"ئارىمىزدىن كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان ئادىمى ھايۋانلار باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىزنى باشقىلار ئالدىدا باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋەتتى، ئەرلىرىمىز كېچىلىك بەزمەخانا، رەڭلىك سورۇنلاردىن، ئاياللىرىمىز ئايىقى يوق قاتار چايلاردىن بىكار بولالمىغاچ، گۈدەك نارىسىدىلەر ئىشىكى قۇلۇپلاقلىق ئۆيلەردە مۇڭلانماقتا، قورقۇپ تۈگۈلمەكتە. بىز ھازىر بايلىق دەپ قاراۋاتقان نەرسە زادى نېمە؟ ئەمما بىزنىڭ روھىيىتىمىزدىكى نامراتلىقنى، مەنىۋىي گادايلىقنى كۆزىتىپ باقتۇقمۇ؟... رىستۇرانلاردا بۇزۇپ -چېچىپ، يەپ- ئېچىپ ئويناش، نەغمە- مەشرەپلەر بىزنىڭ بايلىقىمىزنىڭ نامايەندىسىمۇ؟...مەئىشەتلىك تۇرمۇش بىزنىڭ بايلىقىمىزمۇ؟ ئەجەبا، بايلىقنىڭ ئۆلچىمى بار ئىكەن، مەنىۋىي گادايلىقىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى يوقمۇ؟ ئەتراپىمىزدىكى قىيىن تۇرمۇش شارائىتىدا جان تالىشىۋاتقانلارنى كۆرەلىدۇقمۇ ياكى كۆرۈشنى خالىمىدۇقمۇ؟ پۇللىرىڭىزنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئەتراپىڭىزدىكى شۇ كىشىلەرگە سەرپ قىلسىڭىز بۇ قىلغانلىرىڭىز جانابى ئاللاھقا يەتمەسمىدى؟ "
ئاپتۇر ماقالىسىدە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئەينەكتەك يورۇتۇپ بەرگەن. بىر مىللەت، بىر جەمئىيەت نېمىشقا مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدى؟ ھوقۇق بىلەن مۇستەملىكە جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ھوقۇق بىلەن مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ھوقۇق بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ھوقۇق بىلەن مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلغاندىلا مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستان جەمئىيىتىنىڭ نېمىشقا شۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى، يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان خىتاي مىللىي بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ قوشلاپ زۇلۇمىنى قوشلاپ تارتماقتا. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە زىيالىيلار مىللەتكە نېمە ئىش قىلىپ بەردى دېگەن سوئال - سوراقلار ئارقا -ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەگەر زىيالىيلارنىڭ مەيدانى توغرا بولمىسا،زىيالىيلارنىڭ قەلبىدە ۋەتەن دېگەن ئىسىم ئورۇن ئالمىغان بولسا، بۇنداق زىيالىيلار ۋەتىنىگە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلىشى مۇمكىن ئىدى؟ ئۆز مىللىتىگە قارشى ئالا-توپىلاڭ كۆتەرگەن كىشى زىيالىيمۇ ياكى ئۆز مىللىتىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان كىشىلەر زىيالىيمۇ؟ ئۆلچەم نېمە؟ ماركس كوممۇنىستلار خىتابنامىسىدە مۇنداق كۆرسەتكەن: " بۇرژۇئازىيە ۋىراچنى، ھوقۇقشۇناسنى، شائىرنى ۋە ئىلىم- پەن ئەھلىلىرىنى پۇلغا ياللىنىپ ئىشلەيدىغان ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە ئايلاندۇردى".
دەرۋەقە، بۈگۈن بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ۋە ئايرىم قوشاقچىلارنى ماركسىزم تەلىماتىغا چوقۇنىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى ئەنە شۇنداق پۇلغا ياللىنىپ ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرگە ئايلاندۇردى. مەسىلەن، بىر نەپەر قوشاقچى مەلۇم تور بېتىگە قوشاق يازغاندا " سۇخەنچى دېھقانلار" دەپ ماۋزۇ قويدى. ئايرىم ئادەم بولسا بۇ باشقا بىر گەپ، مىللەتنىڭ گەۋدىسى ئۇيغۇر دېھقانلىرى نېمىشقا سۇخەنچى بولۇپ قالدى؟ قوشاقچى شۇ دېھقانلارنىڭ پەرزەنتى ئەمەسمۇ؟ ھاقارەتلەنگەن ئانا - دادا دېھقان شۇ قوشاقچىنىڭ ئانىسى، دادىسى ئەمەسمۇ؟ شۇڭا، "ئۇنىڭ كۆڭلىگە خوتۇنىدەك ياقىسەن" دەپ قوشاق تۈزۈپ، روھى پاكىز، ۋۇجۇدى غۇبارسىز ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ھاقارەتلەشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار ئىدى؟
ھوقۇق ماركسىزمنىڭ تەلىماتىغا كۆرە، سىنىپى ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا، ھوقۇق ماكىس ۋىئېيبىئېرنىڭ تەلىماتىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ ھادىسە؛ ھوقۇق ئۇقۇمىغا ماكىس ۋىئېيبىئېر: "ھوقۇق- شەخس ۋە گۇرۇھلارنىڭ ھەر قانداق بىر كىشى قارشى تۇرغان ئەھۋالدىمۇ كۈرەش قىلغۇچى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئارزولىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان پۇرسەت دەپ،" تەبىر بەرگەن.
ھوقۇق بۇ يەردە ئىقتىسادى، مەرتىۋە، سىياسىي تۈزۈمگە خاس بولغان مەنبەنىڭ بىر خىل ئىقتىدارى دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا مەرتىۋە، ئورۇن، دەرىجە قاراشلىرى، ھوقۇقنىڭ مەنبىئى بولۇپ قالىدۇ. سىياسىي پارتىيىلەرنى قۇرۇش، ئىشچىلار سايۈزى ۋە دىنىي جەمئىيەتلەرنى قۇرۇش، دېھقانلار جەمئىيەتلىرىگە ئويۇشۇش ھوقۇقلىرىغا ئېرىشەلمىگەن بىر جەمئىيەتتە ھوقۇقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ سىياسىۋىيلەشكەن ھوقۇقلۇق جەمئىيەتلىرى يوق. ئەكسىچە، ئۇلار ھوقۇقسىز ئورۇندا ئىزىلىۋاتقان بىر تەبىقە.
شۇنداق ئاجىز ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بۈگۈن، "سۇخەنچى دېھقانلار" دەپ ھاقارەتلەش خىتاي تەرەپكە يۈزلىنىپ، مىللەتتىن ئاينىپ كەتكەن قوشاقچىنىڭ كەچۈرگىلى بولمايدىغان قىلمىشى بولۇپ قالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ بۇ ئوبزورىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىيالايسىز.
0:00 / 0:00
