بۇ ئاز سانلىق مىللەتتىن تۇنجى بولۇپ ئايروپىلان ياسىغان كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئارىدىن 12يىل ئۆتكەندە، ئەزىز تۇرپان دىيارىدا يەنە مۇشۇنداق مۆجىزىلەر بارلىققا كەلمەكتە. ھازىر تۇرپاندا " ئاۋىئاتىسيە كۇلۇبى " قۇرۇلۇپ، بىر قىسىم ياش ئۇيغۇر ھەۋەسكارلار ئۆزلىرى قول سېلىپ ياساپ چىققان پاراشۇتلۇق ئايروپىلان كۆككە مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆتۈرۈلۈپ ئۇيغۇرنىڭ يەنە بىر قېتىم قەددىنى رۇسلىشىغا، ئۇيغۇر ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرىنى نامايان قىلىشىغا تۈرتكە بولدى...
مەن تور بېتىدە نەق مەيدان كۆرۈنۈشىدىن، ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلان ماتورىنىڭ ئاۋازىدىن ھۇزۇرلاندىم. ئابدۇللا قادىردىن پەخىرلەندۇق. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھاياجېنىنى باسالمىدى. ئۇيغۇر روھى يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى كۆرسەتتى. ئۇيغۇرنىڭ ئەقلى زادى قانداق ئەقىل؟ ئىجادىيەتكە، ئىختىراغا، كەشپىياتقا ئۆتكەندە ئابدۇللا قادىر ئۇيغۇر ئەقلىنىڭ زادى قانداق ئەقىل ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويدى، دېيىشتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار.
20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا ئوغرى ئاتىلىپ، 40 - يىللاردا باندىت ئاتىلىپ، 90 - يىللاردىن باشلاپ تېررورچى، دىنىي رادىكال ئاتىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بۈگۈن نەچچە مىڭ يىللىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت روھىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى خەلقى ئالەمگە يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويدى. "ئۇيغۇر تىلىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى" دېيىلگەن ئەمەسمىدى؟ ئايروپىلان ياساشقا قوزغىتىلغان تەپەككۇرنىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلەن قانداق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكى سىزگە ئايان بولمىدىمۇ ئەپەندىم؟ زامانغا ماسلىشالمىدى، دېيىلگەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈن ئابدۇللا قادىرنىڭ تەپەككۇرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ماددى مەدەنىيەتمۇ يارىتالايدىغان تەپەككۈرگە ئاشىنا تىل ئىكەنلىكىنى كىم ئىنكار قىلالايدۇ؟
خەۋەردە: " بۇ ئاز سانلىق مىللەتتىن تۇنجى بولۇپ ئايروپىلان ياسىغان كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دېيىلگەن بىر جۈملە، خەۋەردە جايىغا چۈشكەن جۈملە ھېسابلانسىمۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىدە تازا جايىغا چۈشمىگەن بىر جۈملە بولۇپ قالدى. كۆپ سانلىق مىللەتتىن كىم، قاچان، قەيەردە ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئايروپىلان ياسىغان ئىكەن؟
رۇسىيىلىكلەرنىڭ " مىئېگ" ماركىلىق ئايروپىلان ياساش زاۋۇتىنى سېتىپ ئېلىپ جۇڭگوغا يۆتكەپ كېلىپ، ھەربىي سانائەت تورىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو پۇقرالىرى 3 يىل ئاچارچىلىققا گىرىپتار بولۇپ، 80 مىليون ئادەمنىڭ جېنىنى بەدەل قىلىپ تۆلىگەن ئەمەسمىدى؟" تۇرپان 1 - نومۇرلۇق " ئايروپىلاننى ياساپ ئاسمانغا چىقارغان، شۇ قاتاردا ئۇيغۇرنىڭ ئەقلى - شۆھرىتىنى تەنتەنە قىلغان ئابدۇللا قادىر ئەپەندى، نە تېخنىكىلىق ياردەمگە، نە تەتقىقات تۈرلىرىگە ئاجرىتىپ بېرىلىدىغان ئىقتىسادى ياردەمگە ئېرىشمەي تۇرۇپ، سىتانوكلۇق زاۋۇتلارنى قۇرماي تۇرۇپمۇ، پەقەت دوستلىرىنىڭ قوللىشىغا، تۇرپان خەلقىنىڭ مەدەت بېرىشىگە ئېرىشىپلا قەدىمى ئۇيغۇرىستان دىيارىدا مۇجىزە ياراتتى.
ئۇيغۇرنىڭ ياسىغان ئايروپىلانى ئاسمانغا چىقتى، ئۇيغۇرنىڭ شان - شۆھرىتى ئالەمگە چىقتى، ئۇيغۇرنىڭ ئارزۇ - تىلەكلىرى قەپەزدىن چىقتى. پەخىرلەن ئۇيغۇر ! ئەگەر ئۇيغۇر مائارىپى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىمىغان بولسا، ئەگەر ئۇيغۇرنىڭ مائارىپى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ تارىخىنى سۆزلەيدىغان كونسىپىك ماتېرىياللىرىنىڭ بېسىمىدىن ئازات بولغان بولسا، ئەگەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار،ئوقۇغۇچىلارغا دوگما، قاتمال كونسىپىك ماتېرىياللىرىنى ئوقۇپ بېرىشتىن، ئوقۇغۇچىلار كونا كونسىپىكلارنى يادلاشتىن ئازات بولىدىغان بولسا، ئەگەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقىت - پۇرسەتلىرى مىڭىنى يۇيۇش، سىياسىي ئۆگىنىشلەر بىلەن ئىسراپ قىلىنمايدىغان بولسا، ئەگەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۇلىنىڭ،تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ بېسىمىغا، غەملىرىگە دۇچار بولمايدىغان بولسا، بارلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلغۇچى، تەپەككۇرنىڭ ئازادلىقىنى، ئىقتىدارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان، ئىنسان خاراكتېرىنىڭ تەبىئىي تەرەققى قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئاساسىي قانۇنلۇق بىر دۆلەتتە ياشىغان بولسا، ئۇيغۇر ياشلىرى نى - نى ئىشلارنى قىلالىغان بولاتتى ۋە نى - نى كەشپىياتلارنى ئىختىرا قىلالىغان بولاتتى.
ئۇيغۇر سېنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ ئابدۇللا قادىر ئەپەندى! ئۆزەڭگە دىققەت قىل ئۇيغۇرنىڭ ئوغلى!
