەت دۇنيادا ياشاۋاتقان ئادەم، ئادەمنىڭ ئوبيېكتى بولغاندىلا دۇنيا ئاندىن ماھىيەتكە، ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغان دۇنيادۇر. بىزنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىمىز، ئادەمنى ئادەمنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇش يەنى ئۇيغۇرنى ئۇيغۇرنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇش، ئۇيغۇر ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ماھىيەت ئاتا قىلىش، ئۇيغۇر ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئەھمىيەت ئاتا قىلىش، ئۇيغۇرنىڭ ساپلاشقان ئېڭىنىڭ ياكى ھەمدە ئۇيغۇرنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مىللى ئېڭىنىڭ كۆرسەتكۈچى يەنى ھەر بىر ئۇيغۇر ئادەم ئەتراپىدىكى مۇھىتقا، تاشقى دۇنياغا يۈزلەنگەندە سېلىشتۇرۇش ئىچىدە ھەر بىر ئۇيغۇر ئادەم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ.
ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى تونۇپ يېتەلىگەندىلا ھەر بىر ئۇيغۇر، ئاندىن ئۇيغۇر بالىسى بولالايدۇ. شۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى خىتاي ئېيتىپ بەرمەيدۇ، خىتاي چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ. تامام ئەكسىچە، ئۇيغۇرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇر چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇيغۇرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇر ئېيتىپ بېرىدۇ، ئۇيغۇر ئۆزى ئۈچۈن ئۆزىنى ھەرىكەت ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ، ئۆزى ئۈچۈن ئۆزىنى ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.
بۈگۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر بالىلىرى پىشىپ يېتىلىپ كەلمەكتە.
